تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قومۇل ئارا تۈرۈك مۇقامى

ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قومۇل ئارا تۈرۈك مۇقامى

 

ئۇيغۇرلارنىڭ «12-مۇقامى» جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر، ئىشچان، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، شۇنداقلا مۇزىكىلىق تىل ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپتىن بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان مەدەنىيەت قامۇسى.

شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» تارقالغان. بۇ مۇقام «قۇمۇل مۇقامى»نىڭ مۇھىم بىر تەركىبي قىسمى بولسىمۇ لېكىن ئورۇنداش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە.«قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» قۇمۇل مۇقاملىرى ئارىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپ، ئۇ قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېيتىلىش ئۇسۇلى ۋە نومۇر كۆرسىتىش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي يەنە ئارا تۈرۈك مۇقامىنىڭ نومۇر كۆرسىتىش شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنى ئالاھىدە نامايان قىلغان.

«قومۇل مۇقامىنىڭ ئارا تۈرۈك نۇسخىسى» ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى ئىشچان، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، مول مۇزىكىلىق مىلودىيەگە، مۇرەككەپ ئورۇنداش ماھارىتىگە، ئۆزگىرىشچان ئاھاڭدارلىققا، رەڭدار مۇزىكا ئوبرازىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئالىيجاناپ خاراكتېرى، يۈكسەك غايىگە يېتىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى شۇنداقلا ئارا تۈرۈكتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شاتلىقى ۋە قايغۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز