تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ياشانغانلار ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

تۇرمۇشتا بەزى ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنى ياش جەھەتتىن كەمسىتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مەسىلەن، بەزى ياشانغانلار سودا-سارايلاردا چىرايلىق كىيىملىرىنى كۆرسە بۇنى ياشلار كىيسە بولغۇدەك، ماڭا ياراشمىغۇدەك» دەيدۇ؛ يەنە مەسىلەن، ياشانغانلارنى ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىپ ئوقۇڭ دەپ تەكلىپ بەرسىڭىز: «يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئىنكاسىم ئاستا، ئەمدى ئۆگىنىپ نېمە قىلارمەن؟» دەيدۇ. 

مېنىڭچە، كىشىلىك ھايات خۇددى قۇياشقا ئوخشايدۇ، قۇياش سەھەردە چىقسىمۇ، ئۇنىڭمۇ پاتىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ياش پەقەت كىشىلىك ھايات «كوردىناتى»دىكى ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، كىشى يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق چىقارسىلا ئوخشاشلا «قۇياش» بولىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ ياش جەھەتتىن ئۆزىنى كەمسىتىشى، كۆڭلىدىكى ياش ساراسىمىسىدىن كەلگەن. شۇڭا، بىرەر ئىش قىلماقچى بولغاندا قېرىپ قالدىم دېگەننى ئويلىماسلىقى، ياشنىڭ چوڭىيىشنى سەۋەب قىلماسلىقى كېرەك. بىلىش كېرەككى، ياشنىڭ ئۆزى نەتىجە، 60-70ياش ئۆمۈر كۆرۈش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىنتايىن ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

ياشانغانلار ياش جەھەتتىن ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكتە، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتمەسلىكى، كۆڭلىدە ئۆزىنى ياشلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز