دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چىڭخەي رايونىدا ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر تار جىلغا بار بولۇپ، جەنۇبىدا كوئىنلۇن تېغى، شىمالىدا ئالتۇن تاغ بار. شەرق تەرىپى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ماڭلاي بازىرىدىن باشلىنىپ، غەرب تەرىپى شىنجاڭدىكى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قۇمتاغقىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جاينىڭ دېڭىزدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3200 مېتىر كېلىدۇ. ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك، كىلىماتى نەم، دەل-دەرەخلەر ۋە ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن ياخشى تەبىئىي يايلاق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «ئالۋاستى جىلغىسى»دەپ ئاتايدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ جاي چەكلەنگەن رايون دەپ قارالماقتا. ئەسلىدە ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جىلغىغا كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن. «ئالۋاستى جىلغىسى»دا ھاۋا ئوچۇق بولسا ئەھۋال ياخشى، لېكىن ھاۋا رايى ئۆزگەرسىلا ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتىدۇ. تۈزلەڭلىكتە شامال چىقىپ چاقماق چېقىپ كېتىدۇ. چاقماق چاقسا، تاغ ۋە يەرلەرنى تىترىتىپ، تۇتاش كەتكەن ئورمانلارنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار مۇشۇنىڭدەك ھاۋا رايىغا ئۇچراپ قالسىلا تالاپەتكە يولۇقۇپ چوقۇم چاقماق سوقۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىك قېلىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. كىشىلەر بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بۇنى ئالۋاستى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغاچقا، بۇ گۈزەل جىلغا«ئالۋاستى جىلغىسى»دەپ ئاتالغان. ئالۋاستى جىلغىسىدىكى غەلىتە ئىشلار ئالىملارنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئۇلار مەخسۇس بۇيەرگە كېلىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ سىرىنى يېشىشكە تىرىشماقتا.