بىر كۈنى بىر يىگىت بىر بايدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ.
باي چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ تىلىم تاۋۇزنى يىگىتنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «ناۋادا ھەر بىر تىلىم تاۋۇز مەلۇم دەرىجىدىكى پايدىغا ۋەكىللىك قىلسا، سەن قايسىسىنى تاللايسەن؟» دەپتۇ.
«ئەلۋەتتە ئەڭ يوغىنىنى تاللايمەن-دە» يىگىت ئىككىلەنمەيلا جاۋاب بېرىپتۇ. باي كۈلۈپ: «ئۇنداقتا ياخشىغۇ، مەرھەمەت» دەپتۇ.
باي ئەڭ يوغان تىلىم تاۋۇزنى يىگىتكە سۇنۇپتۇ،ئەمما ئۆزى ئەڭ كىچىك تىلىمنى يەپتۇ.
باي ناھايىتى تېزلا يەپ بولۇپ شىرەدىكى يەنە بىر تىلىم تاۋۇزنى ئېلىپ كۆرەڭلىگەن ھالدا يىگىتكە پۇلاڭلىتىپ قويۇپ چوڭ-چوڭ چىشلەپ يېيىشكە باشلاپتۇ، يىگىت باينىڭ ئويىنى دەرھال چۈشىنىپتۇ:
«باينىڭ يېگەن تاۋۇزى گەرچە مېنىڭكىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، بىراق مەندىن كۆپ يېدى، ئەگەر ھەر بىر تىلىم تاۋۇز مەلۇم دەرىجىدىكى پايدىغا ۋەكىللىك قىلسا،ئۇنداقتا باينىڭ ئىگە بولىدىغان پايدىسى تەبىيكى مېنىڭكىدىن كۆپ بولىدىكەن».
تاۋۇزنى يەپ بولۇپ باي يىگىتكە «مانا بۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولۇم» دەپتۇ.