تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(44)-ئېھتىياتچان ھېنرى

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(44)

ئېھتىياتچان ھېنرى

مەلۇم بىر كۈنى چوڭ ئوغرى ساۋ شيۇڭفېي رازۋىتچىك ھېنرىنىڭ ئۆيىگە كىردى، ئوغرى ھېنرىنىڭ تېلېفونىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ قويماقچى ئىدى. 

ساۋشىۇڭفېي ئاۋۋال ياتاق ئۆيگە كىردى، بۇ ئۆينىڭ دېرىزىسى يوق بولۇپ، چىراقنى ياندۇرسىمۇ ھېچ ئىش بولمايتتى، ئوغرى تېلېفونغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىۋاتقاندا دەرۋازا سىرتىدىن ئاچقۇچ شاراقشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. رازۋىتچىك قايتىپ كەلگەنىدى، ئوغرى دەرھال چىراقنى ئۆچۈرۈپ كارىۋاتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 

ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ھېنرى ئۆيگە كىردى، ئۇ چىراقنى ياقماي قاراڭغۇدا بىردەم تۇردى ئاندىن «كىم؟ كىم دەيمەن، تېز چىق» دەپ ۋارقىراپ چىراقنى ياقتى. 

«تىنچلىقمۇ؟ مەن» ساۋشىۇڭفېي ھېچبولمىغاندەك كارىۋاتنىڭ ئارقىسىدىن چىقتى.

«سەن، سەن بۇ يەردە نېمىش قىلىسەن؟»

« ھېچ ئىش يوق، مەن سىزنى ساقلاپ تۇرغان، ئىككىمىز پاراڭلىشىپ باقايلىمىكىن دېگەنىدىم».

«قۇرۇق گەپ! سەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز كىرىپ، نېمە ئىش قىلماقچىتىڭ؟»

«  مەن ھېچنېمىنى ئالمىدىم، لېكىن سىز مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟ »

«ئۇ ماڭا دەپ بەردى» ھېنىرى كارىۋات شىرمىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ يەردە تېلېفون، ئۈستەل چىرىغى ۋە بىر قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇقلۇق ئىدى. 

ھېنرىنىڭ «ئۇ ماڭا دەپ بەردى» دېگەن نەرسە زادى نېمە؟ 


رازۋېدكا ھېكايىلىرى(43)نىڭ جاۋابى:

ئادەمنىڭ قېنى تەركىبىدىكى تۇز مىقدارى ھايۋانلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، ئەنرەن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىلى بىلەن ئىككى قان ئىزىنى يالاپ كۆرۈپ جىنايەتچىنىڭ قان ئىزىنى پەرق ئەتكەن. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز