ئاي تولغان شۇ يۇلتۇزلۇق كىچىدە ،
خىيالىمغا سەن كەلدىڭ جانان .
دۇئا قىلىمەن كۈندە تەڭرىگە ،
جانان بولسۇن مەڭگۈگە ئامان .
دۇنياغا تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن ،
ئالەمنىڭ سىرىنى بىلىپ ياشايمەن .
قىز دەپ تۇغۇلغان بولساممۇ گەرچە ،
ۋىجدانسىز ئوغۇللارنى يىڭىپ ياشايمەن .
بۇ جان تىنىڭدە ئامانەت ئىكەن ،
بىلمەيسەن ئەزرايىل قاچان ئالاركىن .
ئىنسانلار دۇنياغا ئۆتكۈنچى مىھمان ،
ۋە لىكىن بىلمەيسەن قاچان كىتەركىن .
ھەر كۈنى بىشىڭدا چۆرگىلەر ئەجەل ،
ئۇنىڭدىن قىچىشقا يوقتۇر ئامالىڭ .
قىلمىساڭ ئەگەر سەن كۆپلىگەن ساۋاپ،
ئۆلگەندە ئىغىرلاپ كىتەر جىنازىڭ
كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ لەززىتى نىمە ؟
ئۇنىڭغا ئالدىراپ بىر نىمە دىمە .
مىھنەتسىز ياشاشنىڭ لەززىتى نىمە؟
پالاكەت باسقاندا پۇشايمان يىمە.