تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە،نەۋرىسىگىچە تەسىر قىلىدىكەن

ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشى ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم بولغان ئۇمۇمىي ساۋات بولسىمۇ،لېكىن ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغىلا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماي،تاماكا چېكىش ئېلىپ كەلگەن زىققا كېسىلىنىڭ خەۋپ خەتىرى ئۇنىڭ نەۋرە ئەۋلادىغىچە يېتىپ بېرىشى مۇمكىنكەن.
      ئەنگىلىيىنىڭ ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىدا بېسىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە،ئامېرىكا لوس ئانژېلىس بىئولوگىيە تىبابەت تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى بىر قىسىم ھامىلدار بولغان تەجرىبە چاشقانلىرىنى نىكوتىن بولغان مۇھىتقا قۇيۇپ،شۇ ئارقىلىق ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىشىگە تەقلىد قىلىپ،ئاندىن ئۇ چاشقانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ قانداق تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن.كۈتۈلمىگەندە،بۇ چاشقانلار تۇغقان بىرىنچى ئەۋلاد تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارى چېكىنگەن.
     ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغىنى شۇكى،بۇ يېڭى تۇغۇلغان تەجرىبە چاشقانلىرى نىكوتىن بىلەن ئۇچراشمىسىمۇ،يەنى ئۇلار ئۆمۈر بويى تاماكا چەكمەيدىغان ھالەتكە تەقلىد قىلىنسىمۇ،لېكىن ئۇلاردىن تۇغۇلغان 3-ئەۋلاد تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭمۇ ئۆپكە قىسمىنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان.تەتقىقاتچىلار بۇ تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ ئاناتومىيسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق،ئانا چاشقاننىڭ ھامىلدار مەزگىلىدە تاماكا چېكىشى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ئۇرۇقدىنى ياكى تۇخۇمدىنىدىكى DNA گە تەسىر يەتكۈزۈپ،بەزى گېنلارنىڭ مېتىللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.بۇ بەلكىم تاماكا چېكىشنىڭ تەسىرى نەۋرە ئەۋلاد(3-ئەۋلاد)قىچە يېتىپ بارىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
    گەرچە،بۇ بىر ھايۋاناتلار تەتقىقاتى بولسىمۇ،لېكىن ئىنسانلاردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز