:
سىرتتا يۈرگىنىڭىزدە، ئاممىۋىي سورۇندىكى ھەر قايسى ئۈسكۈنىلەرگە قول تەگكۈزمەيمەن دېيەلمەيسىز، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ مەينەتلىك دەرىجىسى سىز ئويلاپ يەتمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، سان-ساناقسىزلىغان مىكروپلار يىغىلغان بولىدۇ، تۆۋەندە سىز ئويلاپمۇ باقمىغان توققۇز ئەڭ مەينەت جاي بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1. تىزىملىك-چۈنكى ھېچكىم تىزىملىكنى دېزىنفىكسىيەلىمەيدۇ
2. دورا-دەرمەك قۇتىسى-ئادەتتە ھەممەيلەننىڭ قولى تەگكەن، يەنە كېلىپ ئاسان تازىلانمايدۇ.
3. ئىچىملىك ئۈستىدىكى لىمون ياپراقچىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %70 چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسىگە ئىگە ئىكەن.
4. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى-كىيىم ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مىكروپلار يۇققان بولىدۇ، كىيىملەردىنمۇ مىكروپ يۇقىدۇ.
5. جۈمەك-چۈنكى قولنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى-كېيىن ئۇنىڭغا مىكروپلار يۇقىدۇ.
6. مال سېتىۋېلىش ھارۋىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %66 مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىدىكى مىكروپلارنىڭ سانى تازىلىق ئۆيىنىڭكىگە تەڭ ئىكەن.
7. ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇبكىسى-تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ھەر بىر ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 1200 يۇقۇملۇق كېسەل مىكروپلىرى ۋە چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسى بار ئىكەن.
8. چىنە-قاچا جازىسى-ناۋادا زۇكام ياكى باشقا كېسەلگە يۇقۇملانغان يېقىنلىرىڭىز ئىشلىتىپ قالغان، ياكى تۇتۇپ قويغان چىنە-قاچىلارنى ئىشلەتسىڭىز سىزمۇ ئوخشاشلا مىكروپلىنىسىز.
9. پەشتاق لىفىتنىڭ تۇتقۇچىسى-%43 لىفىت تۇتقۇچىدا يۇقۇملۇق كېسەل مىكروپلىرى بار ئىكەن.
ئۆز ساغلاملىقىمىز ۋە بەختىمىز ئۈچۈن تازىلىقنى سۆيۈپ، سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرەيلى.