ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دىئابىت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددا ئالماشتۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىق سۆڭەك ماددىسىنى خورىتىپ، بەدەندىكى كالتسىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
نورمال ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۈندىلىك كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 1000 مىللىگرامدىن تۆۋەن بولسا ئورگانىزىمنىڭ ئىھتىياجنى قاندۇرالماي دۈمبە ئاغرىش، پەي تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يېتەرلىك ھالدا كالتسىي تولۇقلىشى سۆڭەك كالتسىيسىنىڭ خورىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىنسۇلىننى قوبۇل قىلىش سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇڭا، دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ھەر كۈنى كالتسىي تابلېتكىسى يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم.
بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كالا سۈتى ئىچىدىغان، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغانلارنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان كالتىسى مىقدارى 400 مىللىگرام بولسا، بۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلارنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىش مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ 600 مىللىگرام كالتسىي تابلېتكىسى يېگەندىلا ئاندىن ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ئىچىدىكى دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى بۇ ئۆلچەمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 1000 مىللىگرامغا يەتكۈزۈشى لازىم.