تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم: سۆيگۈ قەبرىسى (پوۋېست)

سۆيگۈ قەبرىسى

(پوۋېست)

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم

مۇقەددىمە

− كەل دوستۇم، كەل! شۇ تاپتا سېنى كېلىپ قالىدۇ دەپ يولۇڭغا قاراپ تۇرغانىدىم.

− ساقلىتىپ قويدۇم، كەچۈرگىن.

− ھېچقىسى يوق، تەتىل قىلىپ كەلگىنىڭگە تېخى ئۈچ كۈن بولدى ئەمەسمۇ. سېغىنىپ كەتكەن بالىلىرىڭنىڭ سېنى سىرتقا چىقارماسلىق كويىدا بولۇشىنى بىلىمەن...

− شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى-دە سەن. ئەگەر مەندىمۇ شۇنداق تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بولىدىغان بولسا، ساڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىمنى ئۆزۈملا يېزىۋەتكەن بولاتتىم.

− راستىنى ئېيتقاندا، سەندە ئۇ قابىلىيەت يوقمۇ ئەمەس. مانا، «بىزنىڭ نەسەبلىرىمىز» دېگەن مۇشۇ كىتابىڭلا بۇنىڭغا ياخشى ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ . ئەسلىدە سەن ماڭا سۆزلەپ بېرىپ، مەن ۋاسىتىچى بولۇپ يازغاندىن كۆرە، ئۆزۈڭ بىۋاسىتىلا يازساڭ ئەسەر تېخىمۇ جانلىق، ھېسسىياتلىق چىققان بولاتتى.

− ياق، يەنىلا سېنىڭ يازغىنىڭ تۈزۈك. مېنىڭ قەلىمىم قوپال. ئۇ پەقەت كۆمۈلگەن ۋە كۆمۈلۈۋاتقان تارىخىي ئىزلىرىمىزنى ئېچىشقىلا باپ. ھالبۇكى، مېنىڭ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىم دەل ھازىر يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق. تۈنۈگۈننىڭ بۈگۈن ئۈچۈن تارىخ بولۇپ قالىدىغىنىغا ئوخشاش، بۈگۈنكى ئاشۇ رېئاللىقنىڭمۇ ئەتە ئۈچۈن بىر تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئەتىنىڭ تارىخىنى بۈگۈن يېزىش مۇمكىن ئەمەس...

− كەچۈر، گېپىڭنى بۆلۈۋەتتىم. ئەسەردە ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك يۈكسەك پىكىرلىك ئەدەبىي سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ. ئۈنئالغۇنى ئېچىپ قوياي...

− ئەگەر راستتىنلا مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەسەرگە كىرگۈزۈش زۆرۈر دەپ قارىساڭ، ئۇ ھالدا پەقەت «سۆيگۈ قەبرىسى» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا كىرگۈزۈپ قويغىن. چۈنكى مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغانلىرىم−مەن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارغان ئاشۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا، بىر يىلدىن بۇيان قاغجىرىغان، ئەمما پاك ۋە مەسۈم يۈرەكلەرگە يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىد بىلەن تۆرىلىپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان، بىراق ئورۇنسىز تارتىنىش، جۈرئەتسىزلىك ۋە ئادەت كۈچلىرىنىڭ گال قىڭراقلىرىدا ۋاقىتسىز بوغۇزلىنىپ، مۇراد-مەقسەتلىرىنىڭ مىڭدىن بىرىگە يەتمەيلا يەنە ئاشۇ پاك، مەسۈم يۈرەكلەرگە دەپنە قىلىۋېتىلگەن گۇناھسىز بىچارە سۆيگۈ ھەققىدىلا بولىدۇ.

− چۈشەندىم، دېگىنىڭدەك قىلىمەن.

1

− ئادەتتە كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەر، ۋەقەلىك يۈز بېرىدىغان مۇھىتنى كىتابخانلارغا سۈرەتلەپ بېرىشتىن باشلىنىدىغۇ دەيمەن. مەنمۇ ئاۋۋال ئىنستىتۇتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھىتىنى بىر قۇر سۆزلەپ بېرەي: ناۋادا ئاشۇ ئىنستىتۇتقا بېرىپ قالساڭ، خەنزۇچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، چاۋشيەنچە ۋە ئەڭ ئاستىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا ئېسىلغان تۆمۈر دەرۋازىدىن كىرىشىڭ بىلەنلا، ئىككى تەرىپى ياپيېشىل ئارچىلار بىلەن زىننەتلەنگەن تۈپتۈز ئاسفالت يول ۋە يولدا كېلىۋاتقان-كېتىۋاتقان توپ-توپ ئوغۇل-قىزلار كۆزۈڭگە تاشلىنىدۇ. يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى پاكار زىننەت دەرەخلىرى ئارقىسىدا، پەلەمپەيگە ئوخشاش بىردىن يەنە بىرى ئېگىز بولغان قات-قات بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سول تەرەپتە بولسا قارىغاي، ئارچا ۋە يەنە بۇ يەرلەردە بولمىغان ھەر خىل دەرەخلەر؛ دەرەخلەر ئارىلىقىدا ئۈستى تۈرلۈك نەقىشلەر بىلەن زىننەتلىنىپ، تۈۋرۈكلىرى قىزىل سىرلانغان راۋاقلار ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. راۋاق ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خاتىرجەم كىتاب كۆرۈۋاتقان قىزلارغا قاراپ مەستلىكىڭ كېلىدۇ. ئاسفالت يولنىڭ قايرىلىدىغان دوقمۇشىغا چوڭ كىنوخانىدەك، كىچىكلىرىمۇ ئۈچ-تۆت يۈز كىشىلىك چىقىدىغان بەش ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ئاشخانا ئالدىدىن بارغانچە ئېگىزلەپ ئەگىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ  بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە كونىراپ كەتكەن ئوقۇتۇش بىنالىرى بىرقىسما چوقچىيىپ  تۇرىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ماڭساڭ ئاسفالت يولنىڭ ئاخىرى 60 پەلەمپەيلىك تىك پەشتاققا تاقىلىپ تۈگەيدۇ. كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشۇ پەشتاقتىن ئالتە قېتىم چىقىپ-چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، بالىلار ئۇنى ساناپ چىقىشقان . پەشتاقتىن چىقساڭ بىر-بىرىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان ئۈچ يۈرۈش ياتاق بىناسى؛ بۇ بىنالار قىزلار بىناسى، ئوتتۇرا بىنا ۋە شەرقىي  بىنا دەپ ئايرىلىدۇ. قىزلار بىناسىغا ئوغۇللارنىڭ كىرىشى قاتتىق كونترول قىلىنىپ، كىنىشكىنى زاكالەت قويۇپ كىرىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان  بىراق ھەرقانداق بىر كىنىشكىنىڭ مۇقاۋىسى بولسىلا بولىدۇكى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ. ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىدە قىزلار كۆرۈنەرلىك ئاز بولغىنى ئۈچۈن، قىزلار ياتاق بىناسى قەۋەت ۋە كارىدورلار بويىچە توسۇلۇپ، پۈتۈن بىنانىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئوغۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەيلى قىزلار ياكى ئوغۇللار بىناسى بولسۇن، دېرىزىدىن قارىساڭ پۈتۈن شەھەر، ھەتتا شەھەرنىڭ ئۇ تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكلىدە قورشاپ تۇرغان ئاق مۇنار گويا پۇتۇڭنىڭ ئۇچىدىلا تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ياتاق بىنالىرىنىڭ ئارقىسى گاۋلەنشەن تېغىغا تۇتاش بولۇپ، تاغنىڭ قۇيرۇق قىسمى «لۇڭۋىيشەن»، يەنى ئەجدىھا قۇيرۇق تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاغ ئۈستىگە چىقساڭ، شەھەرنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ ئاقىدىغان ئەزىم خۇاڭخې دەرياسى، گويا شەرققە قاراپ ئاستا تولغىنىپ  ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان غايەت زور كۈمۈش ئەجدىھادەك ئاقىرىپ كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئىشقىلىپ ئىنستىتۇتنىڭ ماددىي مۇھىتى خۇددى ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدەك، كىشىگە ئۆزىگە خاس تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. بىراق مەنىۋى مۇھىت ئۇنچىلا ئەمەس. گەرچە مەن ھازىر ئاشۇ ئىنستىتۇتنىڭ بىر ستۇدېنتى ھېسابلانساممۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىر يىلدىن بۇيان ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئۆزۈممۇ بىۋاسىتە قاتنىشىپ تولۇقى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ئاشۇ رېئاللىققا كۆز يۇمالمايمەن. مۇنداق دېسەم، بەلكى باشقىچە ئويلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. دۇنيادا مەڭگۈ ئۆزگەرمەي بىر خىللا تۇرىۋېرىدىغان ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە، بۇ قانۇنىيەت دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە ئورتاق. چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش، راۋاجلىنىش، قۇدرەت تېپىپ تازا گۈللىنىش ۋە بارا-بارا  ئاجىزلىشىش، ئاخىر بېرىپ يوقىلىش  دەۋرى بولىدۇ. كىچىك جەھەتتىن بىر ئادەمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ يەنىلا شۇنداق . بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئادەم بەلكى يوقتۇر. لېكىن مەن شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى، بىرەر دۆلەت، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر ئورۇن دەل ئاشۇ ئاجىزلىشىش، خارابلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاراپ تۇرۇپ كۆز ئالدىدا مانا مەن دەپ تۇرغان ئاشۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۆزىنى ئالداشنىڭ ئاقىۋىتى ئەلۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ...

− بىر تال چېكىپ قويامسەن؟

− چەكمەي، چاي ئىچەي... گېپىم باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كەتتىغۇ دەيمەن. ئىنستىتۇتنىڭ مەنىۋى مۇھىت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭمۇ تازا گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ بولغانلىقى ئېنىق. تالانتلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ۋە ئاپتونوم رايوندا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بىرمۇنچە مىللىي رەھبىرىي كادىرلار، ئىنستىتۇتنىڭ ئەنە شۇ دەۋرىدە ئوقۇپ بىلىم تەھسىل قىلغان. ھازىرچۇ؟ ھازىرمۇ ئىنستىتۇتتا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلار 4 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى بار. لېكىن شۇنىڭغا ئىمانىم كامىلكى، ئۇلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقىي بىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ئىنستىتۇتنى پۈتتۈردى» دېگەن ستۇدېنتلىق قالپىقىنى كىيىش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتىدۇ. بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ  بەرسەم، ھەتتا ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن. سىنىپىمىزدا ئازات ئىسىملىك بىر بالا بار. ئىنستىتۇتقا كەلگەن بىر يىلدىن بۇيان ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى  كىنو كۆرۈش، ھاراق ئىچىش، تانسا ئويناش ۋە ئۇخلاش بىلەنلا ئۆتۈپ، سىنىپقا قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالغان چاغلاردىلا كىرىدىغان بولغىنى ئۈچۈن، بىر ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا تونۇماي «سىزمۇ مۇشۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ؟» دەپ سورىغان ئەھۋالمۇ بولدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم «ئۇ مەكتەپتە قائىدە-تۈزۈم يوقمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. قائىدە-تۈزۈم دېسە، پاتماندا نەچچىسى بار. ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچى كەلگەندە مەخسۇس  بىر كۈن يىغىن ئېچىپ، قائىدە-تۈزۈملەرنى داغدۇغىلىق جاكارلايدۇ. بۇ ئاز كېلىپ قالسا، ئايدا دېگۈدەك يېڭى قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە كۈندىلىك مەشغۇلات ئەتتىگەن سائەت ئالتىدە باشلىنىدۇ. سائەت ئالتىدىن باشلاپ كەچتە ئون بىر يېرىمدا ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ توكى ئۆچۈرۈلگەنگە قەدەر، كۈنىگە 02 قېتىمدىن ئارتۇق قوڭغۇراق چېلىنىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ قوڭغۇراقلارنىڭ  ئېشەك ھاڭرىغانچىلىك رولى يوق. راست، ھاڭرىيالايدىغان ھەرقانداق ئېشەك ھېچ بولمىغاندا ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغىتالايدۇ. ئەمما سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇشقا، ئالتە يېرىمدا ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا؛ يەتتىدە يۈز يۇيۇشقا؛ يەتتە يېرىمدا تاماققا چېلىنىدىغان بۇ قوڭغۇراقلارنىڭ ھېچقايسىسى ھېچقانداق رولغا ئىگە ئەمەس. ناۋادا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بار دەيدىغان ئادەم چىقسا، ئۇ رول پەقەت دەرستىن چۈشىدىغان چاغدىلا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ. چۈشتە تېخى سائەت ئون ئىككىگە قوڭغۇراق چېلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇنلا مەكتەپ بويىچە ھەممە سىنىپلار دەرستىن چۈشۈپ، قاچىلىرىنى دۇمباق قىلىپ چېلىشىپ ئاشخانىغا يۈگۈرۈشىدۇ. بۇنىڭغا  ھەتتا دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىمۇ ئامالسىز. چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئون بىر يېرىمدىن ئون مىنۇت كېچىكتۈرۈپ قويسا، چۈشلۈك تاماقتىن مەھرۇم قىلغان بولىدۇ. چۈشتىن كېيىنكى ئىشلار تېخىمۇ غەلىتە: سائەت تېخى تۆت بولا-بولمايلا، ياتاق بىناسى ئالدىدىكى پەشتاق قاچا-قوشۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالدىراپ ئاشخانىغا قاراپ كېتىۋاتقانلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. ئاشخانىلارنىڭ تاماق بېرىش ئېغىزىدىكى ئوزۇن ئۆچىرەتكە، بىر-بىرىنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تەڭلىنىۋاتقان سان-ساناقسىز قاچىلارغا ۋە ئالدىغا ئۆتۈشنى تالىشىپ جان-جەھلى بىلەن قىستىشىۋاتقان ئوغۇل-قىزلارغا قاراپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ھەرقىسما خىياللار كېلىد . دەسلەپكى بىرىنچى ھەپتىسى مەن بۇلارغا زادىلا كۆنەلمىدىم. سائەت تۆتتىلا قاچا كۆتۈرۈپ مېڭىش، ماڭا گويا ئىنستىتۇتقا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە پەقەت قورساق بېقىش ئۈچۈنلا كەلگەندەك  تۇيۇلۇپ، خىجىللىق ھېس قىلدىم. شۇڭا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا سىنىپقا بىر كىرگەنچە، ساۋاقداشلارنىڭ تاماق قالمايدۇ دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي، سائەت بەش-ئالتىلارغىچە ئۆگىنىش قىلدىم. قايتىپ كەلگىنىمدە ئاشخانىلاردا تاماق تۈگۈل ئىنسى-جىنمۇ قالمايدىغان بولغىنى ئۈچۈن، بەزىدە نەق پۇلغا بولكا، بولكىمۇ قالمىغان كۈنلەردە تاشكۆمۈردە قىزدۇرۇلغان كونا مارى باكىغا يېقىپ پىشۇرۇلغان خۇڭشۇ ئېلىپ يەپ كۈننى كەچ قىلدىم.

− بۇ گەپچە سىلەرنىڭ ئىنستىتۇتتىمۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئالدىدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنى ئوبيېكتى قىلىپ ئېچىلىدىغان كالتە بازارغا ئوخشاش بازارلار بارغا ئوخشىمامدۇ؟

− ئىنستىتۇت ئالدىدىلا ئەمەس، ياتاق بىناسى ئالدىدىلا يايمىكەشلەر تاكى چىراغ ئۆچۈپ ئوقۇغۇچىلار ياتقانغا قەدەر ئاچىدىغان ۋاژ-ۋاژ كەچلىك بازار بار. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئىبارەت بولغان بۇ يايمىكەشلەر قوشۇنى ھەر كۈنى كەچلىك تاماق بىلەن تەڭلا يايمىلىرىنى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتلارغا بېسىپ كېلىشىپ، ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سەپ تۈزۈپ، قاتار-قاتار ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ يايمىلىرىدىكى ئەڭ كۆپ سودا بولىدىغان ئاساسلىق مال−ھەر خىل ئاق ھاراق، پىۋا ۋە قىزلار شامپانىسكىسى بولۇپ، ئاشۇلارنىڭ زاكوسكىسى سۈپىتىدە پاقلا، پەلەس، خۇاسىڭ، بولكا، خۇڭشۇ ۋە سىگارت قاتارلىقلارمۇ قوشۇمچە سېتىلىدۇ. يايمىكەشلەرنىڭ ئارقىسى، نەق پۇل تىكىشىپ ئوينايدىغان بىليارت سورۇنى بولۇپ، ھەربىر بىليارد ئەتراپىدا نۆۋەت ساقلاپ تۇرۇشقانلار بەش ئالتىدىن كەملىمەيدۇ. پۇل تىكىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلار يالغۇز بۇلا ئەمەس، گەرچە قىزلار ياتىقىدا ئوينىلىدىغان قارتا، ئوتتۇرۇۋەتكەنلەر ئورۇندۇق ئاستىدىن ئۆمۈلەش ياكى داستىن تەڭگە سۈزۈش قاتارلىق  ھەر خىل «جازا»لار بىلەن بولدى قىلسىمۇ، لېكىن  ئوغۇللار ياتىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا قارتا پۇل تىكىپ ئوينىلىدۇ. يانچۇقتا پۇل قالمىغان چاغلاردا بولسا، مەكتەپتىن تارقىتىپ بېرىلگەن تاماق بېلەتلىرى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ھەر ئاينىڭ بېشىدا بېلەت تارقىتىلغاندا قارتا ئويناش قىزىپ ئەۋجىگە چىقىدۇ. ئۇتۇۋالغانلار ھاراق، پىۋا دېگەننى يەشىكى بىلەن ئەكىرىپ قويۇپ، ياتاقتىكىلەرنى تاڭ ئاتقۇچە مېھمان قىلسا، ئۇتتۇرۇۋەتكەنلەر تاماق ۋاقتىدا ئاشخانىغىمۇ بارالماي، ئىنساپ قىلغان ساۋاقداشلىرى ئالغاچ كەلگەن قۇرۇق ھورناننى قايناقسۇغا چىلاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. خۇددى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوۋچىلىق چارۋىچىلىقنى، چارۋىچىلىق بولسا دېھقانچىلىقنى، شۇنداقلا دېھقانچىلىق ئېھتىياجى قول سانائەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغا ئوخشاش، تاماق بېلىتىنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ قۇرۇق ھورنان يېيىشمۇ بىزنىڭ ئاشۇ ئىنستىتۇتقا خاس بىر «يېڭىلىق»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۇرۇپ-تۇرۇپ ياتاقلاردا بېلىتى كۆپلەرنىڭ ئىشتان-كۆڭلىكى يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ. كىيىم ئىگىسى ئىزدەپ تاپالماي تازا تىت-تىت بولغان چاغدا، ياتاقداشلىرىدىن بىرى: «ماڭا مانچە پۇللۇق سەي بېلىتى بەرسەڭ ھازىر تېپىپ بېرىمەن» دەيدۇ. كىيىم ئىگىسى يۈتكەن كىيىمنىڭ ئاشۇ ياتاقدىشىدا بارلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، لېكىن دېگەن بېلەتنى بەرمەي ئامال يوق. ئەگەر بېلەتنى بەرمەيدىكەن، كىيىمىنى ئەتىسى خالانىڭ ئورىسىدا كۆرىدۇ. مۇنداق ئىشلار بىزنىڭ ئىنستىتۇت ئۈچۈن تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان يوقىلاڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كىيىم-كېچەكلا ئەمەس، بەزىدە ھەتتا جاننى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەپ. بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ مۇبالىغە قىلىپ ئېيتقان سۆزۈم ئەمەس. مەن ئىنستىتۇتقا ئۆتكەن يىلى  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا باردىم. ئەسلىدە 8-ئايدا، سەنئەت فاكۇلتېتىدىن تەتىلدە ئۆيگە قايتمىغان ئىككى قىز يوقاپ كېتىپ، كىيىن جەسىتى بىر باغچىدىن تېپىلغانىكەن. 9-ئايدا مېنىڭ بېرىپلا ئاڭلىغىنىم «بىر زاڭزۇ بالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. نېمە ئۈچۈن ۋە كىمنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىنىنى بىلگۈچى بولمايلا 10-ئاينىڭ بېشىدا بىر خۇيزۇ قىز ئالتىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلدى. 11-ئايدا كۈپكۈندۈزدە سائەت 12 دە، يەنە كېلىپ مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى بار بولغان بىر ياتاق بىناسىنىڭ يۈز يۇيۇش ئۆيىدە، بىر مانجۇ ئوقۇغۇچىغا پىچاق تىقىلىپ، يۈز يۇيۇش ئۆيىدىن كارىدورغا چىقىپلا جان ئۈزدى. 12-ئايدا بىزنىڭ ياتاققا قوشنا ياتاقنىڭ يېنىدىكى بىر ياتاقتىن بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئوقۇغۇچىغا پىچاق تىقىلدى. شۇ كۈنى كەچتە كارىدوردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى، ئىشىكلەرنىڭ تېپىپ ئاجرىتىلغانلىقىنى، كېيىن پىچاق يېگۈچىنىڭ جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ھەممىمىز ئېنىق ئاڭلاپ ياتتۇق. بىراق ھېچقايسىمىز سىرتقا چىقىپ باقمىدۇق. چۈنكى مۇنداق ۋارقىراشلار، ئىشىك تېپىش ۋە باشقا قالايمىقانچىلىقلار ھەر كۈنى ئاخشىمى دېگۈدەك داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولغىنى ئۈچۈن، چىقاي دەپ ئويلىساڭمۇ خۇددى «ئاچچىق ئۆرۈككە قول توشىماپتۇ» دېگەندەك، چىقىپ توشىتالمايسەن. مەكتەپ ھاراق ئىچىشنى، تانسا ئويناشنى چەكلەپ تۇرىدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا بولمىسا يەنە بىر ياتاقتا، ئىشقىلىپ ھەربىر بىنادا ھەر كۈنى كەچتە ھاراق ئىچىپ، چىراغ ئۆچكىچە، بەزىدە ھەتتا تاڭ ئاتقۇچە تانسا ئويناپ تۇرىدۇ. ئاران 15 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ياتاققا ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتتىن تۆتى قويۇلۇپ 7-8 ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭغا تانسىغا تەكلىپ قىلىنغان قىزلارنى قوشقاندا 15-20 ئادەم ئاشۇ 15 كۋادرات مېتىر ياتاقتا تانسا بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇشىدۇ... ناۋادا مۇشۇ گەپلەرنى ئەسىرىڭگە كىرگۈزسەڭ، ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق ئادەم  جەزمەن ھەر خىل گۇماندا بولماي قالماس. بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇلار گۇمان قىلغان ئىشلارنىڭ ئوندىن بىرىمۇ يوق ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەم ھامان ئادەم، مەيلى ئۇ قارشى جىنستىكىلەرگە قانچىلىك ئىنتىلسۇن ، ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىرمۇنچە ئادەم توپلانغان جايدا تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

− قارىغاندا سېنىڭمۇ تۈكۈرۈكىڭنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلىرىڭ بوپتۇ-دە.

− ئەگەر سەن بولغان بولساڭ ، سەنمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتىڭ. ناۋادا ياغاچتىن ياسالغان سۈنئىي ئادەم بولمىسىلا، ھېسسىياتقا ئىگە بولغان تىرىك تەبىئىي ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايدۇ.

− شۇنداق، گېپىڭ ئورۇنلۇق، گەپكە گەپ كېلىپ قىلىپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم. قېنى، چاي ئوتلىغاچ سۆزلىگىن.

− قارىغاندا ئىنستىتۇتنىڭ مەنىۋى مۇھىتىغا مەنسۇپ نەرسىلەرنى ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاتمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى ياتاق بىنالىرىنىڭ ھەربىر دېرىزىسىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يۇندىدىن ھاسىل بولغان سۈنئىي يامغۇرلارنى «ئولتۇرۇش» قىلىنغان ھەربىر ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن «لاۋگۈيجۈ!» (لاۋگۈيجۈ−كونا قائىدە، ئىلگىرىدىن قالغان يوسۇن دېگەن مەنىدە.) دېگەن سۆز بىلەن تەڭ پات-پات ئۇچۇپ چىقىپ، جاراڭلاپ چېقىلىپ تۇرىدىغان بوتۇلكىلارنى؛ مەست بولۇپ مەخسۇس ئىشىك تېپىپ چېقىش ئۈچۈنلا قويۇلىدىغان كېچىلىك «دىجورنى»لارنى؛ كۈندە  بولمىسىمۇ ھەپتىدە دېگۈدەك ئۇرۇش-جېدەل دەستىدىن ياتىقىنى بالنىستلارغا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلارنى، شۇنداقلا تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىدىغان كۆڭۈل قانماس تانسىلارنى تولۇق سۆزلەپ كەلسەم، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن نەچچە ھېكايە چىقىدۇ . ئەمدى ئەسلىدىكى تېمىغا قايتايلى.

− بولدى، ئۇلارنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى سۆزلىرىڭگە قوشۇپ سۆزلەپ بېرەرسەن. قېنى، كۆڭلۈڭدە نېمىنى دېمەكچى بولغان بولساڭ، شۇنى سۆزلەۋەرگىن.

2

− بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ياخشى نەرسىنىڭمۇ كىچىككىنە ئەسكى تەرىپى بولۇپ قالىدىغىنىغا ئوخشاش، ھەرقانداق ئەسكى نەرسىنىڭمۇ يەنە ئۆزىگە تۇشلۇق ياخشى تەرىپىمۇ بولىدىكەن. مەن بايا ساڭا تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشىدىغان تانسىلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. مەن بۇ يەردە تانسىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ھەققىدە توختالماقچى ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم−دەل ئاشۇنداق تانسىلارنىڭ بىرىدە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم... ئالدىرىما، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە مۇنچە قاراپ كەتمىسەڭمۇ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەنغۇ؟ كۆڭلۈڭگە كەلگىنىنى بىلىۋاتىمەن. دېمىسەڭمۇ سەن-بىزنىڭ بىر ئوبدان ئائىلىمىز، ئوماق بالىلىرىمىز بار...

− تاپالمىدىڭ، مېنىڭ كۆڭلۈمگە كەلگىنى ئۇ ئەمەس ئىدى. مەن سېنى ئىنستىتۇتتا يۈز بەرگەن بىرەر مۇھەببەت ۋەقەسىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى دەپ پەرەز قىلغان. ئۇنىڭ سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقە بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن. شۇڭا ئىختىيارسىز كۆزۈڭگە قاراپ قالدىم.

− دۇنيا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى تەرەققىياتى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. لېكىن بىز تېخى ئالغا كەتكەن مىللەتلەر بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر، ھەتتا بىر ئەسىر بۇرۇن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن نادانلىق پاتقىقىدا «قوڭۇمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى» دېگەندەك، خىرامان ئېغىناپ يۈرىۋاتىمىز. بىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت قارىشىمىزغىمۇ ئەنە شۇ نادانلىق پاتقىقىنىڭ لايلىرى يېپىشقان. دۇنيادا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە بېغىشلانغان ناخشا-قوشاقلار ئارىسىدا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭكىدەك چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، گۈزەل، يارقىن، يالقۇنلۇق ناخشا-قوشاقلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرار دەيمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر پېشقەدەم سەنئەتكار 50-يىللاردا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلگە چىقىپ ناخشا ئېيتقاندا، شۇ دۆلەتتىكى سەنئەتكارلار ئۇ ئېيتقان ناخشىدىكى: «ئېگىز ئاسماندا ئاي بولۇپ، جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم؛ پىيالىڭدە چاي بولۇپ، لەۋلىرىڭنى كۆيدۈرسەم» دېگەن قوشاقنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلاپ، تېكىستىنىڭ كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى زور قىزىقىش بىلەن سۈرۈشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىر خەلق قوشىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: «سىلەرنىڭ خەلقىڭلارنى شاش خەلق دېيىش كېرەككەن!» دېيىشكەن. بىز ئەنە شۇ ناخشا-قوشاقلارنى يادلىۋېلىپ قارىسىغىلا ئوقۇيمىزكى، ھەرگىز ئۇنىڭ مەنىسىنى قىلچە ئويلاپ قويمايمىز. سەن بىر يازغۇچى، بۇ ھەقتە ئويلايدىغانلىرىڭ ۋە بىلىدىغانلىرىڭ جەزمەنكى مەندىنمۇ كۆپ. دىققەت قىلدىڭمىكىن، يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە چىققان ناخشىلارنىڭ بىرىدە: «ھەي، ھەي دوستلار ئۆلۈپ كېتىمەن، يارنى بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇ جانانىم يېنىمدا بولسا، دوزاخقىمۇ كۆنۈپ كېتىمەن!» دېگەن بىر يالقۇنلۇق تېكىست بار. ئۇنىڭدىكى كىشىگە ئاجايىپ بەدىئىي زوق بېغىشلايدىغان يۈكسەك لىرىكىنى، يار بىلەن ھەتتا دوزاخقىمۇ بىرگە كىرىشنى خالايدىغان چىن ئەقىدە ۋە مەردانىلىقنى قويۇپ تۇرۇپ، دېمەكچى بولغان ئاساسىي  پىكىرنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، سۆيگۈ-مۇھەببەتسىز ياشىغان ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيەت ۋە لەززىتى بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا جان ئاتا قىلغۇچى ئىلاھىي  قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ، يېنىدا ئۆز جانانى بولسىلا ھەتتا دوزاخقا كىرسىمۇ خۇشال-خۇرام ياشاش مۇمكىنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ ھەقىقەتنىڭ يارقىن شولىسى بەدىئىي ھېس ئەينىكىدە روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەپسۇسكى، بىز ھازىرقى رېئالنى ھاياتىمىزدا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە خۇددى تەقىپ ئاستىدىكى ئوغرىغا قارىغاندەك گۇمانخورلۇق بىلەن قارايمىز. بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىزنىڭ بىللە ماڭغىنىنى ياكى ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقىنىنى كۆرسەك، شۇ ھامانلا «ئىككىسىنىڭ چاتىقى بار» دېگەن گەپنى تارقىتىمىز. ماقۇل، ئاشۇ ئىككى ياشنىڭ راستتىنلا مۇھەببەت مۇناسىۋىتى بارمۇ دەيلى، بۇنى قانداقمۇ «چاتاق» دېگىلى بولسۇن!؟ تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى بولغان  ھەرقانداق بىر نورمالنى ئىنساندا، قارشى جىنسقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل تەبىئىي ئىقتىدار بولىدۇ. دىنىي  جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، خۇدا ئىنسانلارنى يارىتىدىغان چاغدا ھەرگىزمۇ ئېزىپ كېتىپ ئىككى خىل جىنسقا ئايرىۋەتكەن ئەمەس. مېنىڭچە، «چاتاق» دېيىشكە توغرا كەلسە، نورمالنى ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك  تەبىئىي ئىقتىداردىن ئايرىلىپ قارشى جىنستىكىلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغانلارنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى خىل جىنستىكىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتىلىشىنى چاتاق دەپ گەپ تاپىدىغان، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ كىشىلىك ھايات ئىشقىنى مەڭگۈ يالقۇنلىتىپ  تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ماگما ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان قەلبى كورلارنى ھەقىقىي  چاتاق دېسە بولىدۇ... يەنە ئەسلىدىكى تېمىدىن چەتنەپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتىمغۇ دەيمەن . بايا گېپىمنى نېمىدىن باشلىغانىدىم؟

− ياق، چەتنەپ كەتمىدىڭ، بايا گېپىڭنى بىر قىز بىلەن تانسىدا تونۇشۇپ قالغانلىقىڭدىن باشلىغان. گەرچە ئۇ ھەقتىكى ھېكايەڭ ۋاقىتلىق ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن گەپ يەنىلا بىر باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلىنىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ يېڭى ۋە ھەققانىي  سۆزلەر سۆزلىنىۋاتىدۇ.

− مېنى ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ سۆزلەپ كەتسۇن دەپ ، كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا شۇنداق دەپ قويۇۋاتىسەنغۇ دەيمەن. بوپتۇ، ھامان ساڭا سۆزلەپ بەرگىلى كەلگەندىكىن سۆزلەۋېرەي...

− بۇ گېپىڭ تازا چەك باسماي قالدى ئاداش. بىز قاچانمۇ ئۆزئارا يالغان ئېيتىشقان؟ مەن تېخى سۆزلىرىڭنى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ماختىماقچى ئىدىم. لېكىن بىرىنچىدىن، سەن-بىزنىڭ بىراۋنى يۈزتۇرانە تۇرۇپ ماختاش ئادىتىمىز يوق. ئىككىنچىدىن، سېنىڭ گېپىڭنى بۆلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنىمۇ يۇتۇۋېتىپ جىم ئولتۇردۇم.

− مېنى سۆزلەپ بەرگىلى كەلدى دەپ، ھەممە گەپنى ماڭا كۆتۈرە قىلىۋەتسەڭمۇ سۆھبىتىمىز  تازا قىزىمايدۇ. سەنمۇ تىلىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان سۆزلەرنى تۈكۈرۈكۈڭ بىلەن قوشۇپ يۇتۇۋەتمەي، ئانچە-مۇنچە پىكىر قاتناشتۇرغاچ ئولتۇرمامسەن؟

− بىر كەلتۈرۈۋالدىڭ-دە، بولىدۇ. ھازىرچە بولىدۇ دەپ تۇراي.

− ئەسلىدىكى گېىپىمىزگە كەلسەك، شۇنداق قىلىپ بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. كېيىن ئەسەر يازغان ۋاقتىڭدا پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىسمى ۋە قىياپەت تەسۋىرىنى ئېيتىپ بېرەي: ئىسمى مېھراي، قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىن. بويى ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ، لېكىن سېمىز بولغىنى ئۈچۈن ئوتتۇرا بوي كۆرۈنىدىغان، سۈزۈك لەۋلىك، يۇمىلاق يۈزلۈك، ئۆتكۈر كۆزلۈك، بۇغداي ئۆڭلۈك كەلگەن بۇ قىز ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددىي-ساددا يۈرىشىگە قارىماي، ئادەمنىڭ كۆزىگە بىر خىل ئىللىق كۆرۈنىدۇ. شۇ تاپتىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۆتكەن يىلى  11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىدى. ئىنستىتۇتقا بارماس چاغدىلا مۇشۇ يەردە يېزىشقا باشلىغان، سەنمۇ بىلىدىغان ھېلىقى «تەكلىماكان ۋە دولان» دېگەن ماۋزۇدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالەمنى ئاخىرى پۈتتۈرۈپ، گويا قىممىتىنى ئۆلچەپ بولمايدىغان بىباھا بىر تارىخىي  قەرزنى ئوڭۇشلۇق تۆلەپ تۈگەتكەندەك ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللاندىم...

− دۇنيادا ئۆز ئەسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان ئاپتورنىڭ خۇشاللىقىدەك خۇشاللىق تېپىلمايدۇ.

− دەل شۇنداقكەن. ئاشۇ خۇشاللىقتا ياتاقتىكىلەرگە ئولتۇرۇش قىلىپ بەردىم. بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئولتۇرشلىرىمىز ئادەتتە قىزلارسىز تۈزۈلمەيدۇ. قىزلارنى چاقىرايلى  دەپ تۇرساق، بىر ياتاقدىشىمىزغا يۇرتداش كېلىدىغان بىر قىز كىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن يولنى قىسقارتىپ، ئۇ قىزنىڭ ياتىقىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق. ئولتۇرۇش باشلىنىدىغان چاغدا ئىككى كەلىمە گەپ قىلىشقا ۋە ياتاقداشلار قاتارىدا ئۆزۈمنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. مېنىڭ ئىسمىم قىزلارغا بىرئاز غەيرى تۇيۇلدى بولغاي، تېخى ئەمدىلا ئىسمىمنى ئېيتىپ تۇرۇشۇمغا، بىر قىز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي: «تايماس؟...» دەپ تەكرارلىدى. مەن ھەم چاقچاق، ھەم جاۋاب ئورنىدا ئىزاھات بېرىپ: «شۇنداق، ئاتا-ئانام مېنى دۇنيانىڭ قەدىمىي  مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا بايلىقلارنى قوشقان ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق ئىزىدىن تېيىپ كەتمەي مەڭگۈ ئىز بېسىپ ماڭسۇن دەپ، ئىسمىمنى تايماس قويغانىكەن...» دېدىم.

− ھەجەپمۇ مەنىلىك، چىرايلىق ئىسىم ئىكەن دەيدىغانلار چىقمىدىمۇ؟

− چىقتى، دەل مەن ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھېلىقى مېھراي، يېنىدا ئولتۇرغان بىر دوستىغا دېگەنلىك بولۇپ، بوش ئاۋازدا «ھەجەپ مەزمۇنلىق ئىسىمكەن-ھە» دەپ قويدى . كېيىن بىللە تانسا ئوينىدۇق. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ خەنزۇ تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئىنستىتۇتقا  كەلگىنىگە ئۈچ يىل بولغانلىقىنى، يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشىنىڭ پۈتىدىغانلىقىنى ۋە تارىخقا، بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاشۇ قىز بىلەن تونۇشقىچە بولغان ئارىلىقتا مەن ئىنستىتۇتتىكى بايا سۆزلەپ بەرگەن مەنىۋى مۇھىتقا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، كىيىم-كېچەكلىرىگە قاراپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان، مىللەت ۋە ئانا يۇرتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئېلىشقا بەل باغلىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بالىسى يوققا ئوخشايدۇ دەپ، روھىم قاتتىق ئازابلانغانىدى. بولۇپمۇ ئىلگىرى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان، ئىنستىتۇتقا كەلگەندىن كېيىنمۇ خەنزۇ بالىلار بىلەنلا ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان، ئاتا-ئانىسى كىچىك چېغىدا قويغان ئىسمىدىن باشقا، پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ ھېچقانداق يېرىدىن قىلچىلىك مىللىي خاسلىق تاپقىلى بولمايدىغان ، ھەتتا ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان قىزلارنى كۆرسەم...

− توختاپ قالدىڭغۇ؟

− بولدى، بۇ ھەقتە سۆزلەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، ھەرقانچە ئورۇنلۇق سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، سېنىڭ ئەسەر يازىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. سېنى ئەسەرگە كىرگۈزۈشكە جۈرئەت قىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ، تەھرىرنىڭ ئۇنى قىزىل قەلەم بىلەن جىجىۋېتىشكە مەجبۇر بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.

− شۇنداق ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىسلىسىز تەكىتلىنىپ ، ھەر يىلى مەخسۇس ئىتتىپاقلىق ئايلىرى بەلگىلەندى . مەخسۇس ئۆلچەملەر بېكىتىلىپ ئورۇن ، ناھىيە ھەتتا ۋىلايەتلەرگىچە تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىندى . بارغانچە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كىشىلەر ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچان بولۇپ ، مىللىي خاسلىق ، مىللىي غۇرۇر ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى . گەرچە ھازىر كۆرۈنۈشتە ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، بۇ بىر سۈنئىي ئىتتىپاقلىق . ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدىكەن ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مىللىي خاسلىقى ، مىللىي غۇرۇرىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك ئىدى . چۈنكى دەل ئاشۇ مىللىي خاسلىق بىلەن  مىللىي غۇرۇر بولمىسا ، ھەرقانداق بىر مىللەت ئاخىرقى ھېسابتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ . بۇمۇ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بولۇپ ، خۇددى يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋەتەننى سۆيمەيدۇ دېگەن داۋلىغا ئوخشاشلا ، ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭمۇ باشقا مىللەتنى ، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى سۆيۈشى مۇمكىن ئەمەس . ئەسلىدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولۇپ ، ئۇلار بەلگىلەنگەن مەلۇم ئايلاردىلا سۈنئىي ئىتتىپاقلىشىپ قالماي ، بەلكى ھەر دائىم تەبىئىي ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ تۇرسا ياخشى بولاتتى.. . بولدى ، ئەسلىدىغۇ بۇمۇ تۈكۈرۈك بىلەن يۇتۇۋېتىشكە تېگىشلىك گەپلەر ئىدى . مەنمۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدىم . قېنى ، ھېكايەڭنى داۋام قىلغىن.

− شۇنىڭدىن باشلاپ مېھراي بىلەن ئانچە-مۇنچە سالاملىشىدىغان بولدۇق . كىتاب سوراپ پات-پات چىقىپمۇ تۇردى . بىز ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ياكى پاراڭلاشقاندا ، قىلىشىدىغان گېپىمىز باشقىلارغا ئوخشاش شەھەردە قايسى يېڭى كىنولارنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى ، ئىنستىتۇتنىڭ قايسى ئاشخانىسىدا  قانداق تاماق ئېتىلگەنلىكى قاتارلىقلار بولماستىن ، بەلكى تارىخىمىزنىڭ شۇنچە پارلاقلىقى ، بىراق ھازىرقى ھالىتىمىزنىڭ شۇنچە قالاقلىقى ۋە ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەر ھەققىدىلا بولدى . مېنىڭ مىجەزىمنى سەن ياخشى بىلىسەن . ئادەتتە گەپ قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالمىسا ، تولا گەپ قىلغان بىلەن تازا خوشۇم يوق . بىز ئۇچراشقان چاغلاردىمۇ ، دەسلەپ ئارىمىزدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . كېيىن مېھراينىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بىرەر سوئالىنى سورىشى بىلەنلا بىر سۆزلىشىپ كەتسەك ، ھەتتا قىزلار بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقايدىغان چاغقىچە گېپىمىز تۈگىمەيدۇ . بىراق گەرچە ياتاقلىرىمىزنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر كەلمىسىمۇ ۋە كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ بىرەر قېتىمىدا ئاشخانىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ ، بىرنەچچە ھەپتىگىچە كۆڭلىمىزدىكى ئورتاق غايە ھەمدە ئاشۇ غايىدىكى پارلاق كەلگۈسىگە بولغان يالقۇنلۇق ئۈمىد-ئىشەنچلەر ھەققىدە تەپسىلىي  سۆزلىشىشكە پۇرسەت تاپالماي ، سالاملىشىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇق . بۇ خىل بۇرۇقتۇرما ھالەت مېنى بارغانچە بىزار قىلىشقا باشلىدى . چۈنكى سىنىپتىكى شەكىل ئۈچۈنلا ئۆتۈلۈپ قويۇلىدىغان ، ئوقۇغۇچىغا ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلدۇرمايدىغان ئۈنۈمسىز دەرسلەر ، ياتاقتىكى ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭلار ، يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەسلىك ، غېرىبلىق ، ئېزىز ئانا يۇرتنى ، مېھرىبان ئاتا-ئانا ، ئوماق بالا-چاقا ۋە قەدىردان دوستلارنى سېغىنىش تۇيغۇسى ئىلكىدە مۇڭلانغان كۆڭۈل ئۆزىگە بىر سەمىمىي  سىرداش دوست ئىزدەيتتى . گەرچە جىنسىي  ۋە ياش پەرقى جەھەتتىن تامامەن ئەكسىچە بولسىمۇ ، لېكىن ئەنە شۇ دوستىنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنۈۋاتقان بىر چاغدا ئارىدا  بۇرۇقتۇرما ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەن جانغا تېگىدىغان ئىش . مەن بۇ ھالەتنى قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرۈۋاتقىنىمدا ، مېھراي ھەر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا ، مەلۇم بىر چاغدا قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر يېڭى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەن بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم . بىز شۇنىڭدىن باشلاپ قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق . بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشتۇق . ئاشۇ ئاساستا جىنسىي  ۋە ياش پەرقى جەھەتتىن ياخشى ئاكا-سىڭىل ، يۈرەكتىكى ئورتاق ئارزۇ-تىلەك ۋە خاراكتېردىكى بىردەكلىك جەھەتتىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق...

− ئىنسان ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگۈچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ . سېنىڭ بىر قىز بىلەن ھەم ئاكا-سىڭىل ، ھەم دوست بولۇپ قالدۇق دېگىنىڭنىمۇ بەزىلەر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن . مەن 14 يىلغىچە تۈرمىدە يالغۇز ياتقان بىر سىياسىي  مەھبۇسنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ، يالغۇزچىلىق دەردىدە تۈرمىدە بىر چاشقان بىلەن «دوست» بولۇپ قالغانلىقىنى ، كېيىن تاماق ئېلىپ كەلگەن بىر گۇندىپاي مەھبۇسنىڭ مۈرىسىدە ئويناۋاتقان چاشقاننى كۆرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندە ، مۇددىتى توشۇشقا بىر ھەپتىلا قالغان مەھبۇسنىڭ ئاچچىقىغا پايلىماي گۇندىپاينى بوغۇپ قويۇپ ، يەنە قايتا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم . ئادەملەر يېڭى مۇھىتقا يولۇققاندا ، ئۇ يەردىن ئۆزىگە مەسلەكداش ، سىرداش ، دوست تېپىشقا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئىنتىلىدۇ . ئەنە شۇنداق چاغدا يۈرەكتىكى ئارزۇ-ئارمان ، غايە-ئۈمىدلەرنىڭ ئوخشاش چىقىپ قېلىشىلا ئەمەس ، ھەتتا خاراكتېردىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقلارمۇ ئۇلارنى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

− سەنمۇ دەل مەن ھېس قىلغان ۋە دېمەكچى بولغان گەپلەرنى دەۋاتىسەن . شۇنداق قىلىپ بىز ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ، ئىنستىتۇتقا تام قوشنا بولغان «بەش بۇلاق» باغچىسى ئالدىدا كۆرۈشىدىغان بولدۇق...

− توختاپ تۇرغىن ، بىرسى ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ ، مەن چىقىپ باقاي...

− ...

− ئوغلۇڭ ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالدى دەپ چاقىرغىلى كەپتۇ.

− ئۇنداقتا مەن باراي . پارىڭىمىزنىڭ داۋامىنى ئەتە داۋاملاشتۇرايلى.

− ھازىر ھەرقانچە ئالىي تەكلىپ-تەكەللۇپمۇ قۇلىقىڭغا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغۇ دەيمەن . تەتىل قىلىپ كەلگىنىڭگە تېخى ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولدى ئەمەسمۇ . بولىدۇ ، تېزرەك بارغىن...

− چاقچىقىڭ تەنە تۈسىنى ئېلىپ قالدىمۇ قانداق؟ مۇبادا ئۇرۇق-تۇغقانلار مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ قالغان بولسىچۇ؟

− مەيلى قايسىسى بولسۇن ، يەنىلا تېزرەك بارغىنىڭ تۈزۈك ، ئەتە سائەت قانچىدە كۈتىمەن؟

− ئۈچتە كېلەي.

− بولىدۇ ، خوش ئەمىسە ، خەيرلىك كېچە تىلەيمەن.

− مەن ھەم شۇ.

3

− بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ، خۇدا ياراتقان يەتتە كۈننىڭ ھەممىسى ئوخشاش . بىراق مەن مېھراي بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ، ھەر بىر سەيشەنبە مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئالاھىدە بىر كۈنگە ئايلىنىپ قالدى . چۈنكى بۇ كۈنى بىز دەل ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا «بەش بۇلاق» باغچىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىمىز . ئاندىن باغچا ئالدىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريولنى بويلاپ ، ئاستا پاراڭلىشىپ ماڭىمىز . يېرىم سائەتتە بىر دېگۈدەك ئۇياندىن-بۇيانغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان پويىزلار كۆڭۈللۈك پارىڭىمىزنى پات-پات ئۈزۈپ تۇرىدۇ . ئەمما بىزگە مۇشۇ تۆمۈريولنى بويلاپ مېڭىشتىن باشقا ئانچە ياخشى چارە يوق . چۈنكى ئىنستىتۇت ئىچىدە ئوقۇغۇچى مىغىلدايدۇ . شەھەردىكى باشقا باغچا ، كىنوخانا ھەتتا چوڭ كوچا-يوللاردىمۇ تونۇش ساۋاقداشلار پات-پات ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۈپ-جۈپ  بولۇپ يۈرىشىۋاتقان مۇھىتداشلار . بىز ئۇلارغا كۆز سالمىغىنىمىز بىلەن ، ئۇلار بىزگە كۆز-قۇلاق بولۇپ گەپ تېپىشقا ئارانلا تۇرىشىدۇ . گەرچە بىز ئۇلارغا ئوخشاش ئىشق-مۇھەببەت ئېھتىياجىدىن ئەمەس ، بەلكى ئىككى قەلبتىكى ئورتاق بىر يالقۇنلۇق غايە ، پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىك ئىنتىلىش ۋە بۈگۈنكى رېئاللىققا بولغان پىكىردىكى ئوخشاشلىق سەۋەبىدىن ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ، شۇنداقلا مېھراينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا مەن يەنە ئۇنىڭغا «بىلىم بېرىش» ئۈچۈن چىققان بولساممۇ ، لېكىن بىز تار ۋە ئارقا يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر...

− سەنمۇ بەزىدە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان . قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن ، تاۋۇز يېيىشتىن قورقۇپ نېمە قىلاتتىڭ؟

− شۇنداق ، ئەسلىدە قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن ، تاۋۇز يېيىشتىن قورقماسلىق كېرەك ئىدى . لېكىن قىزنى ئايىدىم . ئىنستىتۇتتىكى مەخسۇس پەن ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا شۇنداق بىر كەيپىيات مەۋجۇتكى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قايسى بىر قىز مەيلى يۇرتداشلىق ، مەيلى باشقا ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن بىز بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان »قېرىلار« بىلەن  ئارىلىشىپ قالىدىكەن ، ئۇ بىچارە قىزغا كۈن يوق...

− چۈشەندىم ، ئىسىت! شۇلارمۇ ئۆزىنى تېخى ستۇدېنت دەپ يۈرىشىدۇ-ھە! ھېلىغۇ سىلەر ئاكا-سىڭىللاردەك ئۆتۈپسىلەر ، ئەگەر راستتىنلا مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن بولساڭلارمۇ بۇنىڭ ئۇلار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۆز ئەركىڭلاردىكى ئىشقا ئارىلىشىشقا نېمە ھەققى بار؟! ئۇلار بىلسە چىن ھەقىقىي مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ . ياشقا قارىمايدۇ ، چىراي تاللىمايدۇ . دېمەك ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ...

− ياز كۈنلىرى بىزگە بولىدىغان توسالغۇ بىرئاز ئازىيىدۇ . بەزىدە  گاۋلەنشەن تېغى ئۈستىگە چىقىپ ، شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ پاراڭلىشىمىز . بەزىدە خۇاڭخې بويىغا بېرىپ ، قەلبىمىزدىكى غۇبارسىز ئارزۇ-ئۈمىد دولقۇنلىرىنى ئاشۇ ئەزىم دەريانىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرى بىلەن تەڭكەش قىلىمىز . خۇددى ئاشۇ ئەزىم دەريامۇ ناھايىتى ئۇزاقلاردىن ئېقىپ كەلگىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزمۇ بەزىدە يىراق-يىراقلارغا−جۈملىدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ دەريانى «سېرىق دەريا» دەپ ئاتاپ ، ئۇنىڭ ۋادىلىرىدىكى كەڭ سۇ ، گەنجۇ يايلىقى ، دۇخان (دۇنخۇاڭ) چوغاي ئېتىكى ، قىسقىسى ، خېشى كارىدورىدا ياشىغان دەۋرلەرگىچە كېتىدۇ . بەزىدە مەن تولا سۆزلەپ ھېرىپ كېتىپ جىم بولۇپ قالىمەن . ئالدىمدا گەرچە خۇاڭخې  دەرياسى ئېقىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سۈيى لەۋلەرنى نەم قىلىشقىمۇ يارىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ بۇلغانغان ، بۇنداق چاغلاردا مېھراي قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پارلاق تارىخىدىن نۇرلانغان ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تەشنالىق بىلەن ماڭا تىكىپ:

− نېمە بوللا تايماس ئاكا ، توختاپ قاللىغۇ؟− دەپ سورايدۇ . ۋۇجۇدىدا ساپ ئۇيغۇر قېنى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ۋە قەھرىمان ئاجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىغا شۇنچە قىزىققان بىر قىز ، ساڭا ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىكىپ تەشنالىق بىلەن قاراپ تۇرسا ، سېنىڭ سۆزلەپ بەرمەسلىكىڭ مۇمكىنمۇ؟ مەن تولا سۆزلەپ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىمنى يالاپ قويۇپ ، يەنە سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.

− ئەگەر ئېسىڭدە قالغان بولسا ، بىرەر قېتىملىق پارىڭىڭلارنى دىئالوگ شەكلىدە ئەينەن دەپ بەرگەن بولساڭ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

− ئېسىمدە ، تارىخ بىراقلا بەكمۇ يىراقتىن باشلانسا ئارىلىقتىكى بوشلۇق ناھايىتى ئۇزىراپ كېتىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، چۈشىنىشكە تەسىر يەتمىسۇن دەپ ، مەن ئاۋۋال ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ، ئاندىن خوجىنىياز ھاجى ، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلاڭلىرىنى ، ياقۇپ بەگنىڭ 14 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇستەقىل دۆلىتىنى سۆزلەپ بەردىم . ئاشۇ ئۇسۇل بويىچە ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى ئىمكانقەدەر تارايتىپ ، بارا-بارا يېقىندىن يىراققا ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللاندىم . مېھراي شۇ دەرىجىدە  قىزىقىپ كەتتىكى ، ھەتتا مەن سائەتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويمىسام ، قىزلار بىناسى دەرۋازىسىنىڭ تاقىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا مېنى سۆزلەپ بېرىشكە دەۋەت قىلىپ ، قايتىشنى يادىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايتتى . شۇنداق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بىز خۇاڭخې  بويىدا كېتىۋاتاتتۇق . دەريا بىلەن يول ئارىلىقىدىكى تار گۈللۈكتە  يېنىپ تۇرغان بىر چىراغ بىردىنلا ئۆچۈپ قالدى . بۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىزلا بىر تارىخىي  قوشاق يادىمغا كېلىپ قالدى . مەن ئۇنى بوش ئاۋاز بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدىم:

 

بەختىمىز بولسا ئەگەر،

يانغان ئوت ئۆچەرمىدى.

يۇرتىمىز بولسا ئامان،

خەلقىمىز كۆچەرمىدى.

 

− بۇ بىر تارىخىي  قوشاق ئوخشىمامدۇ؟− دەپ سورىدى مېھراي مەندىن.

− ھەئە ، بۇ ئېھتىمال نۇزۇگۇم پالانغان دەۋردە مەيدانغا چىققان قوشاق بولۇشى مۇمكىن . لېكىن بەختسىز خەلقىمىز تارىختا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىملاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.

− نۇزۇگۇم دەۋرىدىكى كۆچۈشلەرنىغۇ چۈشىنىمەن . ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۆچۈشلەر نېمە سەۋەبتىن بولغان؟ ئۇنىڭ تارىختىكى رولىچۇ؟

− بۇ سوئالىڭىزغا تولۇقى بىلەن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە كۈن ماتېرىيال كۆرۈپ مەخسۇس تەييارلىق قىلىشقا ، ئاندىن پاكىت ، مۇلاھىزە ۋە يەكۈنلەرنى رەتلەپ چىقىشقا  توغرا كېلىدۇ . دېمەك ، سوئالىڭىزغا تولۇق بېرىلگەن جاۋاب بىر پارچە ئىلمىي ماقالە بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ . لېكىن ھازىر بىزدە ئۇ ئىمكانىيەت يوق . مەن پەقەت ئاشۇ ھەقتىكى يۈزەكى ھېسسىياتلىرىمنى ۋە ھازىر يادىمدا بار بولغان بەزى خاتىرىلەرنىلا سۆزلەپ بېرەي.

− تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن كۆچۈشلەرنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل. ئۇ كۆچۈشلەرنى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز