تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر

1.يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى: ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن يۈرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلايدۇ، يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    2.بوۋاسىر: تۈز ئۈچەي مەقئەت يولى ۋېناسىدىكى قاننىڭ تەتۇر ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئاسانلا قان قېيىش، ۋېنا كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاسىرنى پەيدا قىلىدۇ.

    3.موسكۇللار يىگىلەش كېسەللىكى: قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازىيىشىدىن موسكۇللارغا ئوكسىگېن يېتىشمەي، موسكۇللارنىڭ قېتىۋېلىشى، ئېچىشىپ ئاغرىشى، ھەتتا يىگىلەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4.ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى: ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان كىشلەردە ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ سىپازما ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارىشى تۇرۇش ئىممۇنتېت كۈچى ئاجىز بولىدۇ، بۇ ھال بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    5.ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ۋە مۇسكۇللارنىڭ زەخمىلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ: ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پۇتۇن بەدەن ئېغىرلىقى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا چۈشىدۇ. بېسىمنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىقتىن بەل قىسمى ۋە قورساق قىسمىدىكى موسكۇللارنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تۆۋەنكى بەل قىسىم موسكۇلىنىڭ ئاغرىشىنى ھەتتا ئومۇرتقا موسكۇلىنىڭ قان ئايلىنىشى راۋان بولماسلىقتىن تارتىشىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز