بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر پادىشاھ چارلاشقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئۈزۈكىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ ئوردىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۈزۈكنى تېپىۋالغۇچىلار ئۈزۈكنى تاپشۇرۇپ بەرسە چوڭ ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئۈزۈكىنى تېپىۋالغان بىر لەشكەر ئۈزۈكنى ئۆز قولى بىلەن پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كەپتۇ. لېكىن، ئوردا قاراۋۇللىرى ئۇنى ئوردىغا كىرگۈزمەپتۇ. لەشكەر ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن قاراۋۇللار ئاندىن ئوردىغا كىرىشكە روخسەت قىپتۇ. بىراق، پادىشاھ تۇرىدىغان قەسىرگە ئاز قالغاندا باش ۋەزىر ئۇنى توسۇۋاپتۇ:
ــ بۇ دېگەن شاھ ئوردىسى، سەن بۇ يەرگە كېلىشكە قانداق پېتىندىڭ؟
ــ مەن پادىشاھىمىزنىڭ ئۈزۈكىنى تېپىۋالغان، تاپشۇرۇپ بېرەي دەپ كېلىشىم.
ــ ئۇنداقتا ياخشى، سەن ئۈزۈكنى ماڭا تاپشۇرۇپ بەرسەڭ بولىدۇ. مەن پادىشاھىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىمەن.
لەشكەر بۇ ۋەزىرنىڭ باشقا نىيەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، پادىشاھىمىزغا ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىمەن دەپ تۇرىۋاپتۇ.
ـ- بۇمۇ بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۆز قولۇڭ بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگىن. بىراق ۋاقتى كەلگەندە پادىشاھ ئىنئام قىلغان تارتۇقنىڭ يېرىمىنى ماڭا بېرىشىڭ كېرەك دەپتۇ.
لەشكەر سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
ــ بولىدۇ، پەقەت ئۆزلىرى مېنىڭ پادىشاھ ئالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىمگە روخسەت قىلسىلىلا، تارتۇقنىڭ يېرىمىنى ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىشكە رازىمەن، دەپتۇ.
ــ ئاغزىڭدىكى قۇرۇق گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدۇ. بىز ياخشىسى تىلخەت يېزىشىۋالايلى !
شۇنداق قىلىپ، لەشكەر تىلخەت يېزىپ بېرىپتۇ. ۋەزىر تىلىخەتنى يازدۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا ئوردىغا كىرىپ، پادىشاھقا بىر لەشكەرنىڭ ئۈزۈكنى تېپىۋېلىپ، ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىپتۇ.
پادىشاھ خۇشال بولۇپ، دەرھال لەشكەرنى باشلاپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. لەشكەر ئۈزۈكىنى ئېھتىرام بىلەن پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ شۇ ھامان ئوردا خەزىنىچىسىگە: «بۇ لەشكەرنى ھازىرلا 1000 تىللا بىلەن تارتۇقلاڭلار!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.
ئويلىمىغان يەردىن لەشكەر دەرھال رەت قىلىپتۇ: ياق ماڭا تىللا كېرەك ئەمەس، مېنى پەقەت 100 دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇسىلا !
ــ نېمە ئۈچۈن ؟ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ھەيران بولغان ھالدا.
ــ مەن پەقەت شۇنداق بولۇشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن. پادىشاھ لەشكەرنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنى 100 دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لەشكەر تىزلىنىپ تۇرۇپ: شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھىئالەم سىلىنىڭ بۇ 100 دەررە ئىنئاملىرىنى مەن ئۆزۈملا ئالسام بولمايدۇ. مېنىڭ يەنە بىر شېرىكىم بار، سىلى قانداقلا تارتۇقسىلا، ئىككىمىز تەڭ بۆلۈشمەكچى بولۇشقانىدۇق، دەپتۇ.
ــ ئۇ كىم ؟
لەشكەر ۋەزىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئۇ دەل سىلىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۇ مېنى سىلە بەرگەن ئىنئامنى بۆلۈپ بېرىشكە قىستىغانىدى، بولمىسا ئۆزىدىن سوراپ باقسىلا ! دەپ ھېلىقى تىلخەتنى پادىشاھقا سۇنۇپتۇ.
پادىشاھ تىلخەتنى كۆرگەندىن كېيىن كۈلۈپ كېتىپ: سەن ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەنسەن ! سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە دەررىنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا بېرەيلى ! دەپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياساۋۇللار ۋەزىرنى 50 دەررە ئۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا لەشكەر يەنە: پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ سىلىنىڭ ئىنئاملىرىدىن قىلچە تامايىم يوق. شۇڭا مېنىڭ نېسىۋەمنىمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن بولسىلا ! دەپتۇ.
ــ بولىدۇ، سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە بولسۇن !
شۇنىڭ بىلەن ئاچ كۆز ۋەزىر يەنە 50 دەررە يەپتۇ.
پادىشاھ لەشكەرنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ 2000 تىللا بىلەن تارتۇقلاپتۇ.