پوچى چاشقان
(مەسەل)
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى
جۇغى ئادەتتىكى چاشقانلاردىنمۇ كىچىك، كالتە قۇيرۇق بىر چاشقان بولۇپ، ھالىغا باقماي پو ئېتىشقا ئامراقكەن. ئۇ دوستلىرىنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، مۈشۈكنىڭ ئالدىدىمۇ پو ئاتىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ تۆشۈكىدىن بېشىنى چىقىرىپ مۈشۈكنى چاقىرىپتۇ:
— ھەي پالكۆز، سەن ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا نېمىشقا كەلدىڭ؟ ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟
چاشقاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان مۈشۈك ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن مۇنداق دەپتۇ:
— نوچى بولساڭ تۆشۈكۈڭدىن چىقمامسەن؟
— نېمە دەپ تۆشۈكۈمدىن چىققۇدەكمەن، سەن مېنىڭ تۆشۈكۈمگە كىرەلەمسەن، ئەگەر سەن مېنىڭ تۆشۈكۈمگە كىرەلىسەڭ، سېنى نوچى دەيمەن.
مۈشۈك ئاچچىقتىن مىياڭلاپ كېتىپتۇ. چاشقانمۇ تۆشۈكىدىن چىقماي مۈشۈكنى تېرىكتۈرۈپ ئويناپتۇ.