تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلەمسىز؟

   سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكرانىنى كۈچەپ باسماسلىق، خەت ئۇرۇش كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن كىرىستال لامپا ئېكرانىنىڭ ئارىسىغا بىر نەرسە قويماسلىق لارىم. سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئېكران يۈزىدىكى ئېلېكتىر ستاتىك سەۋەبىدىن ئاسانلا چاڭ – توزاننى سۈمۈرۈۋالىدۇ، شۇڭا خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ سۇيۇق كىرىستال لامپىلىق ئىكرانىنى مەخسۇس تازىلاش قەغىزى بىلەن تازىلاش، ھەرگىز قول ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك.

    قاتتىق دىسكا. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خاتىرە كومپيۇتېرنى مۇقىم ھالەتتە ئىشلىتىپ، ئاسان تەۋرىنىپ كېتىدىغان ئورۇنلاردا مەشغۇلات قىلماسلىق لازىم. كومپيۇتېرنى قوزغىتىش ۋە ئىش جەريانى قاتتىق دىسكا ئەڭ نازۇك ۋاقىتتا تۇرغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا ئوقىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى مۇقىم بولمايدۇ، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا تەۋرىنىپ كەتسە، ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېرنى ئېچىپ ئون سېكۇنتتىن كېيىن ئاندىن ئۇنى يۆتكىسە بولىدۇ. قاتتىق دېسكىنىڭ ساقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن قاتتىق دېسكىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم قايتا قۇراشتۇرۇش ۋە شەكىل چۈشۈرۈش كېرەك.

    يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ. سىرتقى يۈزى ناچار ياكى پاختىلىشىپ قالغان يومشاق دىسكىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. يۇمشاق دىسكىنى قوزغاتقۇچنى تازىلاش ياپراقچىسىدا ئوقۇش ماگنىت بېشىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

    نۇر دىسكا قوزغاتقۇچ. نۇر دىسكىنى تازىلاش ياپراقچىسىدا ئوقۇش بېشىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش لازىم. بىر قولىمىز بىلەن نۇر دىسكا قوزغاتقۇچنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىمىز بىلەن نۇر دىسكىنى نۇر دىسكا قوزغاتقۇچقا ئاۋايلاپ سېلىپ، دىسكا شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    كۇنۇپكىلىق كونترول قىلىش تاختىسى. بۇ تاختىنى ئىشلەتكەندە، قول پاكىز بولۇشى، نۇر بەلگىسىنىڭ قالايمىقان قېچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئېھتىياتسىزلىقتىن كۇنۇپكا تاختىسىنى پاسكىنا قىلىپ قويغاندا، يۇمشاق لاتىنىڭ بىر بۈرجىكىنى ھۆلدەپ يېنىڭ سۈرتۈش، ھەرگىز يىرىك لاتا بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك. خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكىلىق تاختىسى ئىندۇكسىيەلىك نازۇك ئېلېكتىر زاپچىسى بولۇپ، بىسلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويماسلىق، ئېغىر نەرسىلەرنى ئۈستىگە قويۇپ باسماسلىق كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز