ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەققىي بەخت ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكىدە ئەمەس، مۇھەببەتنى ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالىغان-تۇرالمىغانلىقىدا.
ئاياللار بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدىغان ئەرلەرگە ئاياللار ئوڭاي يېقىنلىشىدۇ، ئەرلەر بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدىغان ئاياللارغا ئەرلەر تەستە يېقىنلىشىدۇ.
خەقلەر سىزنى چىرايلىقكەنسىز دەپ ماختىغان چاغدا سىز بەلكىم پەقەت ئادەتتىكىچىلا بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئېرىڭىز شۇنداق دەپ ماختىغان چاغدا سىز بەلكىم ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ئەرلەر چېچەن ئاياللارغا ئامراق، لېكىن ئۆزىنىڭ خوتۇنى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئاياللار ئىشقۋاز ئەرلەرگە ئۆچ، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە كەلگەندە ئەرلىرىنىڭ ئىشقۋاز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئاياللار مۇھەببەتكە ئېرىشسە ئوڭايلا قانائەت قىلىدۇ، ئەرلەر مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قانائەت تاپمايدۇ.
ئاياللار ھەمىشە بىرەر ئەرنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئەرلەر بىرەر ئايالغا بىرلا كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاياللار تونۇش ئەرلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئەرلەر ناتونۇش ئاياللارنى تېخىمۇ ئوڭاي ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
ئاياللار ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەسلىكتىن ياخشى كۆرۈشكە ئۆتەلەيدۇ، ئەرلەر ئاياللارنى ياخشى كۆرۈشتىن ياخشى كۆرمەسلىككە تىخىمۇ ئوڭايراق ئۆتەلەيدۇ.
ئەرلەر كۆپ يەردە ئاياللار ئەتىۋارلىندۇ، ئاياللار كۆپ يەردە ئەرلەر خارلىنىپ قالىدۇ.
ياخشى ئەرلەر تېشى كۈچلۈك ئىچى مۇلايىم كېلىدۇ، ياخشى ئاياللار تېشى مۇلايىم، ئىچى كۈچلۈك كېلىدۇ.
كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كەمسىتىدۇ.
ئاياللار ئۆزگىچە ئەرلەرگە ئامراق، لېكىن ئۇلارغا كەڭ قورساق ئەرلەر كېرەك؛ ئەرلەر باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئاياللارغا ئامراق، لېكىن ئۇلارغا ئادەتتىكى ئاياللار كېرەك.
سىز ياخشى كۆرگەن ئادەم بەلكىم سىزدە بىر مەزگىللىك قانائەت پەيدا قىلالىشى مۇمكىن، سىزنى ياخشى كۆرگەن ئادەم سىزگە ئۆمۈرلۈك خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
ئەر-ئاياللار سوقۇشۇپ قالغاندا ئەرلەر« بىرەر ئاشنام بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە» دەپ ئويلايدۇ؛ ئاياللار بولسا «باشقا ئەرگە تېگىپ باقايمۇ يە» دەپ ئويلايدۇ.
چىرايلىق ئايالى بار ئەرلەر بىلەن ئۈلگىلىك ئېرى بار خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
غەيرىي جىنىستىكىلەرنىڭ سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشىدە پەقەت ئىككىلا سەۋەپ بولىدۇ: بىرى، ئۇسىزگە ئۆچ بولۇپ قالغان؛ يەنە بىرى، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.
ئەقىللىق ئاياللارنىڭ ياسىنىپ كېتىشى ناتايىن، ياسىنىشقا ئۇستا ئاياللارنىڭ ئەقىللىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
يېمەكلىك تاللىغاندا ئاياللار ھەمىشە قاتتىق نەرسىلەرنى تاللايدۇ، ئەرلەر بولسا ھەممىسنى تېتىپ بېقىشقا ئامراق كېلىدۇ، باشقا ساھەلەردىكى ئەھۋالمۇ شۇنداق.
ئاياللار تويدىن ئىلگىرى ئەرلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىگە كۆزىنى چوڭ ئېچىپ نەزەر سالىدۇ، تويدىن كېيىن بولسا كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، ئەرلەر تويدىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ يېتەرسىزلىكىگە كۆزىنى قىسىۋالىدۇ، تويدىن كېيىن بولسا كۆزىنى يوغان ئېچىپ نەزەر سالىدۇ.
ئەرلەر مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ، ئاياللار ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن يىغلايدۇ.
توي قىلىش تەكلىپى قويغاندا ئەرلەر سۆزلەيدۇ، ئاياللار ئاڭلايدۇ. يېڭى توي قىلغاندا ئاياللار سۆزلەيدۇ ئەرلەر ئاڭلايدۇ، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئەر-ئاياللار تەڭ سۆزلەيدۇ، قوشنىلار ئاڭلايدۇ.