ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 21-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان Tower Hamlets پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامراتلار رايونلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بېنگال مەھەللىسى بولۇپ ، بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېنگاللىقلارنىڭ پۇشتى ئىكەن .
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، بۇ يەردە يېڭىدىن بىر مودا ئەۋج ئالغان بولۇپ ، ياشلار بەس-بەستە داڭلىق ئاپتوموبىللارنى ئىجارىگە ئېلىپ ، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەشكەن . 16 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بۇ ياشلار ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىشقا كۈنىگە 100 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 938 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) سەرپ قىلغان . بۇ رايوندا ، ھەر ئون ئادەمنىڭ بىرسى ئىشسىز بولۇپ ، تۇرمۇشى ھەقىقەتەن جاپالىق . Tower Hamlets كوچىسىدا پات-پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان Lamborghini ،Ferrari، Bentley قاتارلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىغا بۇ رايوندىن بىر كورپۇس ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ باھاسى ھەتتا نەچچە كورپۇس ئۆينىڭ باھاسىدىنمۇ قىممەت .
مەنبە: ئۇزار تورى