تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : ياۋا توشقان (ھېكايە)

ياۋا توشقان

(ھىكايە)

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

 

دادام بۈگۈن بىر ياۋا توشقان تۇتۇپ كەلگەچكە  ناھايىتى خۇشال ئىدى. ئۇنى خۇشال قىلىۋاتقىنى ئۇ، توشقاننى تېرىك تۇتۇۋالغانىدى. دادام ئاتتىن چۈشۈپ قولىدىكى تور خالتىدا تېپىرلاۋاتقان بوز توشقاننى ماڭا ۋە ئاداشلىرىمغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى:

  -كۆردۈڭلارمۇ ياۋا توشقان دېگەن مانا مۇشۇ شۇ، توشقاننى مېلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ياكى قاپقان بىلەن پۇتىنى سۇندۇرۇپ تۇتۇش ئاسان بولغان بىلەن تىرىك تۇتماق ئاسان ئەمەس،-بىز توشقانغا قىزىقىپ دادامنىڭ كەينىدىن ھويلىغا كىردۇق. دادام ئاتنى  بىر چەتكە  باغلاپ قويغاندىن كېيىن توشقاننى تور خالتىدىن ئېلىپ، سىم قەپەزگە سالدى. توشقان سېمىز ھەم، يوغان ئىدى. توشقان قورقۇپ كەتكەچكە قەپەز ئىچىدە توختىماي تىترەيتى. ئۇ، بىزنى كۆرۈپ قەپەزگە ئوزىنى ئۇرۇپ قاچماقچى بولغان بولسىمۇ، قەپەزدىن چىقالماي يەنە دۈگدەرەپ ياتتى.

   دادام بالىلارنى ھويلىدىن چىقىرۋەتكەندىن كېيىن، يېرىم يىسۋىلەكنى قەپەزنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويدى. توشقاننىڭ كۆڭلى يېسۋېلەككە تارتىدىغابدەك قىلمايتى. دادام ئۆيگە كىرىپ  ئاپامغا ماختىنىپ سۆزلەپ كەتتى:

-بۆجەنلىرى بىلەن قوشۇپلا تۇتاي دېگەنىدىم، بۇ قېرى توشقان سەل قۇۋ چىقىپ قالدى، ئۇۋىسىنىڭ نەدىلىكىنى ماڭا بىلدۈرمىدى، چوقۇم بەش، ئالتە بۆجىنى بار بۇنىڭ بۆجەنلىرى بىلەن قوشۇپلا تۇتۇۋالغان بولسامغۇ.... چىك چىك چىك...ئەتە ئۇنى بوغۇزلاپ بېرەي تازا ئوخشىتىپ بىر پولۇ قىلىڭلار،-دادام خۇددى بىر نەرسە يەۋاتقاندەك تۈكۈرۈكىنى يۈتتى.

- بۆجەنلىرى بىلەن قوشۇپلا تۇتۇۋالسامغۇ..._-كەچتە ئورنۇمغا كىرىپ ياتقاندىن كېيىن دادامنىڭ بۇ گېپى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى. تۇيۇقسىزلا بۆجەنلەر كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغاندەك بولدى. ئۇلار ئانىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قانچە تەشنا بولۇۋاتقاندۇ ، ھە مەنمۇغۇ پولۇغا بېسىلغان توشقان گۆشىنى بەك ياخشى كۆرۈمەن. بىراق ئۇنىڭ بۆجەنلىرى......مەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدىم

-مەن ئۇنى قاراسۇ بويىدىكى توقايلىقتىن قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم،بەزى ئوۋچىلار مېلتىقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چاشقانمۇ تۇتالمايدۇ، ھاھاھا... - بايا دادام مەغرۇرلنىپ شۇنداق كۈلۈپ كەتكەنىدى.

   قارا سۇ مەھەللىمىزدىن ئۈچ كىلۇمېتېر يىراقلىقتىكى تەبىئى ئېقىن ئىدى. ئۇنىڭ بويىدىكى توقايلىقتا توشقان كۆپ دەپ ئاڭلىغانىدىم. مەن ياۋا توشقاننى قويۇپ بېرىش قارارىغا كېلىپ بولغانىدىم، توشقاننى قويۇپ بەرسەم توقايلىەقنى تاپالماسلىقى مۇۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن  ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېيىملىرىمنى كېيدىم. يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى نېرىقى ئۆيدىن دادامنىڭ خورىكى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . مەن پۇتۇمنىڭ ئۇچۇدا دەسسەپ ھويلىغا چىقتىم ئاسماندا تولۇنئاي نۇر چېچىپ تۇرغاچقا ھەممەيەر كۈندۈزدەك يورۇپ تۇراتتى.

مەن دادام توشقاننى سالغان تور خالتىغا توشقاننى سېلىپ ،ھويلىدىن ئاۋايلاپ چىقىپ، توقايلىق تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.  ئادەتتە مەن بەكلا قورقۇنچاق ئىدىم. كېچىسى ھويلىغىمۇ چىقالمايتىم. بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ قورقماس بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆزۈم ھەيران ئىدىم.

 مەن يۈگۈرۈپ مېڭىپ توقايلىققا بىردەمدە كېلىپ قالدىم.مەن توشقاننى قويۇپ بەردىم. دۈگدەرەپ ، تىترەپ تۇرغان توشقان ئۆزىنىڭ قويۇپ بېرىلگىنىگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك بىراەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۈگۈرگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى.

مەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەن........

 

 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز