تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلاردا مېھىرى–مۇھەببەت يېتىلدۈرەيلى

ئاينۇر قادىر

    باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ مېھىر–مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.

    مېھىر–مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈك، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ بولۇپ، بۇ تۇيغۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ھاياتلىقنى بىر–بىرىگە باغلاپ، كىشىلەرگە ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

    مېھىر–مۇھەببەت مەنا جەھەتتىن ئاتا–ئانىغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، پەرزەنتكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت، قېرىنداشلىق مېھىر–مۇھەببىتى، ئۇستازلارغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، دوستلارغا بولغان مېھىر–مۇھەببەت، ئىلىم–ھۈنەر، كەسپكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت، يۇرت–ۋەتەنگە بولغان مېھىر– مۇھەببەت ۋە تەبىئەتكە بولغان مېھىر–مۇھەببەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

    بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى ئۆزىنى مەركەز قىلىشتەك شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلايدىغان، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھالىغا يېتىدىغان، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بەختسىزلىككە يولۇققاندا تەسەللى بېرىپ، دەردىگە دەرمان بولالايدىغان، ئاتا–ئانىلارغا ۋاپادار بولۇشتەك ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان بالىلار چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاتا–ئانىلىرىنىڭ، چوڭلارنىڭ، تەڭتۇشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئىناق ئۆتەلەيدۇ.

    نۆۋەتتە ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ قىممەت قارىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئايرىم كىشىلەردە ‹‹پۇل ھەممىگە قادىر›› دەيدىغان ئىدىيە شەكىللىنىپ، كىشىلەر ئارا مېھىر–مۇھەببەت سۇسلاپ كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەرلەردە بىر ئائىلىدە بىر ياكى ئىككىلا پەرزەنت بولغاچقا ‹‹بالىلار ئائىلىدىكى مەركىزىي ئوبيېكت›› قا ئايلىنىپ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەچكە، بەزى بالىلاردا شەخسىيەتچىلىك خاھىشى بەك ئېغىر بولۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ.

    بالىلاردىكى مېھىر–مۇھەببەت ھېسسىياتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەبىئي ئاساستا شەكىللەنسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئائىلە، جەمئىيەت، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپتىن ئېلىپ بارغان تەلىم–تەربىيىنىڭ رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەت يېتىلدۈرۈشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

    1. مەكتەپلەردە مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈشتە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. يەنى بالىلارنى قىزىقارلىق بالىلار چۆچەكلىرى ۋە ھېكايىلارنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ، تەسىرلىك ۋەقەلەردىن مېھىر–مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش. مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە رول ئېلىش ئويۇنى ئارقىلىق بالىلارغا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە ئۆزىدە قانداق تۇيغۇنىڭ بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەرقانداق مەسىلىنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش كېرەك.

    2. دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىنى تەڭ سىڭدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەربىيە بېرىشكە ماھىر بولۇشى لازىم. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ 4–يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئاندېرسوننىڭ ‹‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق›› دېگەن تېكىستىنى ئۆتكەندە، تېخى 10ياشقا كىرمىگەن بىر قىزچاقنىڭ مىلاد بايرىمى ھارپىسى كېچىسى ئاچ–يالىڭاچ قاراڭغۇ كوچىدا سەرەڭگە سېتىش جەريانىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقەلىكنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ‹‹ئەگەر مەن ئاشۇ قىزچاقنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلاتتىم›› ياكى‹‹بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ‹سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق›تەك بالىلار بولسا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟›› دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى ئۆزى بىلەن تەڭتۇش يېتىم–يېسىر ۋە قارىغۇچىسى يوق بالىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، باشقىلارغا مېھىر–مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىيېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنى مەركەز قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلايدىغان، ئاتا–ئانىلارغا ۋاپادار، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان بولۇشتەك ئىدىيىنى تىكلەشكە يېتەكلەش، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىق ھالدا باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان سۆز– ھەرىكەتلەردە بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەتراپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش كېرەك.

    3. ئائىلىدىن ئىبارەت دەسلەپكى تەربىيە مۇھىتى بالىلارنىڭ مېھىر–مۇھەببەت ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئاتا–ئانىلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشى بالىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ. ئاتا–ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلىرىغا مېھىر–مۇھەببەتنى قوبۇل قىلىشنى بىلىش تەربىيىسى بېرىش بىلەن بىللە باشقىلارغىمۇ مېھىر–مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ، بالىلىرى باشقىلارغا مېھرى–مۇھەببەت يەتكۈزگەندە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

    ئاتا–ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدىكى بىۋاسىتە دوراش ئوبيېكتى، بالىلىق مەزگىلدە بالىلار كونكرتنى ئۈلگىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ ۋە دورايدۇ. بۇ بىر خىل ئاۋازسىز، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى. بولۇپمۇ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئىش–ھەرىكەتلىرى بالىلارغا ئۈن–تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئاتا–ئانىلار چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسەتسە، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، بالىلارمۇ چوڭ بولغاندا ئالدى بىلەن ئاتا–ئانىلىرىنى ئويلايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان بولىدۇ. ئاتا–ئانىلارمۇ بەزىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزئارا بىر–بىرىگە تەسەللى بەرسە، بالىلارمۇ باشقىلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىشنى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ئۆزىنىڭ ياخشى ئىش–ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

    مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسى ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئاساسىي. مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئادەملەر باشقىلارغا مۇھەببەت ئاتا قىلالايدۇ ھەم خۇشاللىق بېغىشلىيالايدۇ. تەربىيىچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەر بىر بالىغا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مېھرىبانلىقىنى تونۇتۇش، ئادىمىيلىكىنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈش، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى، شۇنداقلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر–شەپقەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

    بالىلاردىكى مېھىر–مۇھەببەت تۇيغۇسى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىنىڭ ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىپ زىچ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بالىلاردا مېھىر–مۇھەببەتلىك قەلب يېتىلدۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

ـــ ماتېرىيالدىن

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/29/content_494435.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز