ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسلەر شاڭخەيدە سەككىز ياشتىن 11ياشقىچە بولغان 586بالىنى ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئانتىبىئوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى ئىغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: بالىلارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئانتىبىئوتىكلارنىڭ قويۇقلۇقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بۇنى ئۇلارنىڭ جىنسىي، يېشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، كىرىمى، كۆپتۈرگۈچ سېلىنغان يېمەكلىك يېيىش ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۈيدۈكتىكى ئانتىبيوتىكلارنىڭ قويۇقلۇقى، ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى بولغان بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىش خەۋپى تۆۋەنلەرنىڭكىدىن 1.9ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگىچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، ئانتىبىئوتىكنىڭ قويۇقلۇقىغا يەنە بۇلغانغان سۇ ۋە يېمەكلىكلەرمۇ سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.