تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەدەن ساپاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېقىندا«2014-يىللىق ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتى»نى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز خەلقنىڭ بەدەن ساپاسى ئومۇمىي سەۋىيىسى ئاشقان بولسىمۇ، بىراق قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلىگەن، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن. شىنجاڭلىقلارنىڭ 2014-يىلىدىكى بەدەن ساپاسى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە 28-ئورۇندا، كەينىدىن سانىغاندا 4-ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ۋە 2005-، 2010-يىلىدىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسى مەملىكىتىمىزدە ئوتتۇرا، تۆۋەن سەۋىيىدە بولغان. خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇش رىتىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، بەدىنى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغان كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

نۇرغۇن كىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا يازدا چېلىشقىلى، ئات بەيگىسىگە چۈشكىلى، قىشتا قار-مۇز تېيىلغىلى بولىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ھەرىكەت قىلغىلى بولىدىغان جاي تاپقىلى بولىدۇ، مۇشۇ دىياردا ياشايدىغانلار قاۋۇل كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى، دەپ قارايدۇ، ھالبۇكى، بىر ۋاراق «بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش ئاخباراتى»دىكى نەتىجە بۇ تەسەۋۋۇرنى بۇزۇپ تاشلىدى.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دەسلەپكى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، تۇزلۇقراق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇنداقلا يەنە ئۇزاق قىش پەسلىدە پۇقرالارنىڭ تالادىكى پائالىيىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭمۇ تەسىرى بار ئىكەن.

گەرچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قار-مۇز بايلىقى ناھايىتى مول بولسىمۇ، بىراق ئۇزاقتىن بۇيان تولۇق ئېچىش، پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭغا قىش پەسلىدىكى تەنھەرىكەتكە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى قوشۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىدە «ئۈچەككە كىرىۋېلىش» ئادىتى يېتىلىپ قالغان.

ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «ئاق ئىقتىساد»نى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىشىلەرنىڭ قىشلىق ئارام ئېلىش شەكلىگە ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئارام ئېلىش شەكلىنى ئۆزگەرتمەكتە. تەنتەربىيە مەيدانى، تەنتەربىيە سارىيى قۇرۇلۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلىنىپ، ئاممىۋى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغاچقا ۋە كەسپىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئومۇملىشىۋاتقاچقا، نۇرغۇن كىشى ھاراق سورۇنىدىن، غەزەلخانىلاردىن ئايرىلىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىق قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، پىيادە مېڭىش، قار تېيىلىش، پەي توپ ئويناشقا ئوخشاش تەنھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.

مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە قىشلىق تەنھەرىكەتنى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەنە بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، «300 مىليون ئادەم قار-مۇز تېيىلىش» ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا. ئاپتونوم رايونىمىز قار-مۇز بايلىقى مول بولغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشمىسا بولمايدۇ، بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ پائالىيەتتە شىنجاڭلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ.

ھاياتلىق ھەرىكەتتە. بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىشى كۈلكىلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ دىققەت-نەزىرىمىزنى تارتىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانىغا كىرىشىنى، دوستلار چەمبىرىكىدىمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلارنىڭ كۆپرەك تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز