تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يىگىتىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتتىمۇ ؟

 


مۇھەببەت ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى مەڭگۈلۈك تىما. كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر ئاغدۇرساق، ‹‹ پەرھات- شىرىن››، ‹‹ تاھىر- زوھرە››،‹‹ لەيلى- مەجنۇن›› قاتارلىق سۆيگۈ مۇھەببەت نەمۇنىلىرى ھەققىدە خېلى سالماقلىق ئۇرۇن ئاجىرتىلغانلىقىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس. بىز مۇشۇ ئەسەرلەردىن ئەژداتلىرىمىزنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببەتنى مۇقەددەس بىلىدىغانلىقى، چىن سۆيگۈ ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئىسىل روھىنى ھىس قىلالايمىز. ئاشۇ مۇھەببەت داستانلىرىدىكى ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتى كۈپۈنچە پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقان. ئۇنى ئۇقىغان ھەر- قانداق كىشىنىڭ قەلبى لەرزىگە كەلمەي، ئازانلانماي قالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ سۆيگۈ - مۇھەببەت تىمىسىدا توختىماي ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۆتمۈشكە ئوخشاش ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئىشقى- مۇھەببەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلمىگەن بولسىمۇ، قەلەمكەشلەر يېڭى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ئىپادىلەپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار يازغان يازمىلار بۈگۈنكى دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىدۇر. بۇرۇن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارنى ئەدەبى ئەسەرلەردىن ئۇچراتساق، ئەمدىلىكتە ئەتراىمىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچۇرتۇپ قېلىۋاتىمىز.
يېقىندا بىر قىز مۇھەببەتلەشكەن يىگىتنىڭ: ‹‹ مەن سەن بىلەن توي قىلمايمەن، باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتۈم. ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن، سەنمۇ ئۆزەڭگە لايىق بىرسىنى تېپىۋال›› دەپ تاشلىۋەتكەنلىگى ئۈچۈن دورا ئىچىپ ئۈلىۋالغان. بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەر- خىل بۇلۇپ، بەزىلەر: ‹‹ بۇ قىز مۇھەببەتلەشتىم دەپ ئامانىتىنى بالدۇرلا يىگىتكە تاپشۇرۋېتىپ، يىگىتى بتەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەندىن كىيىن نۇمۇسقا چىدىماي ئۈلىۋاپتۇ دىسە، يەنە بەزىلەر:‹‹ جاھاندا يالغۇز شۇ يىگىت باردەك ئۈلىۋلغىنى نىمىسى؟ ھازىر ئۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۈلۈمىنى پەرۋايىغىمۇ ئېلىپ قپيماي ، باشقا بىرسىنى قولتۇقلاپ يۈرۈيدىغاندۇ ھەقاچان. بۇ قىز كەم ئەقىللىقق قىلىپ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ›› دىيىشكەن. ‹‹ تارىقتىكى ئاشىق- مەشۇقلاردەك مۇھەببەت ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بىرىپتۇدە، بۇ قىز. بۈگۈنكى كۈندە مۇھەببەتنى دەپ ئۈلۈم يولىنى تاللايدىغان بۇنداق مۇھەببەت ئاشىنالىرىئاز ئۇچرايدۇ جۇمۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ قىز مۇھەببەتكە بەك سادىق بولسا كېرەك›› دىگەنلەرمۇ بولغان. يۇقۇرقى قاراشلاردىن ھەر- كىم ئۆزىنىڭ تەپەككۈر  ئۇسۇلى بويىچە ئوتتۇرغا قويغان. ئەشۇ قاراشلاردىن بەزىلەرنىڭ قىزغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ قىزنىڭ ئەقىلسىزلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ قاراشلارنىڭ بەزىسىنى توغرا دىيىشكە بولسىمۇ بەزىسىنى تۈپتىن خاتا بولغان. بۇلۇپمۇ قىزنى تارىقتىكى مۇھەببەت ئۈچۈن ھاياتىداىن ئايرىلغان ئاشىق- مەشۇقلارغا ئوخشۇتۇش بەكمۇ بىمەنىلىك.
‹‹ پەرھات- شىرىن›› داستانىدىكى شىرىنىىڭ ئۈلۈمى بىلەن ئۇ قىزنىڭ ئەرزىمەس ئۈلۈمنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى: شىرىن سۆيگەن يىگىتى پەرھادنىڭ بوتون تېغىنى بوي سۇندۇرۇپ سۇ باشلاش جەريانىدا جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، پەرھاد بىلەن تەڭ ئۈلۈپ ئ ۇ دۇنيادا بولسىمۇ ۋىسالىغا يىتىش يولىنى تۇتىدۇ.ئەمدى ھېلىقى قىز بولسا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىگە ۋاپاسىزلىق قىلغان يىگىتنىڭ ئەلىمىگە چىدىماي ئۈلۈۋالىدۇ. قارىماققا ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۇھەببەت سەۋەپ بولغاندەك قىلغان بىلەن بۇ ئىككى خىل ئۈلۈم تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. شىرىننىڭ ئۈلۈمى ھەقىقى مۇھەببەت، سۆيگۈ ئۈلۈمىدۇر. چۈنكى شىرىننىڭ دادىسى پەرھادقا بوستۇن تېغىدىن سۇ باشلاپ كىلىشنى شىرىننى ئەمرىگە ئېلىشنىڭ شەرتى قىلىپ قويىدۇ.پەرھات بۇ شەرتنى قۇبۇل قىلىپ، شىرىننىڭ ۋەسلىگە يىتىش يۇلىدا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ، شىرىن ئۆزى ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلغان پەرھادنىڭ مۇھەببىتىگە سادىق بۇلۇش ئۈچۈن پەرھادنىڭ يېنىغا كىتىشنى تاللايدۇ. بۇنى بىز مۇھەببەت داستانى، مۇھەببەت ئۈچۈن جاندىن كىچىش دەيمىز. ھېلىقى قىز سۆيگەن يىگىتنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا چىدىماي ئۈلۈم يولىنى تۇتتى خالاس.
ئۇ قىز مۇھەببەتنى ئۇلۇق بىلىش بىلىش ئېڭى بار دەيىلگەندىمۇ، مۇھەببەت ئۇبىكتىنى خاتا تاللاپ قالغان. ئۇ نۇقۇل شىرىن -شېكەر سۆز ۋە قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى مۇھەببەت دەپ قاراپ، مۇھەببەتنى بەكلا يۈزەكى چۈشىنىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈلۈمىنىڭ مۇھەببەتنى ئۇلۇقلاشقا ياتىدىغان- ياتمايدىغانلىقىنى بىلمىگەن. ئۇنى مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئەمەس، پۈچەك، ئەرزىمەس مۇھەببەت ئۈچۈن ئەقلىدىن ئادىشىش دىسەك توغرا بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق شۇ قىزنىي يىگىتى ۋاپاسىزلىق قىلسا ھىچقانداق ئازابلانماي، قېتىغىمۇ ئالامي يېڭىدىن بىرنى تېپىپ كۈنىنى ئۆتكۈزىۋېرىشى كېرەك ئىدى دىمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۈلۈم يولىنى تاللاشتىن بۇرۇن:‹‹ مىنىڭ ئۈلۈم يولىنى تاللىشىم توغرىمۇ؟ يىگىتىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا ئۈلۈم بىلەن جاۋاپ قايتۇرسام  ئەرزىمدۇ- يوق؟›› دىگەننى ئويلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ قىزنىڭ ئۈلۈمىدىن كىملەر شەرەپ ھىس قىلدى؟ بىچارە ئاتا- ئانا ئۇنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇپ، ئەمدى ھاياتتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنىئادا قىلىدىغان ئادەم بولدى دىگەندە، ئاشۇنداق مەيدانى يوق بىر يىگىتنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى دەپ ئۈلۈپ كەتسە ئازابلانمامدۇ؟ قىزىغا ئادەم بۇلۇشنىڭ يولىنى، قىيىنچىلىققا، ئازاپ- ئۇقىبەتكە دۇچ كەلگگندە قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى ئۈگۈتەلمىگەنلىكىدىن ئۈكۈنمەمدۇ؟ قىزنىڭ ئۈلۈمى قانچىلىك ئادەملەرنىڭ قەلبىدە زىدە پەيدا قىلىدۇ؟
ئەشۇ قىزنىڭ پاجىئەسىدىن بىزنىڭ بەزى قىزلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش،جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تازا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
بىر قىزنىڭ بەش يىل مۇھەببەتلەشكەن يىگىتى بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ باشقا بىر قىز بىلەن تېپىشىپ قېلىپ ئۇ قىزنى تاشلىۋەتكەن. بۇ ئىش دەپلەپتە قىزغا بەك ھار كىلىپ:‹‹ ئەمدى يىگىت دىگەنگە يېقىلىشىدىغان بولسام ئادەم بولماي كىتەي›› دەپ قەسەم قىلىپ، بىر مەزگىل خىزمەت بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ، مۇھەببەتلىشىش ، توي قىلىش دىگەنلەرنى ئىسىدىن چەىەرىۋەتكەن. كىيىن باشقىلارنىڭ نەسەھەت قىلىشى، بىر يىگىتنىڭ زىرىكمەي قوغلىشىشى بىلەن يىگىتنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا كۈڭۈل بىرىپ توي قىلغان، ئۇ قىز تويدىن كىيىن:‹‹ مەن بۇرۇن ئۈزۈمنى مۇھەببەتلەشتىم دەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلىدە مۇھەببەت مۇنداق بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟مانا ئەمدىھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشتىم دىگەن.
ئادەم بۇ دۇنيادا مۇھەببەت بىلەن ھاياتىنى خۇشاللىققا، مەناغا ئىگە قىلالايدۇ. مۇھەببەتسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئازاپ - ئۇقىبەت بىلەن ئۆتكەن ھاياتتۇر. ياشلار قۇرامىغا يەتكەندە چۇقۇم مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۈتىدۇ. بەزىلەر بىرلا ئادەم بىلەنننن مۇھەببەتلىشىپ ۋىسالىغا يەتسە، بەزىلەر بىر- قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىپقالىدۇ. بىز ئادەتتە بىر قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالغانلارنى ‹‹ شاللاق، سۇيۇق، مۇھەببەتنى ئۇيۇن قاتارىدا كۈرىدىغان ئادەم ›› دەپ قارايمىز. ئەمما ئۇلار مۇھەببەتلىشىش ئۇبىكتىنى خاتا تاللاپ قۇيۇپ، بىر قانچە ئادەم بىلەن ئارىلىشىپ قالىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ھەقىقى ياخشى كۆرگەن، ئۆىەە ھەممە جەھەتتىن ماس كەلگەن ئادىمى پەقەت بىرلا بولىشى مۈمكىن.لايىقى تەرپىدىن تاشلىۋىتىلەەنلىك بىلەنلا ئۈلۈم يولىنى تاللىسا ، بۇ مۇھەببەتنى ئۇلۇقلىغانلىق ئەمەس، ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك ، ھاياتقا، جەمىيەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. قىزلار يىگىتى تەرپىدىن تاشلىۋىتىلسە ئازاپلىنىدىغانلىقى تەبىئى ئەھۋال. لىكىن بۇنداق چاغدا ئۈمۈتسىزلىنىپ ھاياتتىنبىراقلا ۋاز كەچمەي مەسىلىنىڭ نىگىزى ھەققىدە ئويلىنىشى، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش كېرەك.  بۇنداق چاغدا قىزلار ئاۋال:‹‹ يىگىتىم مىنى نىمىشكە تاشلىۋىتىدۇ؟ مىنىڭ قايسى تەرەپلىرىم ئۇنىڭغا يارىمىدى؟ يېڭىدىن تېپىۋالغان قىزنىڭ قايسى تەرەپلىرى نمەندىن ئارتۇق؟ مەندىكى سەۋەنلىكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈژمە كۈڭۈللىكىمۇ؟ دىگەنلەر توغرىسىدا ئەستديىدىل پىكىر يۈرگۈزىشى كېرەك.ئەگەر يىگىتنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويغان تەرەپلىرى بولسا، ‹‹ مەن ئۆزەمدە قىزلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك بەزىبىر زۈرۈر شەرتلەرنى تۇللۇق يىتىلدۈرمەپتىمەن. ئۇنىڭ مىنى تاشلاپ كىتىى ھەقلقكەن.›› دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە، مۇكەممەل قىز بۇلۇشقا تىرىشىش، ئەگەر يىگىتىنىڭ ھۆسنى جامال، ھۇقۇق- مەرتىۋە قوغلۇشۇپ كەتكەن تەرەپلىرى بولسا:‹‹ ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئۆزىنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرىن بالدىر ئاشكارى؛لىدى، ئەگەر ئۇ ئىش توي قىلغاندىن كىيىن ياكى بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئاشكارىلىنىپ قالسا ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كېلەتتى، ئۇ مىنىڭ بۇنچە ئەقىدە قىلىشىمغا ئەرزىمەيدىكەن›› دەپ مۇھەببەت، بەخت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك.ئەگەر سىز يىگىتىڭىز تەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەن قىز بولسىڭىز ھەرگىزمۇ بالدىرلا ئۈلىۋېلىش يولىنى تاللىماڭ. سىز كىيىن چىن مۇھەببەتكاە چۇقۇم ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىڭىزنىڭ روھى دۇنيديىڭىزنى، ئىش- ھەركىتىڭىزنى، پەزىلىتىڭىزنى دەڭسەپ كۈرۈڭ. ئەگەر سىزدە سەۋەنلىك بولسا ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزدىن ئاغرىنماڭ. بىلىپ قېلىڭكى، روھى پۈچەك، قىزلىق نازاكىتى كەمچىل، ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدىغان، ھايانى بىلمەيدىغان قىزلارنى ھىچكىشى سۆيمەيدۇ.


                                   مەنبە: ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىل

ئەسلى مەنبەسى: ئەلكىن مۇنبىىرى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز