شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشى بالىغا مەڭگۈلۈك بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. ئائىلە شارائىتى بىرقەدەر ناچار بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئائىلە شارائىتى ياخشى بالىلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش ۋە ئىچى تىتىلداش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.