شىياۋمى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 26 مىليوندىن ئارتۇق يانفون سېتىپ چىقاردى
بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىياۋمى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېيجۈن بۈگۈن ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىياۋمى شىركىتىنىڭ جەمئىي 26 مىليون 110 مىڭ دانە يانفون سېتىپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %271 ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان، ئۇندىن باشقا، باجنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېتىش سوممىسى 33 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %149 ئاشقان.
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، لېيجۈن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، شىياۋمى شىركىتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئاز دىگەندە 40 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. يۇقارقى سانلىق مەلۇمات ئۆز نۆۋىتىدە شىياۋمى شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق سېتىش پىلانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
2014-يىلىنىڭ باشلىرىدا، لېيجۈن ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگىدا ناھايىتى مەمنۇنلۇق بىلەن، شىياۋمى شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق سېتىش نەتىجىسىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، شىياۋمى شىركىتى 2013-يىلى ئىچىدە جەمئىي 18 مىليون 700 مىڭ دانە يانفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %160 بولغان، شۇنداقلا 15 مىليون دانە يانفون سېتىش نىشانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان، شىركەتنىڭ بۇ بىر يىللىق سېتىش سوممىسى باجنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا 31 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %150 ئاشقان.