جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە نېمە ئۈچۈن كىچىك تەرەت قىستىغاندەك بولىدۇ ؟
(ئاياللار چوقۇم كۆرۈڭ)
بىر ئايال تورداش بىزدىن مۇنداق سۇئال سورىغان: مەن توي قىلغىلى خېلى يىل بولدى، بىر پەرزەنتىم بار، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە دائىم كىچىك تەرەت قىستاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، جىنسىي مۇناسىۋەت ئاياللارنىڭ سۈيدۈك قېتىم سانىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈم مۇتەخەسسىسى مۇنداق كۆرسەتمە بېرىدۇ: جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھەقىقەتەن كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن، بۇمەسلىنى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت سەۋەبتىن كېلىپ چىققان دىيىشكە بولىدۇ:
بىرىنچىدىن: بەدەننىڭ مەلۇم قىسملىرى سۈيدۈك چىقىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. يەنى مۇناسىۋەت جەريانىدا دوۋساق بېسىلىپ، كىچىك تەرەت قىستىغاندەك تۇيغۇ بېرىلگەن.
ئىككىنچىدىن: جىنسىي يولنىڭ قۇرغاقلىشىشى. ھەيز كېسىلىش مەزگىلدىكى (كلىماكتېرىيە) ئاياللارنىڭ ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشى تۆۋەنلىگەندە، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ شىللىق پەردە قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئازساندىكى ئاياللاردا سۈيدۈك قىستىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئۈچىنچىدىن: ئەگەر سۈيدۈك يولى يۇقۇملانغان بولسىمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ بولىدۇ، ئەگەر كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىش ۋە ئېچىشىش ھېس قىلغاندا، بۇ روشەن ھالدا سۈيدۈك يولى ياكى جىنسىي يول يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى. كىچىك تەرەت قىلغاندا غەلىتە پۇراق بولسا ياكى سۈيدۈكتە ئاق شىلىمشىق نەرسىنى بايقىغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆتىنچىدىن: بالىياتقۇ چىقىپ قىلىش. ئەگەر سىز داۋاملىق كىچىك تەرەت قىستىغاندەك بولسىڭىز، ئەمما سۈيدۈكنىڭ مىقدارى كۆپ بولمىسا، بۇنىڭدا بالىياتقۇ چىقىپ قالغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. مەيلى ياش جەھەتتە بولسۇن، بۇنىڭدىن بۇرۇن بالا چۈشۈرگەن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بالىياتقۇ مۇسكۇلى بوشاپ (ئاجىزلىشىش)، بالىياتقۇ قىسمى جىنسىي يولغا پەسلەپ، دوۋسۇنغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال بەك ئېغىر بولمىسا داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئەھۋال ئېغىرراق بولسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئوپىراتسىيە قىلىپ بالىياتقۇنىڭ جايلىشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېگىشلىكمۇ ئەمەس، ئاندىن بېكىتسە بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە سۈيدۈك تۇتالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاش، ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى ھېسسياتقا، مۇھەببەتلىك ئائىلە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلمىي يەكۈنلەش ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.