بەزىلەر بېسىمنى يېمەك - ئىچمەك بىلەن تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، بىراق بۇ خىل ئۇسۇل چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
قەھۋە: بەزىلەر بېسىم ئېشىپ كەتكەندە، ئالدى بىلەن قەھۋە ئىچىشنى ئويلايدۇ، بىراق قەھۋە بەدەندە مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، نېرۋا ۋە مۇسكۇلنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى خورىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسان چارچايدىغان، ھەتتا قەھۋەگە خۇمار بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
ياغلىق ۋە كۈچلۈك يېمەكلىكلەر: ماروژنى، قىزارتىلغان توخۇ گۆشى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق ياغلىق يېمەكلىكلەر تەم ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئادەمنى ئۇيقۇچان قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا سەمىرتىۋېتىدۇ.
تاتلىق تۈرۈم: شاكىلات، تورت ۋە تاتلىق ئىچىملىكلەردەك قەنت كۆپ، گەرچە بۇ خىل يېمەكلىكلەر كەيپىياتنى تەڭشىسىمۇ، لېكىن قەنت تەركىبى قاندىكى قەنت مىقدارىنى كۆپەيتىپ ياكى تۆۋەنلىتىپ، كەيپىياتنى بۇزىدۇ.
ئاچ قورساق يۈرۈش: بېسىم ئېشىپ كەتكەندە ئادەملەرنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بىراق بۇ چاغدا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ناۋادا بېسىمنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تۆۋەنلىتىشكە توغرا كەلسە، سۇيۇق- سەلەڭ غىزا، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، قىزىل پۇرچاق ۋە سۇلۇنى يەپ، جۈخار گۈلى ياكى ئارپا چېي ئىچكەن تۈزۈك.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى