قىش پەسلىدە دائىم تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ناچار ھاۋا رايىدا چېنىقسا، بولۇپمۇ ياشانغانلار سەھەردە چېنىقسا، سالامەتلىككە زىيانلىق. چۈنكى تۇمانلىق ھاۋا رايىدا چېنىقىش بەزى نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
تۇمانلىق ھاۋا رايىدا ھاۋا نەم بولۇپ، تۈرلۈك كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ناھايتى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ-دە، بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار سەھەردە، بولۇپمۇ تۇمانلىق ھاۋا رايىدا پائالىيەت قىلغاندا، ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. لېكىن ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك .