ئۇلىنىش ھاۋارايى ئايفون ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى
مەزكۇر ھاۋارايى ئەپ دېتالى، ئۇلىنىش شىركىتى ئېلان قىلغان، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەپ پەقەت سستېما نەشىرى ios 7.x ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئايفون، ئايپود، ئايپەدلەردە ئىشلەيدۇ. ئاندىرويىد نۇسخىسى ھازىرچە يوق. كېينچە ئېلان قىلىنىدۇ. ئەپكە تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرسىڭىز ياكى App store غا ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن بىزنى قوللاپ بۇ ئەپنى تارقىتىپ قويۇڭ.
ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1.ئىشلەتكۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇننى ئاپتوماتىك ئېنىقلاپ شۇ جاينىڭ بەش كۈنلۈك تەخمىنىي ھاۋارايىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2.ئىشلەتكۈچى بىر ياكى بىردىن ئارتۇق شەھەر ۋە رايونلارنى قوشالايدۇ ۋە ئۆچۈرىۋېتەلەيدۇ. 3.بىردىن ئارتۇق رايونلارنىڭ ئورۇنلىرىنى تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
4.ئېكراننى سۈرۈش ئارقىلىق رايون ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش :
ئالما ئەپ دۇكىنى App store غا كىرىپ hawarayi ياكى ulinix دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز ياكى تۆۋەندىكى ئادرىسنى بىۋاستە چېكىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
https://itunes.apple.com/cn/app/hawarayi/id891559970?mt=8