تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى

 باشقىلاردىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز سورىماقچى بولغان نەرسىنى باشقىلارنىڭ كېرەك قىلىۋاتقان ياكى ۋاقتىنچە كېرەك قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ ئاندىن سوراڭ، بولمىسا كىشىنى تەڭلىكتە قويىسىز. ئەگەر سوراپ ئالغان بولسىڭىز، ئىشىلتىپ بولغاندىن كېيىن بالا-چاقىلىرىڭىزدىن ئەمەس، ئۆزىڭىز قايتۇرۇپ بېرىڭ. بېرىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەكشۈرۈپ، ئەگەردە بۇزۇلغان جايلىرى بولسا ياساپ، ياساشقا بولمىسا تۆلەپ بېرىڭ ياكى بولمىسا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىپ ئەپۇ سوراڭ.

    باشقىلارنىڭ سىزنى سېغىنىپ يازغان خەتلىرىنى، بەرگەن تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان خەت يېزىڭ ياكى تېلېفون قايتۇرۇڭ، ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتمەڭ. باشقىلارنىڭ سىزنى ئەسلەپ تۇرغىنىغا ھۆرمەت قىلىڭ. سىزگە مۇناسىۋەتسىز خەت-چەكلەرنى قالايمىقان ئاچماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز قانۇنسىزلىق بولىدۇ.

    چاقىرغان يەرگە ۋاقتىدا بېرىڭ، ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ، كېچىكىپ بېرىپ ئۆي ئىگىسى ۋە مېھمانلارنى ساقلىتىپ ۋاقتىنى ئالماڭ. ئەگەر بارالمىسىڭىز، ۋاقتىدا خەۋەر قىلىۋېتىڭ، جاۋاپسىز قالدۇرماڭ. ۋاقىتنى قەدىرلەڭ. لېكىن، چاقىرمىغان يەرگە بېرىپ ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆي ئىگىسىنى خىجالەت قىلماڭ.

    باشقىلارنى ئىزدەپ ئۆيىگە بېرىپ قالسىڭىز، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇ كىشىنىڭ تاماق يەۋاتقان، ئۇخلاۋاتقان ياكى كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ئۇخلاۋاتقان، بىرەر يەرگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالمىسۇن. ئەگەردە ناھايىتى جىددىي ئىشىڭىز بولسا كۆرۈشۈڭ. بىراق، ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسۇن، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالماڭ.

    كىشىلەرگە گەپ-سۆز قىلغاندا، بەك يېقىن كېلىۋالماڭ، مەلۇم ئارىلىق قالسۇن. سۆز قىلغاندا بەك ئالدىراپ سۆزلىمەڭ، سۆزلىرىڭىز ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولسۇن، تايىنى يوق، قالايمىقان، تېتىقسىز گەپلەرنى، غەيۋەت-شىكايەت، يالغان ياۋداق گەپلەرنى قىلىپ كىشلەرنىڭ ۋاقتىنى ئالماڭ. پۇل- پۈچەك سورىماڭ، قەرىز ئالماقچى بولسىڭىز، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بېرىڭ.

    يولدا ماڭغاندا، ئۆزىڭىزدىن چوڭ -كىچىكلەرگە، ئاياللارغا يول بېرىڭ، تونۇش-بىلىشلەرگە، چوڭلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز، سالامسىز ئۆتمەڭ. يول يۈرگەندە تاماكا چەكمەڭ، يېمەكلىكلەرنى يەپ ماڭماڭ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا سەرەمجان بولۇڭ، كىيىم-كېچەكلىرىڭىز ئاددىي بولسىمۇ، رەتلىك پاكىز بولسۇن، چاچ-ساقاللىرىڭىزنى پات-پات ئالدۇرۇپ تۇرۇڭ، چاپانلىرىڭىزنىڭ تۈگمىلىرى تولۇق بولسۇن، يىرتىلغان جايلىرىنى دەرھال يامىتىڭ، ئاياغ كىيىملىرىڭىزنىمۇ پاكىز سۈرتۈپ، مايلاپ كىيىڭ، پايپاقلىرىڭىزنىمۇ كۈندە يۇيۇپ كىيىڭ.

    پەرزەنىتلىرىڭىز ياكى ئىنى-سىڭىللىرىڭىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ، مەدەنىيەتلىك ئەدەپلىك بولۇڭ، بولمىسا يامان تەسىر بېرىپ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يامان سۆزلەرنى تارتىنماي سۆزلەيدىغان، پەردىشەپنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆيدىكىلەردىن تۆرە تالاشماڭ، ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان جاينى تېپىپ ئولتۇرۇڭ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/05/content_485197.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز