ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار نەچچە ئون يىل ئېلىپ بارغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى يەكۈنلەپ مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئادەم بالىلىق چېغىدىلا ئۇرۇق سالغان بولىدۇ، بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسنى پەسەيتىش يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرۈش، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى. بالىلارنى مەكتەپكە پىيادە بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلارنىڭ يۈرەك رېتىمى بىلەن قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق، بۇ چارىنىڭ ئەڭ زور پايدىسى كېيىنكى كۈنلەردە يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولماسلىقتا گەۋدىلىنىدۇ››.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: مەكتەپكە پىيادە بارغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ كۈنى ئېلىنغان ئىمتىھان ۋاقتىدا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىمۇ بىر ھەسسە ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئايان بولدى. مەكتەپكە پىيادە بېرىش ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولىشىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %90 ئوقۇتقۇچى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشكە: ‹‹ مەكتەپكە پىيادە كېلىش ئوقۇغۇچىلارغا تەييارلىق قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىدۇ، بۇنداق بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش كۈچى ئىنتايىن زور بولىدۇ، سىنىپقا كىرگەن ھامان ئۆگىنىشكە بېرىلەلەيدۇ›› دەپ جاۋاب بەردى.