تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەش ساھىپجامالنىڭ تەقدىرى

ھەقىقىي بەخت گۈزەل چىرايلارغا ئەمەس، دىيانەت ئىگىلىرىگە مەنسۇپ                                                                 -بارلىق قىزلارغا بېغىشلايمەن

ھەربىر قىز دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز بەختكە چۆمىدۇ، ئوماق قىزىنىڭ تاتلىق كۈلكىسى، شېرىن سۆزلىرى ئۈچۈن دېگىنىنى يىگۈزۈپ، كىيىمەن دېگىنىنى كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىدۇ، ئاپئاق كۆينەكنى كىيىپ پەرىشتىدەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن قىزى ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بېرىشكىمۇ تەييار تۇرىدۇ. لېكىن بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايىدىنمۇ مۇھىم نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ پەزىلەت.پەزىلەتلىك قىز بىر گۆھەرگە ئوخشايدۇ، مەيلى ئۇ قانداق مۇھىتتا بولسۇن، ئۆزىنىڭ ساپلىقى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن بىر ئېسىل پەزىلەتلىك قىز يېتىشتۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق ساۋاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك، بىر قىز بالا ئۈچۈن  ئاتا-ئانىسى بەرگەن پاكلىقنى ھالال جۈپتىگە تاپشۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق ۋاپادارلىق بولمىسا كېرەك. مەيلى سىز قىزىڭىزنى مەلىكە  ۋە ياكى خانىشلاردەك چوڭ قىلىڭ، ئۇ ھامان يەنىلا ئەرگە تېگىدۇ، شۇ ھالال جۈپتىنىڭ ئالدىدىكى بەختى مانە ئەڭ زور بەخت، ئۇ سىلەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، قىزىڭلارغا ھەمراھ بولىدۇ. شۇڭا قىزىڭىزغا بەختتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئەمەس، بەختنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆگىتىڭ، شۇندىلا ئۇ ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلەيدۇ.ھېكايىمىزدىكى بەش ساھىپجامالنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق ئەتىۋارلىق چوڭ بولغان مەلىكىلەر، لېكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئالامشۇمۇل پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلىتىشى ئەمەس، قەلبىدىقى ئېتىقاد، نىيەت-ئىقبال، ۋە ئارزۇ-ئارمانلار، مانە بۇلار ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. 1-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى ماھىرە.

  ماھىرە، ئاقسۇلۇق، ئاق-پىشماق، زىلۋا بوي، ئۆزىنىڭ چىرايىغا شۇنداق ئىشىنىدۇ، كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان، دادىسى ساقچىخانىنىڭ باشلىقى، ئاپىسى مەمۇر. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ھەۋىسى، ھەسەتخورلىقى، خۇشامىتى ئىچىدە چوڭ بولغان.چۈنكى دادىسىغا پارا بېرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك پارىسىغا ئېسىل نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىش  ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللىشى. ئاپىسى كىچىكىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ گۈزەل قىزىدىن پەخرلىنىدۇ، مەيلى قايسى چېيىدا بولسۇن، قىزىنىڭ گۈزەللىكىنى، قايسى ئەمەلدارلارنىڭ ئوغلىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرىدۇ. دادىسى گۈزەل قىزىغا كالتە،ئوماق كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ قولتۇقلاپ مېڭىشنى، باشقىلارنىڭ ھەۋەسلىنىپ قارىشىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئەڭ خۇشاللىق ئىش دەپ بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەم زامانىۋى ئائىلە، ئەر-ئايال ئىككىسى بەزىدە قىزى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىل ھاراق ئىچكەچ رومانتىك فىلىملەرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇ ئانە شۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولدى.ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئېتىقاد توغۇرلۇق سۆزلەر بولۇنمايدۇ.ئۇنىڭ ئاپىسى قىز بالىنىڭ قانداق يۈرۈشى، ئۆزىنى قانداق قەدىرلىشى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ باقمىغان.ئۇنىڭ دادىسى، قىزىم، كىم سېنى بوزەك قىلسا ماڭا دېگىن، ئەدىپىنى بېرىمەن دېيىشتىن باشقا ئۇنىڭغا ئۆزىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەيدۇ.ئۇ مانە ئەمدى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئالىي مەكتەپكە قاراپ ماڭماقتا. گۈزەل ئۈرۈمچى، نۇرغۇن ئازغۇن ھېسلارغا تولغان شەھەر، ئۇنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا بېرىشى، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، مۇرەككەپ ھېسلار ئىلكىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراپ يول ئالدى.2-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى گۈلقىز

گۈلقىز، كورلىلىق، بۇغداي ئۆڭ، مېھرى ئىسسىق قىز، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ چىرايىغا ئىشىنىدۇ، ياسىنىشقا ئامراق، سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى سودىگەر، كىچىكىدىن پۇلغا تويۇنۇپ چوڭ بولغاچقا پۇلدار ئوغۇللارغا كۆز قىرىنى سالماي ھاكاۋۇر تۇرىۋالىدۇ.ھېسياتچان، رومانتىك خىياللارنى قىلىشقا ئامراق، ئەقىللىق، دەرستە ياخشى، ئۇنىڭ دادىسى تولا سرتتا يۈرگەچكە، ئاپىسى بىلەن بەكرەك يېقىن، ئاتا-ئانىسى ھەرھالدا ئۇنىڭغا كۆپ تەربىيە قىلمىسىمۇ، لېكىن نامراتلارغا ياردەم بېرىپ كەلگەچكە، بۇئۇنىڭ باغرى يۇمشاق مىجەزىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇ ئاپىسىدىن ئايرىلىپ بىر يەرگە بارمايدۇ.مىجەزى ئىتتىك، بىر ئىشلارغا تېز قارار چىقىرىدۇ، ئاپىسى ئۇنى ياساپ بازارلارغا ئەپ چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇ قىزىغا بىرەر قېتىممۇ ئىپپەت توغرىسىدا سۆز ئېچىپ باقمىغان - ئۇ قىزىنى ھېچنىمە بىلمەيدۇ، بۇ ئۇقۇملاردىن بەك يىراق دەپ ئويلايدۇـمانە گۈلقىزمۇ ئالىي مەكتەپكە بېرىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ.نەچچە كۈن نەرسىلىرىنى رەتلىگەندى كېيىن، بىر ھەپتە ئاپىسىنىڭ قوينىدا يېتىپ بۈگۈن يولغا چىقتى، ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان كىشى بىرەر تۇققىنى تۈگەپ كەتكەن ئوخشايدۇ دېيىشى مۇمكىن ئىدى - ئۇمۇ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى، توختىماي ئەينەكتىن سىرتقا قارايتى، ياش خالتىسى قۇرۇمىغاندەك كۆز ياشلىرى تاراملاپ توختىمايتى، بۇ نازۇك قىزنى قانداق تەقدىرلەر كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ ھە!3-نومۇرلۇق قىزىمىز گۈلشەن     گۈلشەن، قەشقەرلىك، قارامتۇل  كەلگەن ،زىلۋا بويلۇق، شەھلا كۆزلۈك قىز.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان، كىچىكىدىن باشلاپ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرۈپ چوڭ بولغان، ئۇمۇ باشقا قىزلاردەك چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشنى، ئۆزىنى ياساپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئائىلە ئىقتىسادى بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇنى بىر تال قىزىم دەپ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلدى، ئۆيدە ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ھېچ ئىش قىلغۇزماي ئۆگىنىش قىلىشقىلا بۇيرۇيتى، گەرچە ئۇ دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقسىمۇ، ئۇ تېخى بىرەر قېتىم جاپانىڭ تەمىنى تېتىپ باققىنى يوق.پەقەت ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ باشقا قىزلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھېچكىم ئۇنى دېھقان قىزلىرىغا ئوخشاتمايدۇ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ چىرايىغا بەك ئىشىنىدۇ، ئەسلى مەن دېھقان ئائىلىسىدە خاتا تۇغۇلۇپ قالغان، كەلگۈسۈمنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىم كېرەك، چوقۇم پۇلدار بىرسى بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىپ ياشايمەن دەپ ئويلايدۇ.ئاتا-ئانىسى كۆپ ئوقۇمىغاچقا، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيە قىلىشنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيدۇ، پەقەت: قىزىم، ئۆزۈڭگە چىڭ بولغىن، قىز بالا دېگەن ئۆزىگە چىڭ بولۇشى كېرەك، بىزنىڭ يۈزىمىزنى يەرگە قارىتىدىغان ئىشلارنى قىلما دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، لېكىن بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا خۇددى قىزىم قولىڭنى يۇيۇپ تاماق يە دېگەنگە ئوخشاشلا سۆزلەر.ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە قىلغان گۈلشەن بېلىنى چىڭ باغلاپ ئۆگەندى، تىرىشقانغا تۇشلۇق ئاخىرى ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلدى. بىر پۈتۈن تەتىلنى دوستلىرى بىلەن ئويناپ ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە بېرىش تەييارلىقلىرىنى قىلدى.ئاتا-ئانىسى ئۆيىدىكى كالىلىرىنى سېتىپ، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى جەملەپ كۆزلىرى نەمدەلگەن ھالدا ئۇنى ئۇزاتتى.گۈلشەننىڭ كۆزلىرىدىمۇ ھەم ياش، لېكىن ھاياجانلىنىش ھېسياتى كۆڭلى يېرىم بولۇش ھېسياتىنى بېسىپ چۈشەتتى.ئۇنىڭ قەلبى چوڭ شەھەرگە بولغان ئىنتىلىش، گۈزەل مۇھىتقا بولغان تەلپۈنۈش، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن تولغان ئىدى.ئاپتوبۇس قوزغالدىن كېيىن ئۇ كۆزلىرى ياش قولىنى پۇلاڭلىتىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا خوش دەپ ئىشارەت قىلدى دە، تېلېفونىنى ئېلىپ دوستلار چەمبىرىگە ئۇچۇر چىقاردى-خوش،ئانا يۇرت، ئۈرۈمچى مېنى ساقلىغىن.4-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى دىلدار    دىلدار، غۇلجىلىق، چاچلىرى ئۇزۇن، سېرىق، زىلۋا بوي، ئورا كۆز قىز، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق، جەلپكار، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ئوقۇتقۇچى، ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى، لېكىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۇنداق قىممەت كىيىملەرنى ئېلىپ بەرمەيدۇ، ئاپىسى كىچىكىدىن ئۇنىڭغا:قىزىم، كىيىم دېگەننى پاكىز يۇيۇپ، رەتلىك كىيسىڭىزلا بولىدۇ، قانچە كىيىم ئالسىڭىزمۇ ئۇ ھامىنى بىر رەخت، پۇلىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىسراپ قىلماي قورسىقىڭىزغا ياخشى يەڭ دەپ جېكىلەيتى.شۇڭلاشقىمۇ ئۇ كىيىم كىيىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، پەقەت كىيىملىرىنى پاكىز يۇيۇپ، دەزمال سېلىپ، رەتلىك كىيىنىپ مەكتەپكە ماڭىدۇ.دادىسى ئۇنىڭ ھەرقېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە ياخشى كىتاپلارنى سوۋغا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەپەككۇرى كۈچلۈك چوڭ بولدى، ئۇ ھەر قېتىم كىتاپلارنى ئوقۇپ ئالغان تەسىراتىنى دادىسىغا سۆزلەپ بەرگىنىدە دادىسى ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ مېنىڭ قىزىم بەك ئەقىللىق دەپ ماختاپ قويىدۇ.دادىسى ئۇنى يەنە بىللە بازارغا ئېلىپ چىقىپ ،دۇكانلارنى ئارىلاپ، پىۋا بوتۇلكىلىرىنى يىغىپ سېتىشقا بۇيرىدى، ئۇ بىركۈن جاپا تارتىپ پىۋا بوتۇلكىلىرىنى سېتىپ پۇلنىڭ نەقەدەر تەستە تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدىدە، بۇندىن كېيىن پۇلنى ھەرگىز بۇزۇپ چاچمايمەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە قەسەم بەردى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن پارچە خىراجەت سوراپ باقمىدى، چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەركۈنى مەكتەپكە بېرىپ، چاڭ-توزان يەپ، ناھايىتى جاپا تارتىپ تاپىدىغانلىقىنى بىلەتتى.ئاپىسى مەكتىپىدىكى بىر قىزنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، قىزىغىمۇ تەربىيە قىلىشنى زۆرۈر بىلىپ، ئۇنى يېنىغا چاقىردى.
-قىزىم، بىر قىزبالا ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى پەزىلەت، پەزىلەتسىز قىزنىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ، مەن سىزنىڭ ئەقىللىق قىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن، سىزنىڭ ئىپپىتىڭىز سىزنىڭ يۈزىڭىز، مېنىڭ قىزىم بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەپ، بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ ياشاڭ بولامدۇ قىزىم؟مەن سىزنى خەقلەرنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا بېشىڭىزنى ساڭگىلىتىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن، چۈنكى مەنمۇ سىزنى ئوغۇل بالىدەك جىگەرلىك، غورۇرلۇق چوڭ قىلدىم دەپ قارايمەن، شۇنداق قىلالامسىز؟دىلدار يېشىنى سۈرتۈپ، ئاپىسىغا جىددىي تەرىزدە تىكىلدى:
- خاتىرجەم بولغىن، ئاپا، مەن نۇرغۇنلىغان كىتاپلارنى كۆردۈم، نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ تەقدىرىنى كۆردۈم، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈم ئورەككە چۈشىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ساڭا قەسەم بېرەيكى، سېنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن، غورۇرۇمنى ھاياتىم بىلەن قوغدايمەن.بۇ ئاپىسى ئېرىشمەكچى بولغان جاۋاپ ئىدى، ئۇ قىزىنى قۇچاقلاپ چوڭقۇر مېھرى بىلەن پېشانىسىگە بىرنى سۆيدى.
دىلدارنىڭ نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، تەبىئىيلا 1-تۈركۈمدىن ئارزۇ قىلغان مەكتىپىدىن چاقىرىق قەغىزى كەلدى، ئۇ كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇپ، كىتاپلىرىنى ئېلىپ يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم قويۇشقا تەييارلىنىپ ماڭدى.ئۇمۇ ئۆزىنى  قانداق تەقدىرنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتى.5-نومۇرلۇق قىزىمىزنىڭ ئىسمى دىلرۇز.
   دىلرۇز، ئۈرۈمچىدىن، يۈزلىرى ئاق ، سۈزۈك، ئوماققىنە زىنىقى بار سۆيۈملۈك قىز.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن ئاجرىشىپ كەتكەچكە، مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى.ئۇ مېھرى-مۇھەببەتكە تەشنا قىز، ھەرقېتىم ئاتا-ئانىغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى كۆرسە كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلايدۇ.ئۇ ئەدەبلىك چوڭ بولدى، مومىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي-ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ، گەرچە مومىسى يالغۇز بولسىمۇ، لېكىن بوۋىسى ئەينى چاغلاردا سودا قىلىپ، ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ، مومىسىغا مىراس قالدۇرغان.شۇڭا مومىسى بۇ بىر تال ئەتىۋارلىق قىزىنى كۆز قارىچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ چوڭ قىلدى.ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۆگەي دادىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسى ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشنىلا بىلىدۇ.ئۇ ھەممە نەرسىنى مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىدەك گۈزەل دەپ ئويلايدۇ.ئۇ تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپنىڭ3-يىللىقىدا مۇھەببەتلىشىشنى باشلىدى، ئۇ بالىمۇ بۇنىڭغا شۇنداق كۆيىنىدۇ، ئۇ تۇنجى قېتىم مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.ئۇلار بىللە بىر مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن، بىللە تەكرار قىلىپ ئالىي مەكتەپكە بىللە قەدەم قويدى، ئۇ پۈتۈن بىر تەتىلنى ئوغۇل دوستى بىلەن بىللە مۇھەببەتنىڭ قوينىدا ئۆتكۈزدى.مانە تەتىلمۇ توشۇپ مەكتەپكە بېرىش ۋاقتى كەلدى، ئۇ كىيىملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ، پەستە ساقلاپ تۇرغان ئوغۇل دوستىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويدى.
  « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» بەش قىز ئىچىدە ئۇيۇل تاشتىكى بۇ خەتلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلىدىدە، نۇرغۇن مۇرەككەپ ھېسلار بىلەن تەڭلا مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم ئالدى، قانداق تەقدىرلەرنىڭ ئۇلارنى چەمبەرچاس باغلاپ تۇرىدىغىنىنى ئۇلار قانداقمۇ ئويلاپ يەتسۇن؟! مەكتەپ تولىمۇ گۈزەل ئىدى، دىلرۇزدىن باشقىلار مۇ مەكتەپكە كېلىپ باقمىغاچقا، مەكتەپنىڭ گۈزەل يېشىللىققا تولغان مەنزىرىسىدىن تويماي ھۇزۇرلىناتتى، كۆڭلى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجان ۋە شادلىققا چۆمەتتى، كەلگۈسىگە بولغان پۈتمەس-تۈگىمەس شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ، ئاخىرى ياتىقىغا يېتىپ كەلدى.  ئۇلار تەڭلا 215ياتاققا يېتىپ كەلدى. قوللىرىدىكى ئېغىر سومكىلىرىنى قويۇپ ، بىر-بىرىگە زەن سېلىشتى، ھەممىسىنىڭ ئۈستى-بېشىغا كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىققان گۈلشەن ئاۋۋال سۆز ئاچتى:
-مېنىڭ ئىسمىم گۈلشەن، قەشقەردىن، سىلەر بىلەن تونۇشقىنىمدىم خۇرسەنمەن
-مېنىڭ ئىسمىم گۈلقىز، كورلىدىن
-مېنىڭ ئىسمىم دىلدار
پەقەت ماھىرە بىلەن دىلرۇز ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى، گۈلشەن ئۇلارغا قاراپ قويۇپ :
-سىلەرنىڭ ئىسمىڭلار نېمە؟دەپ سورىدى
-ماھىرە
-دىلرۇز
بۇ ئىككىسى بىلەن ئۇنچە ئىتتىك چىقىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغان گۈلشەن ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قويدى.نەرسىلەرنى رەتلەپ بولۇپ بىكار بولغان گۈلشەن گۈلقىز، دىلدارلارنى ئەگەشتۈرۈپ تاماققا چىقىپ كەتتى.ماھىرە دىلرۇزنىڭ سۈزۈك، ئاپئاق تېرىسىدىن مەستلىكى كېلىپ قاراپ قويدى دە:
-سىز ئۈرۈمچىدىنمۇ دەپ سورىدى.
-ھەئە
-ئىسمىڭىز نېمە؟
-دىلرۇز، سىزنىڭچۇ؟
-ماھىرە،ئىسمىڭىز بەك يېقىملىقكەن
-رەھمەت، بىللە تاماق يەپ كىرەمدۇق
-بولىدۇ، چاتاق يوق
ئىككى قىز كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دولان ئاشخانىسىغا يېتىپ كەلدى.ئاشخانىدا گۈلشەن ئۈچەيلەن بار ئىدى.گۈلشەن ئۇلارغا ئۆرۈلۈپ قاراپ قويدى.ئايرىم ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرغان دىلرۇز ئۇلارنى ئىشارەت قىلدى:
-ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرامدۇق؟
-بولدىلا، ئۇلار بىلەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغاندەكلا
-شۇنى دەيمەن، مەيلى ئەمىسە
ئۇلار ئىككى قاچا قۇرغاق قورۇلغان سومەن بۇيرۇتۇپ، ئىشتىھا بىلەن يەپ، ماھىرە مەرتلىك بىلەن پۇلىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن، بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ چىقىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالغان گۈلشەنگە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتمىغىنى ئېغىر كەلگەنىدى.
  كەچتە ئۇلار ناخشا ئاڭلاپ، يۇرتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ يېتىپ قالدى، دىلرۇز ماھىرەگە ئۆيۈمنى كۆرسىتىپ كېلەي دەپ بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، كەچتە مومىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى.ماھىرە مومىسى بىلەن بىللە تۇرغان بۇ يالغۇز قىزغا قاراپ ھەم  ھەيران قالدى ھەم قايىل بولدى، لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ سورىمىدى.
  كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلاپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كەلگىنىگە يېرىم يىلمۇ بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئامراق دوستلاردىن بولۇپ قالمىسىمۇ، ھەر ھالدا بىر-بىرىگە گەپ قىلىپ، سالاملىشىپ ئۆتىدىغان بولدى.گۈلشەن تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ماھىرە بىلەن دىلرۇزنىڭ سېپىگە قېتىلىۋالدى.مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى گۈلشەندىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ ئىدى، ماھىرە ۋە دىلرۇز بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، ئۇ چاچلىرىنى ئوڭشىتىپ، مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بېرىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى، ئۇ بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئالداپ، ئۆيىدىكى نەچچە مالنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەپچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇلارغا پەرۋايى پەلەك ئىدى، پەقەت ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئابرويى، شۆھرىتىنىلا ئويلايتى.گۈلقىز بىلەن دىلدار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى، گۈلقىزنىڭ تاۋى نازۇك بولغاچقا، دىلدار كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايايتى، لېكىن گۈلقىز بەزى ۋاقىتلاردا دىلدارنى بازارغا بېرىپ كىيىم ئالايلى دېسە، دىلدار، ئاداش، كىيىم ئالغىچە كىتاپ ئېلىپ ئوقۇيلى، كىيىمىڭ كۆپقۇ دەپ ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ قوياتتى.
بۈگۈن ياتاقتا گۈلشەن بىلەن گۈلقىزلا بار ئىدى. چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىۋاتقان گۈلشەننى كۆرگەن گۈلقىزنىڭ ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەۋىسى كەلدى.
-ئاداش، كىيىمىڭنى نەدىن ئالدىڭ؟
-شياۋشىمىندىن، چىرايلىقمىكەن.
-ھەئە، مېنىمۇ باشلاپ بارغىنچۇ، دىلدارغا دېسەم بىللە بارىدىغانغا ئۇنىمىدى.
-ماقۇل ئاداش، سەنمۇ نېمە ئۇ مەتۇ بىلەن بىللە يۈرىسەن، سەن شۇنداق چىرايلىق تۇرساڭ، چىرايلىق كىيىنىپ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرمەمسەن؟
-شۇشۇ، ئاداش، مەنمۇ ئاشۇنداق يۈرۈشنى خالايمەن، لېكىن سەن دائىم دىلرۇز،ماھىرەلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ مېنى تاشلاپ قويغاچقا، مېنىڭ دىلدار بىلەن بىللە يۈرۈشتىن باشقا ئامالىم يوق.
-ۋاي ئاللا، بالدۇر دېسەڭ بولمامتى، مەن ئىككىڭلارنى بىر قولۋاقتىكىلەر ئوخشايدۇ دەپ، سېنى ئۇنىڭغا تاشلاپ قويۇپتىمەن، بۇندىن كېيىن سەن بىز بىلەن بىللە يۈر ھە!مەن ماھىرە بىلەن دىلرۇزغا دەپ قويىمەن.
   ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلقىز شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى، راستىنلا ئىككى كۈندىن كېيىن گۈلقىز ئۇلار بىلەن بىللە ھەمرەمباغ تېز تاماقخانىسىغا تاماق يىگىلى باردى، گۈلقىز گۈلشەننىڭ دېگىنى بويىچە تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىدى، ئۇلارنىڭ دوستلىقى مانا شۇ بىر ۋاق تاماقتىن باشلاندى.گۈلقىزنىڭ تېزلا ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دىلدار ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى دە باشقا گەپ قىلمىدى، لېكىن ئۇ يالغۇزسىراپ قالدى، يېنىدا بىرمۇ دوستى يوق، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ يۈرگىسى كەلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ پۇل ئالغۇسى كەلمەيتى.ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆزىگە، نىيەت-ئىقبالىغا قاراپ بولىدۇ، بەزىدە كەچكەن بىر نەچچە سېكۇنتلۇق بىمەنە خىياللىرىمىز ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىمىز، بەزىدە باسقان بىر قەدەم خاتالىقىمىز ئۈچۈن داۋاملىق خاتالىشىشقا مەجبۇر بولىمىز، ھەممىمىز ئىنسان، خاتالاشماي تۇرالمايمىز، لېكىن قايتا-قايتا خاتالىشىش ئۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى، ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى.بۈگۈن شەنبە، دىلدار كىتاپخانىغا دەرس تەكرارلىغىنى چىقىپ كەتكەن، گۈلقىز بىلەن گۈلشەن بازار ئايلانغىلى كەتكەن بولۇپ ياتاققا دىلرۇز بىلەن ماھىرە قالغان ئىدى.ماھىرە زېرىكىپ تېلېفونىنى ئوينىغاچ، دىلرۇزنىڭ بىرنەرسىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.بىردەمدىن كېيىن ئۇ يىغلاپ چىقتى:
-ئاداش، بويۇمدا قاپتۇ.
ماھىرە ياتقان ئورنىدىن لىككىدە قوپۇپ كەتتى.
-توۋۋا، دېگىنە ئاداش، نېمە دەيدىغانسەن؟
-مەن ھازىر تەكشۈردۈم، ئۇنىڭ قولىدا ھامىلىدارلىقنى سۈيدۈكتىن تەكشۈرۈش ئەسۋابى تۇراتتى.
-ۋاي خۇدا، نېمە دەپ دىققەت قىلمىغانسەن؟
-ئاشۇ ئەكبەر بولمامدۇ، بىر قېتىم ئالدىنى ئالمىغانغا بويۇڭدا قالامتى دېگەنتى، ئەمدى قانداق قىلارمەن.
-چۈشۈرىۋەتكەن، ماھىرە بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىكىتىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالدى.
-ئۇنى تاپقىن، ئەكبەرگە راستىنى ئېيتقىن، ساڭا پۇل بەرسۇن، چۈشۈرۈۋەتكىن، ئۇ ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ، خۇددى ئىش كۆرگەن قىزلاردەك ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكىلى تۇردى.
-ئاشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئەمدى، دىلرۇز يىغلىغىنىچە، يوتقاننى يۈزىگە پۈركىۋالدى، ئۇ زادى نېمىگە ياش تۆكتى، ئەمدىلا ئاپىرىدە بولغان بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدىغىنىغىمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ يىنىكلىك قىلىپ، ئەكبەرگە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويغىنىدىنمۇ، ۋە ياكى ئاتالمىش مۇھەببەتكە تەشنالىغىدىن مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئېچىنىۋاتامدۇ، بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى.لېكىن شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن يېرىم بولدى، قورسىقىنى سىلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيتى.چۈشىدە ئۇ بىر بوۋاقنى كۆردى، ئۇ بوۋاق قانغا مىنەلگەن بولۇپ، ئاستا ئۇنىڭ كارىۋىتىغا يېقىنلىشىپ، ئاپا، ئاپا دەپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتى، بىردەمدە بوۋاق قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭ كانىيىنى سىقتى.
-ئا......................
دىلرۇزنىڭ چىقىرىشى بىلەن ماھىرە چۆچۈپ كېتىپ، يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى.
-نېمە بولدۇڭ ، ئاداش، ئادەمنى قورقۇتمىغىنە؟دىلرۇز كۆزىنى ئېچىپلا ماھىرەنى قۇچاغلىۋالدى.
-ئاداش، بۇ بالىنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئۇ مەندىن ئۆچ ئالغىلى كەپتۇ.
-ۋاي ئاداش، بالا تېخى قورسىقىڭدا، ئادەمنى قورقۇتمىساڭچۇ؟!
-ئاداش، قانداق قىلارمەن؟بۇ بالىنى قانداق چۈشۈرىمەن.
-ئاداش، قورقمىغىن، ئەتە دوختۇرخانىغا بېرىپ باقايلى، ئەكبەرگە تېلېفون قىل.دىلرۇز ئەكبەرگە تېلېفون قىلىپ، بىردەم يىغلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئەتە دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشقا ئۇناتتى.دىلرۇز تېلېفوننى قويۇپ ماھىرەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ:
-ئاداش، بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە تىنما دەپ جېكىلىدى.
-خاتىرجەم بولغىن ئاداش، ماھىرەمۇ  ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچى سىيرىلغان ئىدى.
ئەتىسى، ماھىرە بىلەن دىلرۇز باشقا قىزلارغا بازارغا بارىمىز دەپ چىقىپ كېتىپ، ئۇدۇل ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. گۈلشەن بۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئازراق گۇمانلانغان بولسىمۇ ئامال يوق ياتاقتا قېلىپ قالدى.يېرىم سائەتتىن كېيىن ئەكبەر يېتىپ كەلدى،ئەكبەر ئېگىز بويلۇق،  كېلىشكەن بالا بۇلۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى خۇددى چەتئەل مودىللىرىدەك قاۋۇل ھەم قاملاشقان ئىدى. ماھىرە ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ئوغرىلىقچە نەچچە رەپ قارىغىنىنى بىلمەيتى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇ كەمگىچە بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانىدى، گەرچە نۇرغۇن پۇلدار يىگىتلەر ئۇنىڭ كەينىدە يۈرسىمۇ، ئۇ كۆز قىرىنى سالمايتى، لېكىن بۇئۇ بۈگۈن نېمە بولدى ، يۈرۈكى نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېز سوقىدۇ، ئاھ خۇددا، مەن ئۇنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن، ئۇنىڭ يۈزى ئوت بولۇپ ياندى، بىر ئوت ئۇنىڭ يۈزىگە ئەمەس يۈرىكىگە تۇتاشقانىدى، لېكىن  دىلرۇزنىڭ ھالى خاراپ، ئۇ ئەكبەرگە تىكىلىپ قارىيالمىدى.
-ياخشىمۇسىز، ئەكبەر ماھىرەگە مەنىلىك كۈلۈمسىرىدى.
-ياخشىمۇسىز، ماھىرەنىڭ قەلنى تىترەيتى.
   ئۇ دىلرۇزنى قولتۇقلىۋالدى، دىلرۇز ئۇنىڭغا ئېسىلىپلا يىغلاپ كەتتى، ماھىرەنىڭ دىلرۇزغا ئىچى ئاغرىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەكبەرگە ئېسىلىۋالغىنىنى كۆرۈپ ھەسەتخورلۇقى قوزغالدى. ئەكبەر بۇنى بىلىپ قالغاندەك، قولى بىلەن دىلرۇزنى پەپىلىگەچ، كۆزلىرىنى ماھىرە تەرەپكە ئاغدۇراتتى.ئەجىبا، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ، ماھىرە بۇ خىياللارنى تازا بىئەپ ۋاقتىدا سۈرگەنلىكىنى سېزىپ، ۋاقتىدا خىيالىنى يىغىشتۇردى.
  ئەكبەر دىلرۇزنى ئوپېراتسىيەخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ، ماھىرە بىلەن بىللە سىرتتا ساقلاپ تۇردى،سۈكۈتتە تۇرۇش يېرىم سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئەكبەر سۆز ئاچتى.
-ئىسمىڭىز نېمە؟
-ماھىرە.
-ھە، دىلرۇزنىڭ دوستى بولامسىز؟
-ھەئە، ياتاقدىشى
-ئۈرۈمچىدىن
-ياقەي، ئاقسۇدىن.ئەكبەر ماھىرەگە سەپ سالدى، بۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق ھەم مودا كىيىنگەن بولۇپ، گۈزەل ھۆسنى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ بۇرۇقتۇم كەيپىياتىنى ئالاھىدە تەڭشەپ تۇراتتى.
-تېلېفون نومۇرىڭىزنى خاتىرلىۋالسام بولامدۇ؟دىلرۇزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشقا ئەپلىك بولىدىكەن.
-ماقۇل، ئۇ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى، گەرچە ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىش سەۋەبى ئۇنى ئازراق بىئارام قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا چۆمدى. بىردەمدە ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ دىلرۇز چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ئەكبەر بىلەن ماھىرەنى كۆرۈپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋەتتى - قورققىنىدىن يۈگۈرۈپ بارغان ماھىرەنىڭ دىلرۇزنى يۆلىگەن قولى ئەكبەرگە تېگىشىپ كەتكەن ھامان، دىلرۇز ھۇجۇدىغا ئېقىپ كىرگەن شېرىن سېزىمدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى، ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالغان ئەكبەرمۇ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى، دوستىنىڭ بۇ ھالىتىدە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىغا كۆز تاشلىغىنىدىن ئازراق خىجىللىق ھېس قىلغان ماھىرە قولىنى ئىتتىك ئاجرىتىۋالدى، ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىنى بىلمىگەن دىلرۇزنىڭ كۆزىگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەيتى - ئەكبەر ئۇلارنى ياتاق بىناسىغا ئەكىلىپ قويۇپ، ماھىرەنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك نەزەر سېلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى - ماھىرە دىلرۇزنى ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، ھارغان بەدىنىنى كارىۋاتقا تاشلىدى - بەختكە يارىشا باشقا قىزلار ياتاقتا يوق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ خىيال سۈرىشىگە دەخلى قىلمايتى ـ 
   ئۇ نېمە دېگەن كېلىشكەن ھە!نېمە ئۈچۈن ئۇنى بالدۇرراق ئۇچرىتىپ قالمىغان بولغۇيتۇم، ئۇنىڭ بىلەن قولۇم تېگىشىپ كەتكەندىكى ئۇ ھېسيات، توۋۋا، بۇ مۇھەببەت ئوخشايدۇ، دىلرۇز ئۆزى كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ، ئەسلى ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگەن بولسا بۇ ئىشلار بولمايتى، مەن ئالدىراپ ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلمايمەن، چوقۇم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىمەن - ئۇنىڭ خىياللىرى يەنە باشلاندى، شېرىن خىياللاردا مەس بوپ كەتكەن ماھىرەنى تېلېفون تىرىڭشىپ ئويغىتىۋەتتى - بۇ ئۇچۇر ئىدى
-ئۈندىدارىڭىزغا ئىلتىماس يوللاپ قويدۇم، قوشۇۋالارسىز
  بۇ ئەكبەرنىڭ ئۇچۇرى ئىدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ۋە تېزلىكتە ئۇنى قوشۇۋالدى ـ 
-ياخشىمۇ، دىلرۇز قانداراق 
-ياخشى، ئۇخلاپ قالدى
-ئۆزىڭىز قانداقراق
-مەنمۇ ياخشى، ماھىرەنىڭ تېلېفون تۇتقان قوللىرى تىترەيتى ـ 
-قەھۋە ئىچىپ كەلسەك قانداق، دىلرۇزنىڭ ئىشلىرى بىلەن كۆڭلۈم بەك يېرىم ـ 
ماھىرە دىلرۇزغا قاراپ سەل ئىكلەنگەن بولسىمۇ، مۇھەببىتى غالىپ كەلدىدە ئاددييلا قىلىپ ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى ـ 
ئەكبەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ماھىرە ئالاھىدە ياساندى، ئەڭ يارىشىملىق كۆينىكىنى كىيىپ، چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۇس گىرىم قىلدى، ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى كىيىپ، دىلرۇزنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتى ـ 
ئەكبەر بۇرۇنلا كەلگەن بولۇپ، يىراقتىن كېلىۋاتقان سۇمبۇل چاچ، گۈزەل بەدەننى كۆرۈپ كۆزلىرى باشقىچە چاقناپ كەتتى ـ 
-بەكلام چىرايلىققۇ، ئەكبەر ئورنىدىن قوپۇپ، ماھىرەگە ئورۇندۇقنى تارتىپ بەردى، ۋە قولىنى ماھىرەنىڭ قۇلىقى تۈۋىگە ئەكىلىپ، بۇ يەردە بىر نەرسە تۇرىدۇ دېگىنىچە، تەييارلىۋالغان شاكىلاتنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ساڭگىلاتتى ـ 
  ماھىرە قېتىپلا تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئەكبەردەك رومانتىك بالىلارغا ئەزەلدىن ھەۋىسى بار ئىدى، ئەكبەرنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك چىققانلىقىنى كۆرگەن ماھىرە ئۇنىڭ بىلەن قانداق بولمىسۇن يۈرۈشنى ئويلاشتى، ئۇنىڭ بۇ ھاياجانىدا، ھېلىغۇ دىلرۇزكەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە دوستىدىن كېچىشكە رازى ئىدى ـ 
-خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىزغۇ، ئەكبەر قولىدىن يەنە قاس چىقاردى، بۇ قېتىمقىسى ئەتىرگۈل ئىدى ـ 
-سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ماھىرە، بىلىمەن، دىلرۇز سىزنىڭ دوستىڭىز، ھەم بۈگۈنكى ئىشتا مەن بەك خىجىل، لېكىن ئۇ كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇرمىغاچقا، ماڭا بەك تايىنىۋالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتقان بولساممۇ، ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرىۋالغاچقا، رەت قىلالمىدىم - مانا ئەمدى بۇ ئىش بولدى، راستىمنى ئيتسام بۇ مۇناسىۋەتتىن مەن بەك چارچىدىم، ئۆزۈمنىڭ قانداق ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمەيتىم، بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىغاندا مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدىم - سىزنى ھازىر مەن بىلەن يۈرۈڭ دېمەيمەن ، دىلرۇز ئەسلىگە كېلىۋالسۇن، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۆزۈم چۈشەندۈرەي، ئايرىلىپ كېتەي، لېكىن سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلارسىزمۇ
   تۇيۇقسىز قويۇلغان بۇ تەلەپتىن خۇدىنى يوقاتقان ماھىرە ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي، ئويلىشىپ باقاي دەپلا قويدى ـ 
ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ماھىرە قايتايلى دەپ ئەكبەرنى ئالدىراتتى - ئەكبەر مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوياي دېسىمۇ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ماھىرە ئۆـزى تاكسى تورۇپ كېتىپ قالدى ـ  
ياتاقتا، قىزلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، دىلرۇزنىڭ ئەتراپىدا ئولىشىپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراۋاتاتتى ـ 
-قايتىپ كەلدىڭمۇ، نەگە باردىڭ، ئويغانسام يوق تۇرىسە
-دوستۇم بىلەن تاماق يىدىم، سەنچۇ تاماق يىدىڭمۇ
-ھەئە، يىدىم، مەن ئۇخلاي ئاداش چارچاپ كەتتىم ـ 
-ھەئە، ئارام ئالغىن
-قايسى دوستۇڭ بىلەن باردىڭ، گۈلشەن كوچىلاپ سورىدى ـ 
-ۋاي،نېمە كارىڭ
ماھىرەنىڭ بۇ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى سوۋۇغان گۈلشەن ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ كارىۋىتى يېنىغا كەتتى ـ  
ماھىرە يوتقانغا بېشىنى چۈمكەپ، تېلېفوننى قولىغا ئالدى:
-ئەكبەر، كۆڭلىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن - كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى ھەممىنى تەييارلاپ ئۆگۈنۈپ قالغان بۇ قىزغا، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق ئىدى، مەيلى ئۇ ئۆزىگە تەئۇللۇق بولسۇن، بولمىسۇن ئۆزى ياخشى كۆرگەننى چوقۇم قولغا كەلتۈرمەي قويمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكبەرمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، بۇنىڭ نېمىسى يامان، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى قايىل قىلىپ، ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ئەكبەربىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇخلاپ قالدى .  كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى، مانا ھەش-پەش دېگۈچە، ماھرە بىلەن ئەكبەرنىڭ يۈرگىنىگە 2ئايمۇ بولۇپ قالغانىدى.ماھىرەنىڭ نەچچە رەت قىستىشى بىلەن ئەكبەر ئاخىرى دىلرۇزغا ئېغىز ئاچتى.
-دىلرۇز، ساڭا بىرگەپ دېمەكچى ئىدىم.«قايسى گەپ؟» دىلرۇز ئەركىلىگەن ھالدا ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
-ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى، دىلرۇزنىڭ قوللىرى ھاۋادىلا قالدى، كۆزىنى يوغان ئاچقىنىچە، ھەيران قالغان ھالدا ئۇنىڭ گېپىنى تەكرارلىدى.
-نېمە؟ئايرىلىپ كېتەيلى، چاقچاق قىلمايۋاتقانسەن؟
-راست دەۋاتىمەن، ئىككىمىز ماس كەلمەيمىز.دىلرۇز ئەمدى ئۇنىڭ ئەستايىدىل دەۋاتقىنىغا ئىشەندى دە بۇرۇنقى ھۈنىرى بويىچە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-نېمە ئۈچۈن؟مەن ساڭا بارلىقىمنى بېغىشلىدىم، سەن ئۈچۈن بالا ئالدۇردۇم، ئەمدى مېنى تاشلاپ كېتەمسەن، مېنىڭ سەندىن باشقا ھېچنىمەم يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؟زادى سەۋەبى نېمە؟باشقا بىرسىنى تېپىۋلدىڭمۇ؟
ئەكبەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتى، دىلرۇزنىڭ ئۆزىنىڭ گۇمانىغا ئىشەندى.
-قا

ئەسلى مەنبەسى: ئۆزۈم يازغان
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز