27مىڭ يۈەنلىك ئالتۇن HTC one بازارغا سېلىندى
iPhone 5S نىڭ بازارغا چىقىشى بىلەنلا ئالتۇن رەڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ساھەسىدە بىر مودىنى ياراتتى . بىراق iPhone 5S نىڭ پەقەت رەڭگىلا ئالتۇن رەڭ خالاس ، يېقىندا HTC ھەقىقىي 18 كاراتلىق ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئالتۇن HTC one ئېلان قىلدى .
بۇ تېلىفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى 27مىڭ يۈەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇنچە قىممەت بولىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ گەۋدىسىگە ھەقىقىي 18 كاراتلىق ئالتۇن ئىشلىتىلگەن .
بىراق بۇ تېلىفۇن سەپلىمە جەھەتتە ئادەتتىكى HTC one دىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ ، 4.7ديۇملۇق 1080p ئېنىقلىقتىكى ئېكران ئىشلىتىلگەن ، كامېراسى 468ppi غا يېتىدۇ . ئۇنىڭغا qualcomm 600لىق 1.7GHz بولغان تۆت يادرولۇق ئۆزەك ، 2GB لىق RAM ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن . پۈتۈن تېلىفۇننىڭ چوڭلۇقى 137.4 x 68.2 x 9.3mm/4mm بولۇپ ، ئېغىرلىقى 143 گرام كېلىدۇ . باتارىيىسىنىڭ سېغىمى بولسا 2300مىللىئامپىرغا يېتىدۇ .