ئەگەر قولىڭىزدا iPhone 5 بولسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ باتارىيەسى كونىراپ، توكى ئۇزۇن يەتمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كۆپ ئەندىشە قىلىپ كەتمەڭ! ئالما شىركىتى يىقىندا ئايفون باتارىيەسىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى!
ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم iPhone 5 يانفونلىرىدا باتارىيە توكى ئۇزۇن ۋاقىت يەتمەيدىغان، كۈندە نەچچە قېتىم زەرەتلەش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى 2012-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 1-ئاي ئارىلىقىدا سېتىلغان iPhone 5 يانفونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كونكىرىت ئېيتقاندا، بۇ يەنە بەلگىلىك رەت نۇمۇرى دائىرىسىدىكى بىرىنچى تۈركۈم iPhone 5 نى كۆرسىتىدىكەن.
ئەگەر قولىڭىزدا iPhone 5 بولسا، ئۇنداقتا يانفوندىكى «تەڭشەش»-«يانفون ھەققىدە» دىگەن تىزىملىكنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭ مەھسۇلات رەت نۇمۇرىنى كۆرەلەيسىز، ئاندىن ئۇنى ئالما ئورگان تورىغا كىرگۈزۈپ، شىركەت يولغا قويغان ئايفون باتارىيەسىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇش سالاھىيتىڭىز بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدىكەن. ئەگەر شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىڭىز، ئۇنداقتا يانفونىڭىزنى App Store پارچە سېتىش دۇكىنى ياكى ئالما ھوقوق بەرگەن باتارىيە ئالماشتۇرۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئالما شىركىتى iPhone 5 نىڭ باتارىيەسىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيەتتە بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويغان، ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن ئايفوننىڭ سېتىلغان ۋاقتى يۇقاردا دىيىلگەنگە ئوخشاش ئىكەن، بىراق، ئەينى ۋاقىتتا بۇ مۇلازىمەتنىڭ 2015-يىلى 3-ئايدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، بىراق، ھازىر ئالما شىركىتى بۇ مۇلازىمەتنىڭ ۋاقتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقان.