تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلدى


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تور خەۋىرى:

«شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك». مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى شىنجاڭ مائارىپىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئەقىل كۆرسىتىپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئىسلاھات داۋامىدا راۋاجلىنىشىنى، ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – تەۋسىيەلەرنىڭ شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا جيا دىيەنزېڭ شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە. ئۇ نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ بۇ يىلمۇ يەنىلا شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ھەقسىز ئوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ تېز ئومۇملاشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلار كۆپىيىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى. شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدۇ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. جيا دىيەنزېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ۋە مېخانىزمى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە جەلپ قىلىشىنى؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك «2011» قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قاتارلىق پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، توپلاپ، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى، ئۇنىۋېرسال مەكتەپ، ئىنستىتۇتلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق قارىمىقىدىكى مەكتەپ، ئىنستىتۇتلار ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىكى جىددىي، قىس، ئېھتىياجلىق كەسىپلەرگە ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەزا جۈرئەت مەمتىمىن، ئارزۇگۈل ئايۇپ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «13 – بەش يىل» مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇش پىلانى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى قاتارلىق تۈرلەرنى لايىھەلەشتە، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقىنى كۆپرەك ئويلىشىپ، تۈر دائىرىسى ۋە مەبلەغ سوممىسى جەھەتتىن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى كۆپرەك قوللاپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئىلمىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    ئارزۇگۈل ئايۇپ يەنە شىنجاڭنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ناھايىتى جاپا تارتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەمىناتى تۆۋەن، پەرقلىق مائاش تەمىناتىمۇ يوق. شىنجاڭدا يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا پەرقلىق تەمىنات سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەمىناتىنىڭ شەھەر، بازار مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەمىناتىدىن يۇقىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەمىناتىنىڭ باشقا جايلاردىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تەمىناتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    ئارزۇگۈل ئايۇپ ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى شەكلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ يېزا – بازارلىرى ھەم يېزىلارغا چۈشكەن ئوقۇتقۇچىلارغا بەلگىلىك قوشۇمچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

    ئەزا نيۇ رۇجى شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە تەكلىپ بېرىپ ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1 – سېپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى تۆۋەن، تېخنىكىلىق، ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىقلار قىس بولۇش ھادىسىسى ناھايىتى گەۋدىلىك، بۇ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسالغۇ بولماقتا. ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى كەمچىل، تەربىيەلەنگەن ئىختىساسلىقلار جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. مەن ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، كەسپىي مائارىپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەسپىي مائارىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئەسلى مەنبە:http://uy.ts.cn/news/content/2015-03/10/content_406094.htm


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز