تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھازىر جاۋاب شائىر، قىزىقچى، مەدەنىيەت–سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ

ھازىر جاۋاب شائىر، قىزىقچى، مەدەنىيەت–سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى

 


 

 



                                       تۆمۈر قادىرى

( خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساس مائارىپ بۆلۈمىدىن)

 

 

    تارىختىن بۇيان مەدەنىيەت، مائارىپ ھاۋاسى قويۇق بولغان، «ئانار يۇرتى»، «ئاشلىق ماكانى»، «قۇملۇقتىكى يېشىل كېمە» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان چىرا دىيارىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، چىرا خەلقىنىڭ ھۆرمەت تەختىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ھازىر جاۋاب شائىر، پېشقەدەم مائارىپچى، تالانتلىق سەنئەتكار، قىزىقچى، ئەدەبىيات –سەنئەت، مەدەنىيەت تەشكىلاتچىسى، مەرھۇم مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل نامىنى ياد ئېتىشكە، تۆھپىسىنى خاتىرىلەشكە تېگىشلىك تۆھپىكار ئۇستازلارنىڭ بىرىدۇر.

     مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل 1944-يىلى 1-ئايدا چىرا ناھىيە بازىرىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تۇنجى قارارلىق ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1959-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1994-يىلى 12-ئايغىچە ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ چاقار يېزىسىنىڭ چوڭساي، ئاقچىغ، بادىغان كەنت ( ھازىر ئۇلۇغساي يېزىسىغا قارايدۇ ) باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ۋە چىرا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، چىرا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەتچى، ئارتىست، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئاممىۋى مەدەنىيەت يېتەكچىسى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىدارىسىدا كەسپىي خادىم بولغان. 1995-يىلى 1-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق، چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئېسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2000-يىلى 7-ئايدا قەستكە ئۇچراپ قازا تاپقان.

     مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە، بارلىقىنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كەسىپكە بېغىشلاپ، قەلبىگە ئۇلۇغ، ئوتلۇق ئارزۇلارنى پۈكۈپ، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا باش چۆكۆرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ۋىلايىتىمىز ئاساس مائارىپ ئىشلىرىنىڭ، جۈملىدىن يېزا مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغان، جەمئىيەتكە كېرەكلىك كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى، مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ مەدەنىيەت–سەنئەت سېپىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىنمۇ، مائارىپ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن. ئۆزىنىڭ تۆت پەرزەنتىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغاندىن سىرت، مەكتەپلەردىكى يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا كېرەكلىك يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، «ئادەم يارىتىش»تىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان ئۇلۇغۋار ئىنسان ئىكەنلىكىنى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مول بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى قەدىرلەپ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۆز كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بارلىق بىلىملەرنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرتەرەپلىمە ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى پىشىشق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا تولۇپ –تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆيۈنۈپ دەرس ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلغىلى ۋە دەرسكە جەلپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر بىلىمى، ئەقىل-پاراسىتى، پېشقان ئوقۇتۇش تەجرىبىسى، مېتودى، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى سۆز، ھەرىكىتى، خىزمەت پوزىتسىيەسى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىللىق مۇئامىلىسى، پاك، قىزغىن، سەمىمىي ھېسسىياتى، كۆيۈنۈشى، ئۇستازلىق مېھرى-مۇھەببىتى ئارقىلىق بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى تىكلىگەندىلا، كەسىپداشلىرىنىڭ ۋە تەشكىلنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى ھەرۋاقىت جېكىلەپ، ئۇلارنىڭ ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ تۇرغان.

      مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، كۆپلىگەن شېئىر، ھېكايە، نەسرلەرنى يازغان. بۇنىڭ بىر قىسىملىرى شۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىيات كۆرۈژۇكىنىڭ ژۇرناللىرى ۋە تام گېزىتلىرى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. «گۈللىگەن يايلاق» ناملىق تۇنجى شېئىرى «خوتەن گېزىتى»نىڭ 1963-يىلى 8-ئايلىق سانىغا، « يايلاق بۇلبۇللىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئوچېركى « شىنجاڭ پىيونېرلىرى» گېزىتىنىڭ 1965-يىلى 9-ئايلىق سانىغا بېسىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. شۇندىن ئېتىبارەن ئىزچىل تۈردە شېئىر، نەسر، ھېكايە، كومېدېيە، دراما، بېيت-قوشاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. «يېڭى قاشتېشى»، « تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، « ئانار چېچەكلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «قاراماي ئەدەبىياتى»، « شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « شىنجاڭ خەلق ئەسكەرلىرى»، « شىنجاڭ نېفىت گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، سەككىز پارچە ھېكايە، نەسىر ۋە بىر قىسىم دراما، كومېدېيەلەرنى ئېلان قىلغان. « قەلبىمىز قۇياشقا تەلپۈنىدۇ»، «ئاق مارجان»، «ۋەتەنگە مەدھىيە»، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»، «يورۇڭقاش شادلىقى»، «خوتەن يولىدا پايانداز» قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. «دۇستلۇق مەڭگۈ ياشايدۇ»، «ئۆستەڭ قوشىقى»، «قۇدۇق قېزىش ناخشىسى» قاتارلىق 18 پارچە ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلغان. ئۇ سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان. «سىرتماق»، «ئوغۇتنى نەگە ئاپىرىش كېرەك؟»، «توي ئالدىدىكى ئۇقۇشماسلىق»، «تويدىن كېيىن»، «ئازادىخان چۈشەندى»، «ئەركە كۈيئوغۇل»، «پاتەمخاننىڭ سوۋغىسى»، «بەخت سۈيى ئۆركەشلىمەكتە» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە دراما، كومېدېيەسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ ھەمدە سەھنىلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىن «ئازادىخان چۈشەندى»، «سىرتماق»، « ئوغۇتنى نەگە ئاپىرىش كېرەك؟»، «توي ئالدىدىكى ئۇقۇشماسلىق»، «تويدىن كېيىن»، «ئەركە كۈيئوغۇل» ناملىق دراما، كومېدېيەلىرى خوشنا ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ، قىزغىن ئالقىشلانغان. « ئوغۇتنى نەگە ئاپىرىش كېرەك؟» ناملىق بىر پەردىلىك درامىسى 1976-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە كورلا شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە 1-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ۋە ئورۇنداش مۇكاپاتىغا، «قۇدۇق قېزىش ناخشىسى»، «يېزا يولىدا»، «ئۆستەڭ قوشىقى»، «دۇستلۇق مەڭگۈ ياشايدۇ»، « گۈل تۇتتۇم كۈرەشچانغا» قاتارلىق ناخشا تېكىستلىرى، «ئازادىخان چۈشەندى» ناملىق كومېدېيەسى ۋىلايىتىمىزدىكى كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ كۆرىكىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1983-يىلى «كۈندە كېلىڭ بۇ باغقا» ناملىق شېئىرى «ئاممىۋى مەدەنىيەت» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن، «باھار گۈللىرى» ناملىق نەسرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن، 1995-يىلى «پاياندازدا قالغان ئىزلار» ناملىق شېئىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك قاتناش باشقارمىسى تەرىپىدىن 3-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان.

      شائىر مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل خاس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قېزىش، توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، جامائەتچىلىكنىڭ يۇقىرى باھاسىغا سازاۋەر بولغان. «مىراس» ژۇرنىلى ۋە باشقا گېزىت-ژۇرناللاردا نۇرغۇن چۆچەك، ماقال-تەمسىل، خەلق قوشاقلىرىنى ئېلان قىلغان ( شائىر قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ج خ ئورۇنلىرى ئۇنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن گۇلاخما يېزىسىنىڭ باغئېرىق كەنتىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە توپلىغان سەككىز كۇبلېتلىق «باغئېرىق خەلق قوشاقلىرى»نى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قېزىش ۋە توپلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ). چىرا ناھىيەسىنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۈچ توپلىمى («چىرا خەلق قوشاقلىرى»، «چىرا خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، « چىرا خەلق چۆچەكلىرى») نى ۋە «ئانار چېچەكلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1-، 2-، 3-، 4-سانلىرىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش، نەشر قىلدۇرۇش جەريانىدا ھېرىش-چارچاشتىن، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي ئىجتىھاد بىلەن ئىشلىگەنلىكتىن، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

       ئۇ ئاخبارات-خەۋەرچىلىك ئىجادىيىتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، « خوتەن گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن خەۋەر، ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر ئىختىيارىي مۇخبىر»، «مۇنەۋۋەر ئاپتور» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

     مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل چىرا ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئەت تەشكىلاتچىسى، چىرا ناھىيەسىدىكى ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سالغۇچى ئۇستازدۇر، چىرىلىقلار پەخىرلىنىدىغان تالانتلىق سەنئەتكاردۇر. ئۇ ھارماي ئىجاد قىلىش بىلەن بىرگە، يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلغۇچىلارنى يېنىغا توپلاپ ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش، يېتەكلەش، چىرا ناھىيەسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىنى زورايتىش، ئاپتورلارنى ئىجادىيەتكە تەشكىللەش، چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنى قۇرۇش، ناھىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش جەھەتتە تەشكىلاتچىلىق رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى، يېتەكلىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا زور بىر تۈركۈم ياش، غوللۇق قەلەم ئىگىلىرى ۋە سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىقىپ ھەمدە يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ پارلاق كېلەچېكىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئاپتونوم رايونىمىز، ۋىلايىتىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلاندى، بىر قىسىملىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىر، مەسئۇل مۇھەررىر ۋە مۇھەررىرلىرىدىن، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، دىكتورلىرى، مۇھەررىرلىرى ۋە مۇخبىرلىرىدىن، سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ تالانتلىق ئارتىستلىرىدىن ۋە داڭلىق خەلق سەنئەتكارلىرىدىن بولۇپ، سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى بىلەن شۆھرەت قازاندى.

       مەرھۇم مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل گەپ-سۆزگە ماھىرلىقى، تىلىنىڭ يۇمۇرلۇقلىقى، ھازىر جاۋابلىقى بىلەن يىراق-يېقىندا داڭق چىقارغان خەلق قىزىقچىسىدۇر. ئۇ ئۆزىگە « قىزىق» تەخەللۇسىنى قويۇپ، بارغانلىكى جايدا، ئىشتىراك قىلغانلىكى سورۇندا ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى قىلىپ، نەقمەيداندا بېيت-قوشاق توقۇپ، چاخچاق ئېيتىپ، لەتىپە سۆزلەپ، سورۇن ئەھلىنى كۈلدۈرۈپ، چىرا خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. پاكىت سۈپىتىدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى پارچە لەتىپىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

     ــــ مەن نېمە يىللىق؟ ــــ دەپ سوراپتۇ بىرسى «قىزىق»تىن.

     ــــ قاچان تۇغۇلغان؟

     ــــ 60-يىللاردا.

     ــــ ئۇنداقتا، ــــ دەپتۇ «قىزىق» ھېچبىر ئويلانماستىنلا، ــــ سەن « دايۆجىن» يىللىق ئىكەنسەن.

  ....

     بىرسى « قىزىق»تىن سوراپتۇ:

       ــــ بۇ شېئىردا «يىللار يىللارنى قوغلاپ كېلىدۇ» دەپ يېزىلىپتۇ. راستمۇ؟

       ــــ راست.

       ــــ ئۇنداقتا، مەن بېلىق يىللىق.

       ــــ دۇرۇس، بېلىق يىللىقنى يىلان يىللىق قوغلاپ كېلىدۇ.

      مەرھۇم مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىلنىڭ 1995-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۇمۇر، لەتىپىلىرى تەخمىنەن ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، چىرا دىيارىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت خادىملىرى، ئەدىبلەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن پات-پات بىللە بولۇپ پاراڭلاشقانلىقى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن  بەزى يۇمۇر، لەتىپىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ ۋە رەتلىنىپ، «نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» دېگەن نامدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر تۈرلۈك كىتاب، گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.  ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارلىق يۇمۇر، لەتىپىلىرىنى رەتلەپ ۋە تاللاپ، « قىزىق لەتىپىلىرى» ناملىق كىتاب تۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان، زۆرۈر تېپىلغاندا مېنىڭ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەملىشىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ چوقۇم پۇرسەت چىقىرىپ يۇمۇر، لەتىپىلىرىنى رەتلەشكە كىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغاچقا، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلالمىدى.

    مۇھەممەدقۇربان ئىسمائىل تولىمۇ كەمتەر، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈللۇكلىكى، يۇۋاش، راستچىللىقى، خۇشپېئىل مېجەز-خاراكتېرى ۋە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە، يۈكسەك ئابرويغا ئىگە، مۆتىۋەر زاتلارنىڭ بىرسى ئىدى؛ دۇستلۇقنى قەدىرلەيتتى؛ پارتىيە، خەلق ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا باش چۆكۆرۈپ جاپالىق ئىشلەيتتى. شۇڭا، بىرنەچچە قېتىم « خىزمەت ئىلغارى»، «مۇنەۋۋەر تەربىيەلىگۈچى» بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەنىدى، 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنىدى. تۆھپىسى ۋە گەۋدىلىك ئىش-ئىزلىرى « شىنجاڭ ياشلىرى»، « ئانار چېچەكلىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا، خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، چىرا ناھىيەلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا، ناھىيەلىك رادىيو ئۇزېلىدا، « چىرا ناھىيەسىنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابتا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغانىدى...

     مەنبە:  «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز