ئامېرىكىدىكى يۈرەك، ئۆپكە ۋە قان ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى:«كۈندە بىر بوتۇلكا تاتلىق ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ يۈرەك ۋە جىگىرىنى ياغ قاپلاپ، ئۇلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىككى ھەسسە كۈچىيىپ كېتىدۇ، چۈنكى بەدەندىكى ئارتۇق قەنت ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ياغقا ئايلىنىدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ياش 1000 ئادەمنى ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، قەنتلىك ئىچىملىك ۋە ئورۇقلاش ئىچىملىكى ئىچىشكە ئائىت مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان، ئاندىن نەتىجىنى رېنتگېندا تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھېسابلاپ، كۈندە تاتلىق ئىچىملىك ياكى گازلىق ئىچىملىك ئىچىدىغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ياغ قاپلاش دەرىجىسىنىڭ ئەزەلدىن مۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىچمىگەنلەرنىڭكىدىن %30 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
»ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى