كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە ئېكرانى ئېلېكتىر ماگنىت، ئىئونلۇق رادىياتسىيە تارقىتىدۇ. ئېكراننىڭ رادىياتسىيە تارقىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا دىققەت قىلىش كېرەك:
كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا ئۇزاق ئىشلىتىلگەن كونا كومپيۇتېرنى سېتىۋالماسلىق ھەم ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى كونا كومپيۇتېر تارقاتقان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى يېڭى كومپيۇتېرنىڭكىگە قارىغاندا بىر – ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى نورمال تەڭشەش كېرەك. ئادەتتە ئېكران قانچە يورۇق تەڭشەلسە، ئېلېكتىر ماگنىتنىڭ رادىياتسىيە تارقىتىشى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئاز بولىدۇ.
ئېكران بىلەن بولغان ئارىلىق 0.8 مېتىردىن بىر مېتىرغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا مەشغۇلاتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزنى يۇيۇۋېتىش كېرەك. چۈنكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، ئادەمنىڭ يۈزى ئېلېكتىر ماگنىت تارقاتقان نۇرغۇن رادىياتسىيەنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان بولغاچقا، يۈز تېرىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈزنى يۇيۇۋەتكەندە رادىياتسىيەنىڭ زىيىنىنى %90 ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/02/content_495203.htm