تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كېسەلگە قاراپ مېۋە يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

1.يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ھەمدە سەكتە بىمارلىرى شاپتۇل، ئاپېلسىن، باناننى كۆپ يەپ بېرىشى، ھالۋابىدىت، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى كېرەك. چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى لازىم. 

2. يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەر ھەمدە سۇلۇق ئىششىق بىمارلىرى ئالما قاتارلىق تەركىبىدە كالىي نىسبەتەن كۆپ، شۇنداقلا سۇ مىقدارى ئاز مېۋىلەرنى كۆپ يەپ بەرسە بولىدۇ؛ سۇ مىقدارى كۆپ بولغان تاۋۇز، ئاپلىسىن قاتارلىق مېۋىلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. 

3. ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئانار، بۆلجۈرگەن، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى، بانان، شاپتۇل، نەشپۈت قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى كېرەك. 

4. قىزىپ قالغانلار تەركىبىدە كالىي مىقدارى، سۇ مىقدارى كۆپ بولغان ئامۇت، ئاپلېسىن قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ.

5. جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئاپلىسىن، يېڭى چىلان قاتارلىق قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، قان تومۇرلار قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك. 

6. نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ھەمدە زىققا بىمارلىرى ئامۇت، چارتال، ئاپلىسىن قاتارلىق بەلغەم بوشىتىش، ئۆپكىنى ھۆلدەش، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك؛ زىققا بىمارلىرى چىلاندىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. 

7. دىئابىت بىمارلىر تەركىبىدە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان بانان، ئامۇت، لىجى، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. 

8. بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرى ئاپېلسىن، بانانغا ئوخشاش تەركىبىدە كالىي نىسبەتەن كۆپ بولغان مېۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك، بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز