ئاياللاردا ھەيز مەزگىلىدە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قارا قېرىنقۇلاق قاتارلىق تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى، لېكىن بۇ مەزگىلدە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى لازىم. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى ماددىلار يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن بىرىكىپ، ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. يېشىل چاي قېنىق بولغانسېرى، تەسىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا خانىم -قىزلارنىڭ بۇ مەزگىلدە قېنىق چاي ئىچمىگىنى ياخشى.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل چاي قەۋزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن