تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ۋېتامىن D كەمچىل بولسا،ئاسانلا جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ۋېتامىن D نىڭ كەمچل بولۇشى، ئەرلەرنى ساراسىمگە سالىدىغان بىر ئىش

  ئامېرىكا جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتىتى تىببىي ئىنىستىتوتى تەتقىقاتچىسى ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بىرتۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مۇنداق دوكىلات بەرگەن: بەدىنىدە ۋىتامىن Dكەمچىل بولۇش بىلەن جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش مۇناسىۋەتلىك.

  تەتقىقاتچىلار 3400نەپەر يېشى 20ياشتىن يۇقىرى يۈرەك كېسىلى بولمىغان ئامېرىكا ئەرلىرىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە %30 ئەركىشىدە ۋېتامىن D كەمچىل بولۇپ،%16ئەركىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا توسالغۇغا ئۇچىراش ئەھۋالى بايقالغان. ئانالىز نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولغان %35ئەركىشىدە ۋېتامىن Dنىڭ كەمچىل بولۇشى ئېنىق كۆرۈلگەن، ئەكسىچە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولمىغانلاردىن پەقەت %29 ئەركىشىدە ۋېتامىن Dكەمچىل بولۇش كۆرۈلگەن.

  بۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار ۋېتامىن Dكەمچىل بولغان ئەرلەرنىڭ ۋېتامىن Dتولۇق بولغان ئەرلەرگە قارىغاندا قايىم بولۇش توسقۇنلۇقىغا ئۇچىرىشى %32يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقلىي خۇلاسىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەنە باشقا جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراشتىكى باشقا ئامىللار (مەسىلەن: ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ياللۇغ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دورىلار)نىمۇ بىرلىكتە ئويلانغاندا يۇقارقى كۆزقاراشنىڭ تېخىمۇ پۈت تېرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.

  بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەيلىن مىكىس مۇنداق دىگەن: "ۋېتامىن Dكەمچىل بولغانلىقنى ناھايىتى ئاسانلا تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، ھەمدە ئاسانلا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ، يەنى ئاكتىپلىق بىلەن تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ۋېتامىن تەركىبى يۇقىرى بولغان ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تولۇقلاش ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىش. ۋېتامىنDتەركىبىنى ئۆلچەش بەلكىم جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقىنىڭ خېيىم-خەتىرىنى ھۆكۈم قىلىشتىكى بىر ياخشى قورال بولۇشى مۇمكىن."

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى مۇتەخەسىسى ئەرلەرگە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ:

  تەركىبىدە ۋېتامىن D بولغان يىمەكلىك تۈرلىرى ئەڭ ئاساسلىقى: بېلىق مېيى، تۇخۇم سېرىقى، قايماق، ئېرىمچىك، قارا گۆش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلار، يەنى: جىنەستە، ئانار، تاتلىق ياڭيۇ، پەمىدۇر، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە يۇقىرى بولغان ۋېتامىن Dبارئىكەن.

20160228143743604.jpg






تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز