يانفون كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ، ئۇچۇر-ئالاقە جەھەتتە تۇرمۇشىمىزغا زور دەرىجىدىكى قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان يانفوننىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئادەتتە يانفوننى ئىشلەتكەندە ئۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كىشىلەر دەماللىققا بىلەلمىسىمۇ، ئەمما يانفوننى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، سالامەتلىككە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندە ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. يانفوننىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. تىترەش ھالىتىدە قويۇپ قويغاندىكى سالامەتلىككە بولغان تەسىرى. ئۇزۇن مۇددەت يانفوننى تىترەش ھالىتىدە قويۇپ قويغاندا، مېڭىگە نىسبەتەن يانفون رادىياتسىيەسى مېڭىدىكى سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ خىزمىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىش، باش قېيىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ. يۈرەككە نىسبەتەن يۈرەك ئىمپۇلىسىنىڭ نورمال تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەك ئېغىش، يۈرەك تىترەش، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك ئاجىزلىشىش، ئاسان قورقىدىغان بولۇپ قېلىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يانفوننى بوينىغا ئېسىۋالغۇچىلاردا ياكى مەيدە يانچۇققا سېلىۋالغۇچىلاردا بىر قەدەر تىپىك كۆرۈلىدۇ. ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ھامىلدارلىق ۋاقتىدا ئاياللار سىرتقى غىدىققا ئاسان ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا يانفون رادىيەتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە يولۇققاندا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
2. ئاڭلاش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يانفوننى MP3 ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر يانفوننىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى تەڭشەپ قويىدۇ. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۋاز 80 دىتسىبېلدىن ئېشىپ كەتكەندە، قۇلاققا زىيانلىق ئىكەن. نورمال پاراڭلاشقاندا ئاۋاز چوڭلۇقى 60 دىتسىبېل بولۇپ، يانفون نائۇشنىكى 100 دىتسىبېلغا يېتىدىكەن. شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا كىشىلەر ئاۋازنى تېخىمۇ يۇقىرى تەڭشەيدۇ. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئاڭلاش ئىقىتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىكەن.
3. رېئاكسىيە پەيدا قىلىش تەسىرى. بەزىلەر يانفون ئىشلىتىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تېرىلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ يانفوندىن كۆرمەيدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىنىڭ دەل يانفون سىرتقى قېپىدىكى بەزى مېتاللار، مەسىلەن، نېكىل قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
4. قول بارماقلىرىغا بولغان تەسىرى. داۋاملىق ئۇچۇر يوللىغاندا باش بارماق ئۇنۋېرسال يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ قىسقا ئۇچۇرنى زىيادە كۆپ يوللايدىغانلار ياكى ئۇزۇن ۋاقىت يانفوندا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ باش بارمىقىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ باش بارماققا مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇل تالالىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، باش بارماق ئاغرىش، تارتىشىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. پىسخىك ساغلاملىققا بولغان تەسىرى. بولۇپمۇ يانفون ئىشلىتىپ كۆنۈپ قېلىپ، بىرەر سەۋەبتىن يانفون ئىشلەتمىگەندە، باشقىلارنىڭ يانفونى سايرىسا، ئۆزىنىڭ يانفونىنى ئىزدەش ياكى ئۆزىنىڭ يانفونىنى تىترەشكە تەڭشەپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ يانفونى سايرىسا، ئۆز يانفونىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش، بەزىدە يانفوننى سايرىمىسىمۇ سايرىغاندەك مەلۇم بولۇپ، يانفونىنى ئېلىشقا تەمشىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش پىسخىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ ئەمەلىيەتتە يانفوننى كۆپ ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل پىسخىكىلىق مەسىلە.
6. ماشىنا ھەيدەۋېتىپ ياكى يولدا كېتىۋېتىپ تېلفوندا پاراڭلىشىش ياكى تېلفون ئېكرانىغا قادىلىپ تورغا چىقىش ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرۈش. بۇ دەل ئەڭ ئاسان سەل قارىلىدىغان قاتناش بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ، بۇمۇ ئاقىۋەتتە خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. قىسقىسى، يانفون تورمۇشىمىزغا زور دەرىجىدە قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يانفوننىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، يانفون ئىشلەتكەندە، ئىلمىيلىققا ئالاھىدە دېققەت قىلىش زۆرۈر.