«سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مەن بارمۇ-يوق؟»،مانا بۇ ياشانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغاندا ئاچچىقلىنىپ دەيدىغان سۆزى.
ئادەم ياشانغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىمۇ ياش، ئوتتۇرا ياشلارغا كىرىپ، كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ نېمىلا دېسە ماقۇل دەپ تۇرۇۋەرمەيدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئۆز پىكرى بويىچە قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى خىيالىي ۋە تەدبىرگە ياشانغانلار ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قايىل قىلىمەن دېگەن بىلەنمۇ پەرزەنتلىرى قوبۇل قىلالمايدۇ. بىر قىسىم پەرزەنتلەر ياشانغانلار بىلەن بىۋاسىتە قارشىلىشىدۇ، يەنە بىر قىسىم پەرزەنتلەر ياشانغانلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپمۇ، قايىل قىلالماي قىلىدىغىنىنى قىلىپ بولۇپ ئارقىدىن دەپ قويىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى دەپمۇ قويمايدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ياشانغانلار ھەقىقەتەن خاپا بولىدۇ. مەن ياشانغان دوستلارغا شۇنداق مەسلىھەت بېرىمەنكى، ئۇنچىۋالا خاپا بولۇپ ئاچچىقلىنىپ كەتمەڭ.
ئاچچىقلاش ۋە غەزەپلىنىش سالامەتلىككە پايدىسىز. قەدىمكىلەر« ئاچچىق جىگەرگە، زىيادە خۇشاللىق يۈرەككە، غەم قايغۇ تالغا، غەزەپلىنىش بۆرەككە زەخىم يەتكۈزىدۇ» دېگەن ئىكەن. ئادەم كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغاندا كەيپىيات جەھەتتە جىددىي ئۆزگىرىش بولىدۇ-دە، سالامەتلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، پەرزەنتلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ئىش قىلسا ئۇلار قەستەن سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئائىلىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئامال بار ئاچچىقلانماڭ.