ئالدىنى ئېلىش:
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى سىئانىدىن بوغماي ئۈچەي كېسەلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بېسىمنى تۆۋەنلىتىش:
ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى كالىي ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق ناترىي بىلەن بىرىكىپ، ئۇنى سىرتقا چىقىرىدۇ، شۇڭا ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسىڭىز، ئادەم بەدىنىدىكى ئېلېكترولىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.
ئوۇقلىتىش:
ئالمىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ھەرخىل ئامىنو كىسلاتا، ئاقسىل، ھەرخىل ۋىتامىن، مېنىرال ماددا ۋە كاروتېن بار، ھەزىم قىلىش ئاسان بولۇپلا قالماستىن، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق.
قان تولۇقلاش:
تۆمۈر ماددىسى كىسلاتالىق،ۋىتامىنCبار شارائىتتا ئاندىن سۈمۈرۈلىدۇ، شۇڭا ئالمىنىڭ قان تولۇقلاشقا پايدىسى بار.
ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش:
ئالمىنىڭ تەركىبىدە مول كۋېرتسېتىن بار، شۇڭا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە پاركىنسون سىندرومىسىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسە ياخشى.
يۈرەكنى قوغدايدۇ:
ئالما يەپ بەرسىڭىز يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان نوكچىسىنى ئېرىتىشقا ياردىمى بار.
قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:
ئالما بىلەن سەۋزىنى پىشۇرۇپ يىسىڭىز، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تېرىنى ئاقارتىدۇ:
ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى يىرىك تالا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراقلاشتۇرىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلايدۇ:
ئالما تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ۋە مېۋە كىسلاتاسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، چىشنىڭ قۇرۇت يىيىشى، چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ:
ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي تېرىنى پارقىراق قىلىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
سۆڭەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ:
ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى بور ۋە مانگان ئېلېمىنتى قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئېستروگېن بىلەن باشقا خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ.
نېرۋىنى تىنچلاپ،ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ
يۈرەك-تال ئاجىز، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن ئىسسىقى ئېشىش، جىگەر ياكى ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ.
خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ
ئالما يىسىڭىز، قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە ئۆت كىسلاتاسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئالمىنىڭ تەركىبىدە مول مېنېرال ماددا ۋە بىر قانچە ۋىتامىن بار، دائىم يەپ بەرسىڭىز راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
ئالما يىسىڭىز ئانتىتېلا ۋە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردىمى بار، ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئالمىنى كۆپ پۇراپ بەرسىڭىز تەشۋىشلەنمەيسىز
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، بارلىق مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئالمىنىڭ پۇرىقىنىڭ ئادەم پىسخولىگىيىسىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭكەن، ئالمىنى كۆپ پۇراپ بەرسە تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىنى يوقىتىدىكەن.