تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى(42)
بولقا بىلەن ئالماس
ئوغرىلىق بىلەن مىليونېر بولغان سۇڭبىن سېلىڭ جەنۇبىي ئافرىقىلىق بىر سودىگەرنىڭ قىممەتلىك بىر تال ئالماسنى ئېلىپ توكيوغا كېلىپ مەلۇم بىر مېھمانخانىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ سودىگەر كەچلىك تاماق يەيدىغان چاغدا غىپپىدە ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردى.
ئۇ سودىگەرنىڭ ياتىقىنى بىر ھازا ئاختۇرۇپمۇ ھېلىقى چوڭ ئالماسنى تاپالمىدى، پەقەت بىر نەچچە تال كىچىك ئالماس تاپتى. سۇڭبىن سىلاڭ چوڭ ئالماس ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقاندا سودىگەر كىرىپ قالدى، ئوغرى باشتا سەل ھودۇقتى، لېكىن دەرھال خەنجىرىنى چىقىرىپ سودىگەرنىڭ گېلىغا تىرەپ تۇرۇپ ئىشىكنى يېپىۋالدى.
«جانابلىرى كىم بولىلا؟ نېمە ئىش قىلماقچى؟» دېدى سودىگەر.
«مەن ئوغرى، مەن سېنىڭ ئالمىسىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، شۇڭا كۆرۈپ باقاي دەپ كەلگەن».
«ئەپسۇس، تەلەيلىرى يوقكەن مەن ئۇنى ئاللبۇرۇن سېتىۋەتتىم».
«كىمىڭنى ئالدايسەن، مەن يولبويى ساڭا ئەگىشىپ كېلىۋاتىمەن سەن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا مۇشۇ يەرگە كەلدىڭ، تاماق يېگىلى چىققاندىن باشقا سەن تېخى توكيونىڭ ھېچقانداق يەرگە بېرىپ باقمىدىڭ، ياۋاشراق بولۇپ، ئالماسنى تېز چىقار، بولمىسا خەنجىرىم ئادەم تونۇمايدۇ» سۇڭ بىن پىچاقنى شۇنداق مىدىرلىتىۋىدى، سودىگەرنىڭ گىلىدىن قان چىقتى.
سودىگەر ھەرگىز قورقۇپ قالمىدى، ئۇ «مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ ئالماسنى ساڭا بەرمەيمەن» دېدى.
«ئەمىسە مەن ئاۋۇ ئالماسلارنى ئۇرۇپ ئېزىۋېتىمەن» سۇڭبىن شۇنداق دەپ ئوغرىلىق قىلغاندا ئىشلىتىدىغان كىچىك بولقىسىنى چىقاردى.
«ھا ھا ھا ھا، دۇنيادا سەندىنمۇ دۆت ئادەم بولىدىكەن، ئالماس دېگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق نەرسە، سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە بولقاڭ بىلەن ئېزىۋېتەلەمسەن؟ ئەگەر سەن بۇ ئالماسلارنى ئۇرۇپ ئېزىۋىتەلىسەڭ، ئالماسنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ئەگەر ئېزىۋېتەلمىسەڭ، سەن بۇ يەردىن ياۋاشلىق بىلەن چىقىپ كەت» دېدى سودىگەر گىدىيىپ تۇرۇپ.
«بولىدۇ، گېپىمىز گەپ، كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قاراپ تۇر» سۇڭبىڭ شۇنداق دەپ بولقا بىلەن كۈچەپ ئۇرۇۋىدى، ئالماسلار ئۇۋۇلۇپ تېرىقتەك بولۇپ كەتتى.
بۇ قانداق بولغىنى؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى(41)نىڭ جاۋابى
دەريادىن ئۇزۇنلۇقى ئاران 14سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر دانە دۇربۇن تېپىلدى. ئابباس ساتتارنىڭ ئىنىسى زەھەرلىك يىڭنىنى دۇربۇن ئىچىدىكى كانايچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، ساتتار دۇربۇننى كۆزىنىڭ ئۇدۇلغا توغرىلاپ كۆرۈش ئارىلىقىنى تەڭشىگەندە دۇربۇن ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان يىڭنە پۇرژىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ئېتىلىپ چىقىپ ئۇنىڭ كۆزىگە سانجىلغان، ساتتار ساراسىمە ئىچىدە قولىدىكى دۇربۇننى تاشلىۋەتكەن، دۇربۇن ئاستىدىكى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، دەپ ھۆكۈم قىلدى.