ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئارتىپ كەتكەن بالىلاردا تۆمۈر كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بەك ئېغىر بولىدىكەن، بۇنى ئاساسلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ھەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بەدەندىكى تۆمۈر مىقدارنىڭ كەملەپ كېتىشى قىزىل قان ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولىدىغان كەم قانلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ خىل كېسەل بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھەرىكەتلىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سېمىز بالىلاردىمۇ تۆمۈر كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆمۈر ماددىسى كەم بولغانلارنىڭ سانى نورمال بالىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.