شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. ۋىتامىن يېتىشمىسە كۆزنىڭ ئەتراپىدا قارا چەمبىرەك پەيدا بولىدۇ؛ شۇڭا تۇرمۇشتا تەركىبىدە ۋىتامىن E ۋە ۋىتامىن A بار سەۋزە، تۇخۇم سېرىقى، ھەرخىل پۇرچاق، كۈنجۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش كېرەك.
2. خۇشخۇي ياشاش كېرەك. چۈنكى كەيپىيات ياخشى بولمىسا، ئادەم ئاسان چارچايدۇ ھەم قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ-دە، كۆزنىڭ ئەتراپىدا قارا چەمبىرەك پەيدا بولىدۇ. كەيپىيات نورمال بولسا، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ، شۇڭا دائىم خۇشخۇي يۈرۈش كېرەك.
3. كېچىسى ئوبدان ئۇخلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكلىقى ئېشىپ، قارا داغلار ئازلايدۇ.
4. جۇڭگو تېبابىتىدە: كۆز ئەتراپىدا قارا چەمبىرەكنىڭ پەيدا بولۇشى بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان دورىلارنى يەپ بەرگەندەغ كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى قارا چەمبىرەكنى يوقاتقىلى بولىدۇ.