ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ناچار كەيپىيات ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، ئىممۇنېت سىستېمىسىدىن ئىبارەت «قوغدىغۇچى ئىلاھ» ھەرقايسى ئەزالارغا بولغان «نازارەتچىلىكى»نى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىش قەدىمى تېزلىشىدۇ. ئەسلىدە بەدەننىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىدا يارىلىنىش، زەخملىنىش، ياللۇغلىنىش ياكى جاراھەتلىنىش بولغان بولسا، بۇلار ناچار كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىلگىرىكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە روھى زەربىگە ئۇچرىغان ۋەياكى ئۇزاق مەزگىل ناچار كەيپىياتنى ئىدارە قىلىشىدا تۇرغان.