نەنجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى يېقىندا ئورگان تور بېكىتىدە «نەنجىڭ شەھىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى (دەسلەپكى لايىھە)» نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىدىن پىكىر يىغقان.
مەزكۇر لايىھەدە ئېنىق بەلگىلەنگەن، ھامىيلىق قىلغۇچىنى چەكلىگەن قىلمىشلار: 6 ياشقا توشمىغان بالىلار ياكى فىزىلوگىيىلىك سەۋەبتىن ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە موھتاج بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى يالغۇز قويۇش، 6 ياشقا توشمىغان بالىلار ياكى فىزىلوگىيىلىك سەۋەبتىن ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە موھتاج بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ ۋاكالىتەن كۈتۈشىگە تاپشۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئۇزۇن مۇددەت سۆزلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.