ئاپتورى دولانلىق تورىدىكى ‹‹مېھرىيە1›› دېگەن تورداش.
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە، ئۇ نەگىلا بارسا كۆكىرىپ تۇرالايدۇ . مەن ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ شاۋقۇنلۇق شەھەرنىڭ ئۇجۇر -بۇجۇرلىرىغىچە چۈشۈنۈپ كېتەلمىگەن بولساممۇ ، ئەمما خېلىلا تۇنۇپ يەتتىم . ئۇيغۇرلارنىڭ سودا -سېتىق مەركىزى ئاتالغان دوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاۋات كوچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى قىزلار ياتاق بىنالىرىغىچە مېنىڭ ئاياق ئىزىم بار ئېدى . 50 سوم دەسمايەم ئاستا -ئاستا يۈز سوممۇ بولدى ، يۈز سومدىن ئىككى يۈز سوممۇ بولدى ،ئەمما ھەرگىز پۇل تاپتىمغۇ دەپ بەتخەشلىق قىلمىدىم . پايپاق سېتىشتىن ئاستا كېڭىيىپ ، قىزلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ساتتىم . بۇ جەرياندا بازار باشقۇرۇشتىكىلەرنىڭ ماللىرىمنى مۇسادىرە قىلغانلىرىمۇ بولدى . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدىم ، بۈگۈن بۇ يەردىن قوغلىسا ، ئەتىسى باشقا يەرگە باردىم ، ئىشقىلىپ سودا قىلىش ئۈچۈن ئازراق يۈزى قېلىنلىق كېتىدىكەن . كېلىۋاتقان كىشىلەرگە تارتىنىپ ، قىزىرىپ تۇرماستىنلا ماللىرىمنى ماختاپ يۈرۈپ ، يانچۇقىدىكى پۇلىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلاتتىم . سودىنى پۈتتۈرۈشتە پەقەت كىشىلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ، تاتلىق گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالماقچى بولغان نەرسىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىگە قارىتا پەرەز قىلىۋېلىپ ، ‹‹ سىزگە ماۋۇ يارىشىدۇ ، ماۋۇ ياراشمايدۇ › دەپ چۈشەندۈرەلىسىڭىز ، خېرىدارمۇ ئالغان نەرسىسىدىن رازى بۇلۇپ ماڭىدىكەن . كىچىك قۇۋۇقتىكى توپ سېتىش دۇكىنىدىمۇ مانا بۇ تاكتىكا ئارقىلىق خېلىلا پىشىپ يىتىلدىم ، جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرلەپ ماڭدىم . كۆزۈممۇ خېلى پىشىپ قالغان ئېدى . ئىليار بىلەن ئىككىمىز بۇ نەتىنجىمىزدىن تولىمۇ خوشال ئېدۇق . لېكىن بىر خوشاللىقنىڭ بىر خاپىلىقى بۇلىدۇ دەپ ، بىر كۈنى سەھەردە ياتىقىمنىڭ ئىشىكى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلدى . ياتاقتىكى يەنە بىر قىز ئۇ كۈنى ياتاققا قايتمىغان بولغاچ ، ئۆزەم يالغۇزلا ئېدىم . مەن شۇنداق ئەنسىزچىلىكتە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم ھەم چۆچۈپ كەتتىم . ئالدىمدا ئىليارنىڭ ئاپىسى يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزارغان ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان ھالدا تۇراتتى . مەن نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەي ئىشىك تۆۋىدە داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قاپتىمەن ، ئىليارنىڭ ئاپىسى دولامدىن ئىتتىرىپلا ياتاققا بۆسۈپ كىردى ۋە ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ؛— ۋۇ نۇمۇسسىز يىتىم ئوغلاق ، مەھەللە ئاز كەلگەندەك ، ئەمدى بۇ يەرنىمۇ سېسىتاي دەپ كەپسەن-دە ! ئەپتىڭگە بېقىپراق بىر ئىش قىلساڭ بولماسمىدى ، ئاڭلاپ قويغۇن ، سەندەك جۇۋاينىمەكنى ئىليارغا ھەرگىزمۇ ئېلىپ بەرمەيمەن . بۇ يەردە تولا نۇمۇسۇمغا تەگمەي نەگە يوقالساڭ يوقال ! — دېدى ۋارقىراپ تۇرۇپ . مەن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن ئەندىكىپ كەتتىم . ئىليارنىڭ ئاپىسى يەنە بىر نىمىلەرنى دەپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى . — مەھەللىگە بارمىغان بولسام ، سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىۋالغىنىڭنى بىلمەي يۈرەتتۇقكەنمىز ، يىقىندىن ئىليار نېمىگە شۇنچە ئالدىراشتۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەسلىدە سەن تۈلكىجىننىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ ئالدىراشكەندۇق . توۋا ، ‹ئالا كالىنىڭ بالىسى چالا قويرۇق › دەپ ،ئاتا -ئاناڭدەك ھارامدىن بالا تېپىپ ، بىزگە مەينىتىڭنى تاڭاي دەپ ئويلىغان بولساڭ ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ . ھازىرلا بۇ يەردىن يوقال ، ئىليار بىلەن ئەمدى ئالاقە قىلىمەن دېگۈچە بولما ! مەن ئىليارنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن پىلۇمۇتتەك چىقىۋاتقان ئاھانەتلەرگە چىداپ تۇرالمىدىم ؛— ھەدە ، سىز مېنى نېمىلا دېسىڭىز دەڭ ،مەن بۇنىڭغا رازى ، ئەمما ئاتا-ئانامنى چىشلەپ تارتمىغان بولسىڭىز ، گەرچە ئۇلارنى مەن كۆرۈپ ، بىرە قېتىم دادا ، ئاپا دەپ باقمىغان بولساممۇ ، ھەم مېنى شۇنداق تاشلىۋەتكەنلىرىگە نەپرەتلەنگەن بولساممۇ ، ئەمما ئۇلار يەنىلا مېنىڭ ئاتا -ئانام ، ئۇلار ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدى . شۇڭا ئۇلارنى ھاقارەتلىشىڭىزگە قاراپ تۇرالمايمەن . يەنە كېلىپ ، مەن سىز ئويلىغاندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان ئەخمەقلەردىنمۇ ئەمەس . مەيلى مېنى باشقىلار نېمە دېسۇن ، ئەمما مەن ئۆزەمنى قەدىرلەشنى بىلىمەن . مەيلى مەن نامرات گاداي بۇلاي ، خىزمىتىم يوق ئىشسىز بولساممۇ ، ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ يارىلىپ قېلىشىمدىن ئۈكۈنمەيمەن . ئاللا ئېگەممۇ بىز ئىنسانلارغا ‹‹ يارىتىشىم مېنىڭدىن بولسىمۇ يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن ›› دەپتىكەن . مەن قانداق ئادەم بۇلۇشنى ، نېمىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى پەرىق قىلالايمەن . مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشىممۇ ئىنتايىن ئېنىق ، ئىليار بىلەن ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىز ، مەن قانداقتۇر ئىليارغا تايىنىپ كۈن كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلمىدىم ، ھەم ئۇنىڭ يۈزى تۆكۈلدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمىدىم ، مېنى خاتا چۈشۈنىپ قالغاندەك قىلىسىز ھەدە ؟! — دېدىم كەسكىن قىياپەتتە . — ھىم ، قىلماپتۇمىش ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كىلىپ ، قىلىپ يۇرگەن ئىشىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى تۆككىنىڭ بولماي نېمە ؟ مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ، تېخى مەن بىلەن جاۋاپلىشۋاتقىنىنى بۇنىڭ . سېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭنىڭ كېرىكى يوق ماڭا ، زۇۋانىڭنى يىغىپ ، نەرسە -كېرەكلىرىڭنى يىغۇشتۇرۇپ ، بۇ يەردىن ھازىرلا يوقال ! — ھەدە ، مەنمۇ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايمەن ، ئىليارنىڭمۇ پىراكتىكىسى توشۇدىغان ۋاقتى بولدى . شۇڭا ئىككى كۈن ئىچىدە تۇرغۇدەك جاي تېپىۋالسام ، ئاندىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ كېتىمەن . بۇنىڭغا ماقۇل دېگەن بولسىڭىز . — ۋۇي خېنىم ! ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز ، ھېلى ماۋۇ ئىدارىگە كىرىپ بىرلا يۆتۈلۈپ باقايلا ، پۇت -قۇلۇڭنى يەرگە تەككۈزمەيلا ھەيدىۋېتىدۇ . ئۇنىڭدىن چىرايلىق ۋاقتىدىلا كېتىۋالغىنىڭ ياخشىمىكىن !— ھەدە ، مەن بۇ يەردە تۇرغۇنىمغا ھەق تۆلەيمەن . دەسلەپتە ئىليار مېنى تۇققۇنىم دەپ نەچچە كۈن ياتقانتىم ، كېيىن كۈندە كىرىپ -چىقىدىغان بولغاندىكىن ئىليار ئىدارە رەھبەرلىرىگە دەپ ئايدا 200سوم پۇل تۆلەيدىغان بولغان . شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار . — ۋاي ئۆلەي بالامنىڭ يۈزىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپسەنغۇ جۇۋاينىمەك ! مەيلى خەۋىرى بولسۇن بولمىسۇن ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقالغىنە بىر ! ئىليارنىڭ ئاپىسى تۇرۇپلا كۆنتۇرۇللىقىنى يوقاتقان ئادەمدەك ئالدىمغا ئېتىلىپ كىلىپ مېنى ئىتتەرگىنىچە ياتاقتىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئىشىكنىڭ ئىچىدىن ئېتىۋالدى ، مەن قانچە ‹ھەدە › دەپ ئىشىكنى چېكىشلىرىمگە ، چۈشەندۈرۈشلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى . ئەمما ئۇنىڭئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى مېنى ئەجەپلەندۈرۈپ قويدى . مەن ئىشىك سىرتىدا تامغا يۆلەنگىنىمچە تۇراتتىم . ئىليار ھاسىراپ -ھۆمىدەپ پەلەنپەيدىن چىقىپ كەلدى . — گۈزەلئاي ، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟ — ياق ، ئەمما ئاپىڭىز ئۇ ...— ئاپام ئىچىدىما ؟— ھەئە ، ئەمما بەك يىغلاپ كىتىۋاتىدۇ ، ئاپىڭىزغا بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ بايامتىن بەكلا قورقۇپ كەتتىم ، ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى . مېنىڭ سۇئالىمدىن ئىليارنىڭ چىرايىدىكى جىددىلىك ، ئەندىشىلەر بىر -بىرىگە گېرەلىشىپ ، بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بوش ئاۋازدا ؛— ئەسلىدە ساڭا دېمىگەن ئېدىم ، ئۆتكەندە ئاپام تۇيۇقسىزلا كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى ، ئاپامنىڭ دېيىشىچە بۇنداق ئەھۋال نەچچە مىنۇت داۋاملىشىپلا يەنە ئوڭشۇلۇپ قالىدىكەن . شۇڭا تاغاملار بىلەن تىببى ئىنىستۇت تارمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكەن ، مېڭىسىدە ئۆسمە بار دەپ دىئاگنۇز قويدى . ئوپىرەتسىيە قىلدۇرۇشقا ئاپام قەتئى قوشۇلمىدى . ئۆسمە كۆرۈش نېرۋا تۇمۇرلىرىنى بېسىۋالغاچ ، ئاپامدا ئاشۇنداق بىنورمالسىزلىق كۆرۈلۈپتىكەن . ئەمما يامان يېرى ،مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئۇقۇپ ، مۇشۇ نەچچە كۈن جەريانىدا ، ئاپام تولا يىغلاپ ، ئۆز -ئۆزىنى شاپىلاقدايدىغان ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ، خۇددى نېرۋىسى ئاداشقان كىشىدەك كونتۇرۇللىقىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇدىغان بۇلۇپ قاپتۇ . دادام بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يەنە دوختۇرخانىگە تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىپتىكەن ، ئاپام دادامنىڭ گەپلىرىگە قۇلاقمۇ سالماي ، ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كېلىپتۇ . دادام پەستە قالدى ھازىر ، مەن ئاپامغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئېلىپ چۈشۈپ دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلاي گۈلۈم . ئاپام ساڭا ئىگىز -پەس گەپ -سۆزلەرنى قىلغان بولسا كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمىگىن . بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ نېمە داۋاتقىنىنى بىلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن ،— دېدى ماڭا ئەندىشە ئىچىدە قاراپ . — ھېچقىسى يوق ئىليار ، مەن خاپا بولمۇدۇم . تېزراق ئاپاڭنىڭ يېنىغا كىرگىن . مەنمۇ ئىشقا ماڭاي . كەچتە سېنى باغچىدا ساقلايمەن . خوش ئاللاغا ئامانەت !—ھە ماقۇل ئەمىسە ، كەچتە چوقۇم بارىمەن .ئىليار بىلەن خوشلۇشۇپلا ئالدىراپ پەلەنپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم . چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مېنى كۆرۈپ يەنە چېچىلىپ كېتىشىنى خالىمىغان ئېدىم . ئەمما شۇ 6 قەۋەت بىنادىن چۈشۈپ بولغۇچە ، ئىليارنىڭ تەڭقىستا قېلىۋاتقان چىرايى كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەي ، قەلبىمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چىرماپ ، نەپەسلىرىم خۇددى پەلەنپەيدىن چىقىپ كىتىۋاتقان ئادەمدەك قىسىلىپ ، بىنادىن شۇنچە تەستە چۈشتۈم . بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بۇلۇپ ، ئاسماننى كۈلرەڭ ، قارا بۇلۇتلار قاپلىغان ئېدى . دەرەخلەردىن شامالدا شۇڭۇلدىغان ئاۋاز كېلەتتى . جاھاننى قاپلىغان چاڭ -تۇزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى . يول بويىدىكى ئىگىز سىمۇنت تۆۋرۇككە تارتىلغان توك سىملىرىدىن شامالدا خۇددى ئادەمنىڭ يېغىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش ، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى . بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن ، ئاسماننىڭ قەھرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن ئەتراپقا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم ‹ توۋا › دېدىم ئىچىمدە ‹ ئادەم تەبىئەت بىلەن قوش كېزەك دەپ قايسى بىر كىتاپتىن ئوقۇغۇنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . ماۋۇ ھاۋا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋالدىمۇ قانداق ، بۇنىڭمۇ تازا بىر يىغلىغۇسى كېلىپلا تۇرىدۇغۇ ! تەبىئەت يىغلىسا ، جاھان كۆكىرىپ ، دېھقان ئاتىلارغا خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ، ئەمما مەن يىغلىسامچۇ ؟ ياق ، مەن يىغلىمايمەن ، چوقۇم بېشىمنى تىك تۇتۇپ ، ھاياتقا ئۈمۈتلۈك بېقىپ ياشىشىم كېرەك . بۈگۈن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كەچلىك بازارغا بارماي ، ئالدى بىلەن ئىجارە ئۆي ئىزدەي ، ئەمدى ئىليارنىڭمۇ پىراكتىكىسى توشۇدىغانغا بىر ھەپتىلا ۋاقىت قالدى ، بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكىمۇ بولمايدۇ ، ئۇنى تەڭلىكتە قۇيۇدىغان ئىشنى قىلماي ، ئۆزەمنىڭ جېنىنى ئۆزەم جان ئېتەي › مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىتتىكلا بىكەتكە قاراپ يۈگۈردۈم . سۇ تامچىلىرى بىلەن كۆپجۈگەن قارا بۇلۇت ، غەرب شامىلىنىڭ سۈرۈشى بىلەن ئاستا -ئاستا پەسلەپ يامغۇر تامچىلىرىنى قۇيۇۋەتتى . 13— گۈزەلئاي ھەدە نېمىگە شۇنچە خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىز ، ئىليار ئاكامنى ئويلاپما ؟ ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرغان رىزۋاننىڭ قاچان دۇكانغا كىرگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن ، ئىتتىك ئۆزەمنى ئوڭشاپ ؛— شەيتان قىز ، بۇ يەردىن كېلىشكەن يىگىتلەر ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈپ تۇرسا ، ئۇنى ئويلاپ نېمە قىلاتتىم ،—دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي . — قارىسام خىيالغا پېتىپلا قاپسىز ، غەمكىنلا كۆرۈنىسىز ، ئىليار ئاكام بوزەك قىلمىغاندۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشكە مېنىڭ ئامالىم بار ھەدە !— ۋاي ئۇ مېنى نېمىشقا بوزەك قىلىدىكەن ، ئۇنداق ئىش يوق سىڭلىم ، شۇ سىلەرنىڭمۇ تەتىلىڭلەر توشۇپ قالدى ، شۇڭا مەنمۇ بىرە يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ، ئۇ ياتاقتىن كۆچۈپ چىقسام بۇلاتتى . شۇنىڭ غېمىدە ئولتۇرغانتىم . — شۇ قارىساملا مۇنۇ كۈلۈپلا تۇرۇدىغان چىرايىڭىز بۈگۈن باشقىچە تۇرىدۇ . ئىليار ئاكام بىلەن قانداق مەسلىھەتلەشتىڭىز ؟ ئۆزىڭىز يالغۇز بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالسىڭىز بەك قىممەت توختاپ كېتەرمۇ ؟ — ئىليار بىلەن تېخى بۇ ھەقتە پاراڭلاشمىدىم . ئۇنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدا ، شۇڭا ئۇ بەكلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى . ئىككى كۈن بولدى ئۇنى كۆرمۈدۈم . — ۋاي نېمە دەيدىغانسىز ، بىر بىنادا تۇرۇپمۇ كۆرمۈدۈم دەيسىزغۇ ؟ سىلەرگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ ئىليار ئاكامغۇ شۇنداق مەسئۇلياتچان ئېدى بولمىسا ! ئاپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ -ھە ؟— ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ، نەچچە كۈن ئىلگىرى دوختۇرخانىگە بارسام ، مېنى كۆرۈپلا ياتاقتىكى قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ دوختۇرخانىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋەتتى . شۇڭا مەن ئىككىنچىلەپمۇ بارمىدىم . — ئىليار ئاكامچۇ ، ئۇ نېمە داۋاتىدۇ ؟— نېمە دەيتتى سىڭلىم ، بېشى ساڭگىلاپلا كەتتى . ئۇمۇ بۇنداق بۇلىشىنى خالىمايدۇ-دە ! ئاپىسىغا گەپ قىلاي دېسە يەنە ، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى چۈشۈنىمەن رىزۋان ، شۇڭا ئىلياردىن رەنجىشىم يوق . ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، بۇ ئىشلارنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ . ئاۋال ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتسۇن . شۇڭا ئۇنىڭمۇ كۆزىگە كىرىۋالمىدىم . ئۇنىڭ باش قېتىنچىلىقىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ، شۇڭا ئۆزەم ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزەم ھەل قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلۇدۇم . — توغرا ئويلاپسىز ھەدە ، ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا قايىلمەن . بىر -بىرىڭلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ ، بىر -بىرىڭلارغا ياردەمدە بۇلۇپ كېلىۋاتىسىلەر . بىر -بىرىڭلارغا بولغان ئىشەنچىڭلار سۇزلاپ قالمىسۇن . چوقۇم مىرادىڭلارغا يىتەلەيسىلەر !— رەھمەت سىڭلىم . ھازىرقى ئەڭ چوڭ غېمىم ، بىر ئۆي تېپىش ، نەچچە كۈندىن ئۇيەر -بۇيەرلەردىكى ئوي ئىجارىگە بېرىش ئېلانلىرىغا خېلى يۈگۈرەپمۇ باقتىم . ئەمما مۇۋاپىق ئۆي چىقمىدى ، سىز دېگەندەك يالغۇزلا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالسام ، ھازىرقى بۇ شارايىتىمدا ماڭا راستىنلا ئېغىر كېلىپ قالغۇدەك . نەچچىمىز بىرلىشىپ ئالساق دېسەم ، ھازىرچە ھېچكىم يوقكەن . شۇڭا بېشىمنىڭ ئىچىمۇ -تېشىمۇ قېتىپ كەتتى سىڭلىم . — مۇنداق دەڭ ، مەنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي ، ئەمما كىلەر ھەپتىلا مەكتەپكە قايتىدىغان بولغاچ ، بۈگۈن خۇجايىنىم بىلەن ھېساپ -كېتاپ قىلىشىپ بۇلۇپ ، سىز بىلەن خوشلاشقىلى كېرىشىم ئېدى . شۇنىڭدىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەي ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ھەدە ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ . — ماقۇل سىڭلىم ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ھېلىمۇ سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە مۇشۇنچىلىك كۈنگە ئۇلۇشۋالدىم . بۇ ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمەن . —ۋاي -ۋۇي ھەدە ! يەنە شۇنداق دېسىڭىز خاپا بۇلۇپ قالىمەن جۇمۇ ، ئىليار ئاكام ماڭىمۇ مەكتەپتە جىق ياردەملەرنى قىلغان . بۇ قانچىلىك ئىشتى ، كېيىن پۇلنى جىق تېپىپ باي بولغاندا ، مېنىڭدەك بىر سىڭلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولدى ، كىم بىلىدۇ ، كېيىن شىركەت ئېچىپ كەتسىڭىز ، مەن سىزگە كاتىپ بۇلۇپ ئىشلەمدىم تېخى ! ھى ھى ھى — ھا ھا ھا رىزۋاننىڭ چاقچىقى بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق ، ئالا كۈچۈكلىرىم تاققا چىقىپ كەتتى بولغاي ، كەيپىياتىم كۆتۈرلۈپ ، خېلىلا يىنىكلەپ قالدىم . رىزۋان خوشلۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، مەندىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان خۇجايىنىم سەل ھەيران بولغان ھالدا ؛— نەچچە كۈن بولغان سەن بايامقىدەك كۈلۈپ باقمىغىلى ، بىرە ئىش بولغانمىتى ؟ گەرچە مەن سېنىڭ خۇجايىنىڭ بولساممۇ ، ئەمما ساڭا يىقىندىن ئامراق بۇلۇپ قالدىم ،چۈنكى سەن تولىمۇ تېرىشچان ئىكەنسەن . راستىمنى دېسەم مەن مۇشۇ شىنجاڭدا تۇغۇلغان ، دادام ئاپاملار ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدۇ . تېخى ئۇدۇل خوشنىمىز ئۇيغۇر . بىز شۇنداق ياخشى ئۆتىمىز . سىلەرنىڭ ھېيت -بايراملىرىڭلاردا ئۇلار بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇلار پىشۇرغان گۆش تولىمۇ تەملىك ، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ ئۇلار پىشۇرغاندەك پىشۇرالمايدىكەنمىز ، شۇڭا بەزىدە گۆشنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىمىز ، پىشۇرۇپ بېرىڭلار دەپ ،ئىشقىلىپ يىقىن ئۇرۇق -تۇققانلاردەكلا دېگىنە ! مەن ئۇيغۇرچىنى دادام -ئاپاملاردەك سۆزلىيەلمىسەممۇ ، ئەمما خېلىلا چۈشۈنەلەيمەن . بايامتىن دوستۇڭ بىلەن ئۆي ئىجارىگە ئېلىش توغرۇلۇق پاراڭلاشتىڭ . سېنىڭ قىيىنچىلىقىڭ مېنىڭ قىيىنچىلىقىم . كېم سېنى مېنىڭ دۇكىنىمدا ئىشلىسۇن دەپتۇ ھى ھى . شۇڭا بۇ ئىشتا مەن ساڭا ياردەم قىلاي ، ناۋادا يەر ئاستى ئۆيىكەن دېمىسەڭ ، مېنىڭ ئويۇمنىڭ يەر ئاستى ئۆيىمۇ خېلى چوڭ ، ھەم دېزىسىمۇ بار ، ئۇنچە زەيمۇ ئەمەس . سېنى ئىجارىگە پۇل بەرگىنمۇ دېمەيمەن . كارۋاتتىن بىرنى ئەكىرىپ ، ئانچە -مۇنچە سارامجانلاشتۇرۋالساڭلا بۇلىدۇ . يولدۇشۇم خەۋىرىڭ بار ، يىقىندىن گۇئاڭجۇدىكى شىركەتتە سېتىۋاتقان كىيىملىرىمىزگە ماركا ئالىمەن دەپ ئالدىراش . ھازىرچىمۇ قايتىپ كېلەلمەيدۇ . ئۇ قايتىپ كەلگەن ھالەتتىمۇ قۇرۇنۇپ يۈرمىگىن ، بىز سېنىڭ نەزىرىڭدە خۇجايىن بولغۇنىمىز بىلەن ، پۇل تاپقاندا باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ، قىيىنچىلىققا يۇلۇققانلارغا ياردەم قىلىشنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق . سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر سۆزىڭلار بار ‹‹ سەن بىرنى يۆلىسەڭ ، سېنى مىڭى يۆلەيدۇ ›› دەيدىغان . شۇڭلاشقىمۇ ئىشقىلىپ يىقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى سودىمىز يامان ئەمەس ، كىچىكلىكتىن كېڭىيىپ مانا ئەمدى ئۆز ئالدىمىزغا ماركىمىزمۇ بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ . ناۋادا بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ، كېيىنچە تارماق دۇكانلىرىمىزمۇ بۇلىدۇ دېگىنە . مېنىڭ ساڭا ئىشەنچىم بار ، سەن باشقىلارغا ئوخشۇمايدىكەنسەن . سەندە بىر خىل تالانت بار ، مېنىڭچە سەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى . شۇڭا سەن بوشاشمىغىن ماقۇلمۇ ؟ — دېدى خۇجايىن ماڭا ئۈمۈتلۈك قاراپ . — رەھمەت خۇجايىن ، ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىڭىزدىن تولىمۇ خوشال بولدۇم . ئىلگىرى بوۋام ، مومام ، ئىلياردىن باشقىلار مېنى چۈشەنمەيتتى . مېنىڭمۇ شۇنداق ئۆز ئالدىمغا بىرە ئىش قىلىش ئارزۇلۇرۇم بار ، ئەمما مەندە دەسمايە تۇرماق ، قوسۇقۇمنى توقلىغىدەكمۇ پۇل بولمىغاچ ، مۇشۇ يەردە ئالدى بىلەن ئىشلەپ ئاندىن ئوقۇشنى ئوقۇي دېگەنتىم . ئىليارنى سىزمۇ كۆردىڭىز ، ئۇ ياخشى بالا ، ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى . ئەمدى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئېغىرچىلىقىمنى سالماي دەپ ئويلىدۇم . يەر ئاستى ئۆي بولسا نېمە بوپتۇ ، مەن ئۈچۈن بۇ ئۆي ھازىر خۇددى ھەرەمباغدەك دەڭە . بەك خوش بولدۇم خۇجايىن ، رەھمەت سىزگە ، — دېدىم ھاياجاندىن خۇجايىننىڭ قوللىرىنى سىقىپ تۇرۇپ .— تۈزۈت قىلما گۇلى ( خۇجايىن مېنى شۇنداق دەپلا ئاتايتتى ) ، ناۋادا بۇ قىيىنچىلىقىڭنى ھەل قىلىپ بەرمىسەم ، كەچكىچە ئېڭىكىڭنى يۆلەپ غەمگە چىلىشىپ ئولتۇرساڭ ، ماۋۇ دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلارمۇ كەينىگە يېنىپلا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ زىيان بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ! ھى ھى — ھا ھا ھا ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ بىكا ئېيتماپتىكەن — ھا ھا ھا ...14قاراڭغۇ كېچە ...ئاسماندا نە يۇلتۇز ، نە ئاي يوق . زىمىن بىلەن ئۇپۇق تۇتىشىپ كەتكەن ، ئەتراپ تىمتاس ، تەبىئەت ئېغىر ئۇيقۇدا ...پەقەت مەنلا ئۇيغاق ئېدىم . يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇيقا كېلىدىغاندەك ئەمەس تورۇسقا تىكىلگىنىمچە ياتاتتىم. 8كۇۋادىرات كېلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ مېھرى شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەمما يالغۇزلۇق ، بۇلۇقتۇرمۇلۇق ، سېغىنىش مېنى ئارامىمدا قويمايتتى . ئىليارنىڭ پىراكتىكىسى تۈگەپ ، ئاپىسىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتتى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئاپىسىنى ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەن بىلەن خوشلۇشۇپ مەكتىۋىگە قايتىش ئېدى . ئەپسۇس كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى ، ئىلياردىن ھېچ بىر خەۋەرمۇ يوق ، ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ بارلىق دەرت -ئەلىمىمنى كۆزۈمدىن ئېلىپ ياتاتتىم . توساتتىن ئىشىك چېكىلدى . مەن قورقۇنىمدىن يوتقىنىمنى بېشىمغا پۈركەپ ، ئۇچىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە مىدىر -سىدىر قىلماي ياتتىم . ئىشىك يەنە چېكىلدى ، بۇ چاغدا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ غالىلداپ تىترەشكە باشلىدىم ، ئەمما ئاۋاز چىقىرىشقا قەتئى جۈرئەت قىلالمىدىم . ئىشىك بىر ھازا چىكىلگەندىن كېيىن ؛— گۇلى ، بۇ مەن فاڭ ئاچاڭ ، قورقما ! ئىلياردىن تېلىفۇن كەپتۇ . ئىشىكنى تېزراق ئاچقىن مەن خۇجايىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا يۈرۈكىم ئازراق ئىزىغا چۈشۈپ يۈگۈرۈپ بېرىپلا ئىشىكنى ئاچتىم . ئىشىكتە فاڭ ئاچام ( ئەسلى ئىسمى فاڭشاۋخۇئا ) ئۇخلاش كىيىملىرى بىلەنلا قۇلىدىكى يېڭىدىن ئالغان كىچىك زېرەك تېلفۇنىنى ماڭا تەڭلىگەن ھالدا تۇراتتى . مەن تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئىتتىكلا ئالدىم ؛— ۋەي ، ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! — ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ، گۈزەلئاي ياخشى تۇرغانسەن ؟ — ياخشى ،ئۆزەڭچۇ ؟ ئاپاڭنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ — مەنمۇ ياخشى ، ئەمما ئاپامنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار ، شۇڭا مەكتەپكىمۇ كېچىكىپ بارىدىغان بولدۇم . — ناچار دەيسەنغۇ ، ماڭغىچە خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالدى دېگەنتىڭغۇ ؟— شۇنداق ئېدى ، ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگەن كۈنى كېچىدە يىقىلىپ كېتىپ ھازىر بىر تەرىپى تۇتماس بۇلۇپ قالدى . يەنە كېلىپ مەن يېنىدىن بىر قەدەم ئايرىلسام ، يىغلاپ ۋاقىراپ ، مېنى ھېچيەرگە ماڭغىلى قويمايدۇ . بىر دەم كۈلۈپ ، بىر دەم يىغلايدۇ . ئاپامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ تۈگۈشۈپلا كەتتىم . شۇڭا ساڭا ۋاقتىدا خەۋەرمۇ بېرەلمىدىم . تېخى بايام ئۇخلىغان ئېدى ، ئاستا ئۆيدىن چىقىپ ، دوقمۇشتىكى دۇكاندارنى ئۇيغۇتۇپ تېلىفۇن قىلىشىم . ئۆزەڭنى ئاسرىغىن ، مەن كىرىپ كېتەي ، ئاپام ئۇيغۇنىپ يوقلىغىمنى كۆرسە يەنە غەلۋە قىلىپ كەتمىسۇن . خوش گۈلۈم !— ماقۇل ، ئەمىسە سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاسرىغىن ، خوش ! ئىليار تېلىفۇننى ئىتتىكلا قۇيۇۋەتتى ،ئۇنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن ئاپىسىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . مەن تېلىفۇننى قۇيغاچ ‹‹ ئاللا ئېگەم ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن ›› دەپ ئۆز -ئۆزەمگە پىچىرلىدىم . ۋاقىت بەيگە ئاتلىرىدەك چېپىپ ،ھەش -پەش دېگىچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، ئىلياردىن شۇ كەلگەن تېلىفۇندىن باشقا ھېچقانداق خەۋەر كەلمىدى . ئەمما باشقىلاردىن ئۇنىڭ مەكتەپكىمۇ بارمىغانلىقىنى ، ئاپىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم . ئۇنىڭ بۇ ۋاپادارلىقىدىن سۆيۈنگەن قەلبىم ، ئۇنى سېغىنغان چاغلىرىمدا ئۆزلىگىدىن پەسكويغا چۈشەتتى . مەنمۇ دۇكاندىن يانسام ، كەچلىك بازارغا ، ئۇ يەردىن يانسام ئۆيدىكى كىتاپقا ئالدىراپ كۈنلەرنىڭ قانداق كەچ بۇلۇپ كېتىۋاتقىنىنى سەزمەيلا قالدىم . ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى 9-ئاي كېرىشى بىلەنلا سوۋۇشقا باشلىغاچ ، كەچلىك بازار ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئېدى . شۇڭا كىتاپخانىگە بېرىپ بىر قانچە تىل ئۆگۈنىشكە ئائىت كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ، كەچتە شۇلار بىلەن دوست بۇلۇپ مۇڭدۇشۇپ ، يالغۇزلۇققىمۇ كۈنۈپ قالغان ئېدىم . بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك دۇكاندىن يېنىپ ، مالىيە ئىقتىسات ئىنىستوتىغا بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم ، چۈنكى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ يەردىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچى قىزلار ماڭا ئالماقچى بولغان ماللىرىنى بويرۇتۇپ قويغان ئېدى ، ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇ ماللارنى ئېلىپ ، ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىشىم ئېدى . ئۇ يەرگە بارغىنىمدا ئۇلارمۇ دەل ياتىقىدا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مەن ئۇلار بىلەن سودامنى قىلىشىپ بۇلۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ياتاققا بىر قىز كىرىپ كەلدى ۋە ؛— ئالىيە ، ئىقتىسات باشقۇرۇش كىتاپىڭنى بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن ، ئۆزەمنىڭكىنى تاپالماي قالدىم ، — دېدى جىددىلا قىلىپ . — ماقۇل ، مانا ، ئەمما ئەتە قايتۇرۇپ بېرىسەن جۇمۇ ،— دېدى ئاق سېرىق ، چىرايىدىن كۈلكە يىغىپلا تۇرىدىغان ئۇزۇن چاچ قىز . — بۇلىدۇ ، ئەمما تاپالماي قالسام ، نەدىنمۇ ئالارمەن بۇنى ؟— ۋاي كىتاپخانىگە كىرسەڭ بار چوقۇم . —شۇنداق بولسىدى ئىلاھىم ! بۇ كىتاپنى ياخشى ئۆگىنىپ ، كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىمغا شىركەت ئاچاي دەپ ئويلاپتىكەنمەن تۈنۈگۈنلا ، بۈگۈن قېرىشقاندەكلا يۈتۈپ كەتكىنىنى دېگىنە !— ھا ھا ھا ، مۇشۇ كىتاپنى ئۆگەنگەنلەر شىركەت ئاچىدىغان ئىش بولسا ، مەن يەپلېۋىتەي ئەمىسە ! — ھا ھا ھا ... شىركەت ئاچىمەن دېسەڭ ، ماۋۇ بەش يىللىق كىتاپنى ھەممىنى يېۋەتسەڭ ، ئاندىن تۇلۇق قۇراللانغان شىركەت خادىمىغا ئايلىنارسەن . لېكىن قۇرۇقلا يېسەڭ پاي قىلمايدۇ ، چوقۇم ئۇنىڭغا لازا -ئاچچىقسۇ ، سەي -پەيلەرنى قوشۇپ يىمىسەڭ ، گېلىڭدە تۇرۇپ قالىدۇ بىكا ،— دەپ چاخچاق قىلدى يەنە بىر بۇغداي ئۆڭ كەلگەن پاكارغىنە سېمىز بىر قىز . — ھا ھا ھا ...مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، كاللامدا توساتتىنلا ئىقساتقا ئائىت كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى . ۋە ئۇلار بىلەن ئالدىراپلا خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم . قىزلار ياتىقىدىن چىقىپ ، ئالدىراپ غەربى شىمال يولىدىكى كىتاپخانىگە كىرىش ئۈچۈن 2-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئولتاردىم ، كۆڭلۈم تېنىگەچكىمۇ ئاپتۇۋۇز بەكلا ئاستا كىتىۋاتقاندەك بىلىنەتى . كاللامدا بولسا بۇندىن كېيىن سودىنىمۇ قىلىش بىلەن كەچلىكى كىتاپ كۆرۈپ ، ئوقۇغىدەك ئىقسات توپلىغۇچە ، ئانچە -مۇنچە بولسىمۇ ساۋاتقا ئېرىشىپ ،كۆزۈمنى ئاچقاچ تۇراي دېگەن خىيال ، مېنى تېزراق كىتاپ سېتىۋېلىشقا ئۈندەيتتى . مانا كىتاپخانىنىڭ ئالدىغىمۇ كەلدىم ، ئەمما ‹ ئىشتىن چۈشىمىز ، ئەتەكېلىڭ › دەپ ، مېنى ئىشكتىن كىرگىلى قويمىدى . ‹ بىردەمدىلا چىقىمەن › دەپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم ، ئەمما كار قىلمىدى . ئاخىرى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ياتاققا قايتىپ كەلدىم . كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقا كېلەيمۇ دېمىدى ، بۇ يات ، بىرە ئۇرۇق -تۇققىنىممۇ يوق بولغان شەھەردە كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تولا ئويلاپ ،ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلاپ چىقتىم . سەھەردىكى بىنادىن چۈشۈۋاتقان ئۈپۇر -تۈپۈر ئاياق تېۋىشلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئىشقا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئالدىراپ كىيىنىپ كىتاپخانىگە قاراپ يولغا چىقتىم ، چۈنكى دۇكانغا بېرىشتىن بۇرۇن كىتاپنى سېتىۋېلىشنى كېچىچە ئويلاپ قويغان ئېدىم . تەلىيىمگە كىتاپخانىگىمۇ بىردەمدىلا باردىم ھەم ئىگىلىك تىكلەش ، ئىقسات باشقۇرۇشقا ئائىت كىتاپلاردىن سېتىۋېلىپ دۇكانغا قاراپ ئالدىراپ چاپتىم . دۇكاندا بۈگۈن خېرىدارلار ئادەتتىكىدەك كۆپ ئېدى ، مەن بۈگۈنكى ئىشلىرىمنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولغانلىقىدىنمۇ ياكى كېچىچە ئۆزەمگە ئۆزەم مەدەت بېرىپ ، چوقۇم تېرىشىپ ، ئارزۇيۈم ئۈچۈن ،ئىليار ئۈچۈن جاپادىن قوقماي ياشايمەن دېگەن ئوي خىياللىرىمنىڭ تۈرتكىسىدىنمۇ ئىشقىلىپ ئۆزەمنى شۇنداق يىنىك ھەم تېتىك ھېس قىلاتتىم . خۇجايىنىممۇ مەندىكى بۇ چاققانلىقتىن مەمنۇن بولغاندەك ماڭا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قۇياتتى . مال ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلارغا مال سەپلەش ، خاتىرە قالدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كۈننىڭ كەچ بولغۇنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ، بىر چاغدا خۇجايىننىڭ ئىشتىن چۈشۈمىز دېگىنىنى ئاڭلاپ ، سائەتكە قارىسام سائەت راسلا تۆتتىن ئاشقان ئىكەن ، نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇراتتىم ، خۇجايىن ؛— گۇلى قارىغىنە كېم كەپتۇ ؟ ،— دەپ ماڭا ئىشىكنى ئىشەرەت قىلدى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا تۇرغان ئىليارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ بۇرۇنقىدىن ئۇرۇقداپ ، قارداپ كەتكەن بۇلۇپ ، نۇر يېغىپ تۇردىغان كۆزلىرى سەل ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئېدى . ئۇنى كۆرۈپ تاسلا قالدىم خوشاللىقىمدا پاڭڭىدە يىغلىۋەتكىلى ، ئەمما خۇجايىننىڭ ئالدىدا يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تېرىشىپ ؛— قاچان كەلگەنتىڭ ؟ ،- دېدىم پەس ئاۋازدا ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي . — كەلگىلى ئىككى سائەت بولدى ، ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟ سەندىن بەكلا ئەنسىردىم گۈلۈم ...— خۇداغا شۈكرى ، ئىككى سائەتتىن ياقى نەدە يۈردىڭ ، ئەمدى كەپسەنغۇ ،-دېدىم سەل نازلىنىپ باتناپ .— ساڭا قاراپ تۇرغىلى ئىككى سائەت بولدى ، ئەمما سەن بۇنى سەزمىدىڭ . خۇجايىنىڭ مېنى ئاللىبۇرۇن كۆرگەن ئېدى ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ساڭا دېمەي تۇرغۇن دەپ گەپ قىلغىلى قويمىدىم .— نېمىشقا ئەمدى ، خەپ جۇما ئەسكى ! مەن يالغاندىن باتنىغاندەك قىياپەتتە ئۇنىڭغا ھومۇيۇپ قارىدىم ، بۇ چاغدا ئىليار بىلەن خۇجايىن ئىككىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى . مەن بۇ قىلىقىمدىن سەل خىجىل بۇلۇپ ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك تىرنىقىمنى تاتلاپ يەر تېگىدىن خۇجايىنغا قارىدىم . خۇجايىن ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ؛— ھە گۇلى بولدى خاپا بولمىغىن ، ئىليار سېنى دۇكاننىڭ سېرتىدىن كۈزۈتۈپ تۇرغىلى ئىككى سائەت بولدى ، ئۇ سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى كۆرۈپ باققۇسى باركەن . شۇڭا مەنمۇ ساڭا گەپ قىلمىدىم . سەن سودىغا بېشىڭچىلەپلا كىرىپ كەتكەن تۇرساڭ ، ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئاشىقىڭغا قارايدىغان نەدىكى چولاڭ بولسۇن ھا ھا ھا !خۇجايىننىڭ كۈلكىسى بىلەن مەنمۇ ،ئىليارمۇ تەڭلا كۈلۈپ كېتىشتۇق . توۋا ، مۇھەببەت دېگەن شۇنداقمۇ ، قەلىپلەردىكى تۈگۈن ، يېتىرقاشلار بىردەمدىلا ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن يېشىلىپ ، ئىسسىق سېزىم دىللارنى ئىللىتىپ ،كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن . خۇجايىنىمنىڭ چېھرىسىدىكى ئىللىق تەبەسسۇمدىنمۇ ،بوۋام -موماملارنى كۆرگەندەكلا تەسىراتقا كېلىپ قالدىم . كۈلكىسىنى توختاتقان خۇجايىنىم ؛— گۈلى ، ئىليارمۇ ھېرىپ -ئېچىپ كەلدى . بۈگۈن سېلەرنى مەن مىھمان قىلاي ،— دېدى خۇددى ئەركەكلەردەك مەيدىسىگە قۇلىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ . — رەھمەت خۇجايىن ، كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى ، بىز سىزنى مېھمان قىلايلى ،-دېدى ئىليارمۇ بوش كەلمەي . — ھوي بالاڭزا ، ئېشىپ -تېشىپ تۇرغان پۇلۇڭ بولسا گۇلىغا بەرگىن ، ياكى بولمىسا ئوقۇشىڭغا ئىشلەتكىن . مەن دېگەن خۇجايىن ، پۇل دېگەننى خەجلەيدىغان يەردە خەجلەيمىز . گۇلى بەك ئوبدان قىز ، سۇدىغىمۇ خېلىلا پىشىپ قالدى ، ئۇنى ئۆز قىزىمدەكلا كۆرۈمەن . شۇنداق بولغان يەردە سېنىمۇ ئەلۋەتتە كۈيئوغلۇم ئورنىدا كۆرىشىم كېرەكتە ھى ھى ھى شۇنداقمۇ گۈلى ،- دېدى مۇرەمگە شاپىلاقداپ تۇرۇپ .مەن سەل خىجىللىق ئىچىدە خۇجايىنغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم . ئىليارمۇ ‹ رەھمەت ، رەھمەت › دەپ خۇجايىنغا تەكەللۇپ قىلدى . خۇجايىن ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي بىزنى بىر پوزۇر بېزەلگەن ئۇيغۇرلار ئاشخانىسىگە باشلاپ كىردى ،ھەم بولدى دېگەنگە ئۇنىماي بىرمۇنچە قورىمىلارنى بويرۇتتى . جوزىدىكى مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئېسىل تائاملارغا چوكا سېلىشتىنمۇ ئەيمىنىپ ئولتۇراتتىم ، خۇجايىنىم بۇنى چۈشەندى بولغاي ؛— ھە قېنى ئېلىڭلار ، تارتىنماي يەڭلا . مېنى بۇ يەردە خۇجايىن ئورنىدا كۆرمەي يىقىن تۇققىنىم دەپ كۆرسەڭلارلا بۇلىدۇ . مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە دەيدىغان گېپىم بار . ئالدى بىلەن تاماق يەڭلار ئاندىن دەيمەن . خۇجايىننىڭ بۇ گېپىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشىپ ، بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق . تاماقمۇ يىيىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە خۇجايىن ؛— بۈگۈن مۇشۇ ۋاقىت مۇشۇ چاغلاردا ئىككىڭلارنى يالغۇز قويسام ، ئاراڭلارغا قىسىلۋالمىسام ياخشى بۇلاتتى . ئەمما سىلەرگە دېمىسەم بولمايدىغان گەپلىرىم بار . مېنىڭچە بۇ گەپلىرىم سىلەرگە پايدىلىق دەپ قارايمەن . گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي ئۇدۇللا دەي ، ئىليار گۈزەلئاينى ھەقىقىي ياخشى كۆرەمسەن ؟ ئۇنى بەختلىق قىلالايدىغانغا ئىشەنچىڭ بارمۇ ؟ گۈزەلئاي سېنىڭچۇ ؟خۇجايىننىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن ، ھەيرانلىق ئىچىدە ئىليارغا قارىدىم ، ئىليارمۇ سەل تاسادىبىلىق ھېس قىلدى بولغاي ماڭا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن ؛— فاڭ ئاچا ، بىز بىر-بىرمىزنى ياخشى كۆرگەچكە يۇرتنى تاشلاپ گۈزەلئايمۇ مۇشۇ يات بىر شەھەردە يۈرىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭ مېنى دەپ قىلغان بۇ قارارىدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن . ئەمما ئۇنى جاپادا قويغىنىمدىن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن . لېكىن سىزنىڭدەك بىر ياخشى خۇجايىننىڭ قۇلىدا ئىشلەپ قالغىنى ھەر ئىككىمىزنىڭ تەلىيى ، ئالدى بىلەن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ئاندىن قالسا گۈزەلئايغا رەھمەت . ئۇنىڭ مېنى قوللاپ ،توغرا چۈشەنگەنلىكىگە رەھمەت . ناۋادا ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا قىز بولغان بولسا ، مۇشۇنداق بىر نەچچە ۋاقىت ئۈنتىنسىز يوقاپ كېتىپ ، قايتىپ كەلسەم بەلكىم يۈزۈمگە قارىمىغان بۇلاتتى ،— دېدى كەسكىن قىياپەتتە . خۇجايىن ئىليارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن ماڭا قارىدى ، ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن ‹ سېنىڭ پىكرىڭنىمۇ ئاڭلاپ باقاي › دېگىنى چىقىپ تۇراتتى . شۇڭا مەنمۇ تارتىنماستىنلا ؛— مەن بىر يىتىم قىز ، ئاتا -ئانامنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ ، ئەمما مۇشۇنچىلىك بولغۇچە بوۋام ، مومام ، ئىليار ،مەمەت بوۋاملارنىڭ غەمخۇرلىقىدا چوڭ بولدۇم ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ھېچنىمەم قالمىغاندىمۇ ئىليار ماڭا يار -يۈلەك بولدى ، مانا ئەمدىلىكتە سىزدەك ياخشى خۇجايىننىڭ قۇلىدا ئىشلەپ قالدىم ، بەلكىم بۇمۇ ئاللا ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ، ئىليارنىڭ ئۆيىگە كىلىشمەسلىك كەلگەندە مەن بۇنى توغرا چۈشەنمىسەم بولماس ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ئەيىپلەپ كىلىۋاتسام ، ئىليار سەن نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن . مەن ساڭا دېگەن ، پەقەت سەنلا بولساڭ ، مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن . تەغدىر ھازىر بىزنى سىناۋاتىدۇ ئىليار ،- دېدىم ئىليارغا ئۈمۈتلۈك كۆزلىرىمنى تىكىپ تۇرۇپ . فاڭ ئاچام ھەر ئىككىمىزنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن خۇددى سوتچى خادىم سوتنىڭ نەتىنجىسىنى ئېلان قىلغاندەكلا ( كىنولاردىن كۆرۈۋالغان ئېدىم بۇنى ) ھەر ئىككىمىزگە كەسكىن قىياپەتتە ؛— چۈشەندىم ، ئىككىڭلارنىڭ بىر -بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلار چىڭ ئىكەن . ئەمما بۈگۈنكى گېپىمنىڭ مېغىزلىق يېرى شۇكى ، ھەرقانداق بىر ئىش ۋاقتى -سائىتى توشقاندا بولغىنى ياخشى . شۇڭا ھەرقانداق ئىشقا ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئۈمۈر بۆيى پۇشايماندا قالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار . گۈلىدىن ئاڭلىسام ئىليار ، ئاپاڭ ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدىكەن ، ھەم كېسەلچان بۇلۇپ قالدى دەيدۇ ، ھازىر ئەھۋالى قانداقراق ؟— ھازىر خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى ، بىر يىقىلغان بىلەن يېرىم پالاچ بۇلۇپ قالغان ئېدى ، دوختۇرلار كۆپ ھەركەت قىلىپ بەرسۇن دەپتى ، شۇ بويىچە ھەركەت قىلىپ ، ھازىر ماڭالايدىغان بولدى ، قان بېسىمىمۇ ، كەيپىياتىمۇ نورماللاشتى ، . شۇڭا مەنمۇ مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن كەلدىم . ئەمدى قايتمىسام مەكتەپتىن مەكتەپ پۈتتۈرۈش كىنىشكەمنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قويغۇدەك . — ھە مۇنداق دېگىن . ئەمىسە ياخشى بوپتۇ ، مەكتىۋىڭمۇ پۈتۈشكە ئاز قالدى . مەكتەپ پۈتكەندىن كېيىن مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قالىسەنغۇ دەيمەن . گۈلىدىن ئەنسىرمىگىن . ھېلى بېرىپ كۆرۈسەن ئۇنىڭ چىرايلىق ھۆجۇرسىنى . گۈلى ھەقىقەتەن تېرىشچان ئىكەن ، قارىمامسەن ئۇنىڭ سومكىسىدىكى كىتاپلارنى . بىكار ۋاقتى بولسىلا كىتاپ كۆرىدۇ . يەنە كىلىپ مەن بىر تارماق دۇكان ئاچايمىكىن دەپ ئويلاشقان . ناۋادا بۇ خىيالىم ئەمەلگە ئېشىپلا قالسا ، ئۇنى شۇ دۇكانغا مەسئۇل قىلىپ قۇيۇمەن . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كۆزى پىشسا ، كېيىنچە دۇكان ئايرىپ خۇجايىن بۇلۇپ كېتىدۇ دېگىنە . شۇ چاغدا ئويدىكىلىرىڭمۇ توي ئىشىڭلارغا قوشۇلماي قالماس . لېكىن يەنە دېسەم يەنە شۇ ، مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرمەڭلار . ھازىرقى ياشلاردا شۇنداق كېسەل بەكلا ئېغىر ، ئازراق ئۆتكەللەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئايرىلىپ كېتىپ ئۆمۈر بويى پۇشايماندا ياشايدۇ . ‹‹كېيىنكى پۇشمان ئۆزگە دۇشمان ›› دېگەن گەپ بار .شۇڭا سىلەرنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىڭلەرنىڭ خوشال ئۆتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . بەلكىم ئىككىڭلار ھەيران قېلىۋاتىسىلەر ، بۇ فاڭ خۇجايىنغا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ دەپ . گەرچە مەن خەنزۇ بولساممۇ ، بىزنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشىلىققا ياخشىلىق يانىدۇ دەيدىغان گەپ بار . يەنە كېلىپ گۈلىنىڭ تېرىشچانلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى ، ئۇ دۇكىنىمغا كىرگەندىن بويان سوداممۇ بىر ھەسسە كۆپەيدى . پايدىنى كۆرۈپ شۇنداق قىلىۋاتقىنىم يوق ، ئۇنىڭدەك بىر ياقا -يۇرتتىن كەلگەن بىر قىزنىڭ ئۈرۈمچىگە سىڭىپ كېتىشى ئاسان ، ئەمما قانداق سىڭىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق . گۈلى قاراپ باقسام تېرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم بىر چوڭ سودىگەر بۇلۇپ سىڭىپ كېتىدۇ .بۇنىڭغا كۆزۈم يەتكەنلىكتىن ، سىلەرگە ياردەم قىلغۇم كەلدى . باشقا مەقسىدىم يوق . ‹‹گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تۇنىمىساڭ نېمە پايدا ›› دەيدىغان سىلەرنىڭ بىر ماقال -تەمسىلىڭلارمۇ بار . شۇنىڭدەك مەن ئۇنىڭ بۇنداقلا توپىغان كۆمىلىپ قېلىشىنى خالىمىدىم . ئەمما بۇنىڭغا سەنمۇ ياردەم قىلمىساڭ بولمايدۇ ئىليار ، سەن دېگەن گۈلىنىڭ يۈرەك دورىسى ھى ھى ھى فاڭ ئاچامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە ياشلار كىلىپ كەتتى ، كۆز ياشلىرىمنى كۈلكۈمگە يۈشۈرۈپمۇ يۇشۇرۇپ ئالالمىدىم . مەندەك بىر يىتىم قىزغا ئاتىدارچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ئايالغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى . — رەھمەت فاڭ ئاچا ،— دېدى ئىليارمۇ ھاياجاندىن - سىز بىزگە بەكلا چوڭ ياردەمدە بولدۇڭىز ، ئەينى چاغدا سىز گۈزەلئاينى دۇكىنىڭىزغا ئالمىغان بولسىڭىز ، ھازىر بىز نەلەردە تەمتىرەپ يۈرەتتۇق بۇنى بىر ئاللا ئېگەم بىلىدۇ . شۇنداقلا مەن يوق چاغلاردا ئۇنىڭ ياتاق مەسىلسىنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىپسىز . بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمىز . مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەم ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە قالماقچى بولغانتىم ، بۇ گەپنىمۇ ھازىرلا دەي . لېكىن ئاپامنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ ، شۇ يەردە خىزمەت قىلغاچ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايمىكىن دەپ ئويلاشتىم ، بۇنىڭغا گۈزەلئاي سەن قانداق قارايسەن ؟ فاڭ ئاچا بۇ قارارىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلەلمەي قالدىم ، گۈزەلئاينى دېسەم ئۈرۈمچىدە قالغىم بار ، ئاپامنى دېسەم يۇرتقا كەتكىم بار . بېشىم قېتىپلا كەتتى بۇ ئىشقا . لېكىن يۇرتقا قايتقان ھالەتتىمۇ گۈزەلئاي سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايمەن . بۇنىڭغا ماڭا يۈز پىرسەنت ئىشەنسەڭ بۇلىدۇ .ئىليارنىڭ بۇ سۆزىگە دەماللىققا بىر نېمە دىيەلمىدىم . بۇ چاغدا فاڭ ئاچام باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ؛— يارايسەن ئىليار ، ئوغۇل بالا دېگەن ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلىشى كېرەك .‹‹ ئاتاڭ رازى خۇدا رازى ›› دەپ ،ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالالىغان ئەر ئايالىنىمۇ رازى قىلىشنى بىلىدۇ دەيدۇ . مەيلى سەن نەدىلا خىزمەت قىلغىن ، بىر -بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلار چىڭ ، مۇستەھكەم بولسا ، بىر -بىرىڭلارغا ئىشەنسەڭلار ، ئاراڭلاردىكى ئارىلىق يىراق بىلىنمەيدۇ . ئەمما مېنىڭ تەكلىۋىم ، سەن يۇرتۇڭغا قايتساڭمۇ قايتقىن ، گۈلى يەنىلا مۇشۇ يەردە ئىشلەپ ، ئىگىلىك تىكلەپ بولغاندىن كېيىن قايتسۇن ، شۇ چاققىچە ئىككىڭلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ بولسا ، كىيىن چوقۇم توي قىلىپ ،بەختلىك بۇلالايسىلەر ،— دېدى قەتئىلىك بىلەن . مەن فاڭ ئاچامنىڭ سۆزلىرىدىن سەل تېتىكلىشىپ قالغان بولساممۇ ئەمما قەلبىمنى بىر خىل قورقۇش ، ئەنسىرەش ئېگىلەپ چىرايىمغا تەپمەكتە ئېدى . بۇ ئەندىشەمنى يەنىلا فاڭ ئاچام سېزىۋالدى ۋە ؛— گۈلى ، ئەنسىرمىگىن ، بۇ يەردىكى ئىشلىرىڭغا مەن بار ، بايام دېگەندەك ساڭا چوقۇم ياردەم قىلىمەن . ئەمدى ئىليار بىلەن بولغان ئىشىڭلارغا كەلسەم ، يۈرۈكىڭنى تۇتۇپ بېقىپ ئۆزەڭگە جاۋاپ بەرگىن بۇلامدۇ ؟ ناۋادا ئىليارنى ئۈرۈمچىدە قال دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ كېيىنچە ئالىمادىس بىرە ئىش يۈز بېرىپ قالسا ، ئىليارنىڭ ئالدىدا ئۆزەڭنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ بىر ئۆمۈر ئۆزەڭنى ئەيىپلەپ ئۆتىسەن . ناۋادا ئىليار دېگەندەك ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى مۇشۇ شارائىتتا يۇرتۇڭغا كەتسەڭ ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى چوقۇم ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدۇ . بۇ چاغدا ھەر ئىككىڭلار ئازاپتا قالىسىلەر . شۇڭا كىيىنكى كۈنلىرىڭلارنىڭ خوشال ئۆتىشى ئۈچۈن سەن ھازىرچە قۇربانلىق بەرگىن ، ئىليار سېنى ساقلىسۇن . سەنمۇ ئۇنى ساقلىغىن . قانچە يىل ساقلاشقا توغرا كەلسىمۇ چوقۇم بۇ كۈنلەرنى يېڭىشىڭلار كېرەك ، ئاسان قولغا كەلگەن بەخت ئاسانلا توزۇپ كېتەمىش ، شۇڭا بىر -بىرىڭلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشۈپ ، مىرات -مەقسەتلىرىڭلارغا يېتىمىز دەيدىكەنسىلەر ، بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭلار كېرەك . مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن چوقۇم بۇنى قىلالايسىلەر ! ھەقىقي ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك دوزاق ئوتىمۇ كۈيۈك ئۆتىنىڭ ئۇچقۇنىچىلىك بىلىنمەيدۇ ، كۈيۈك ئازابى شۇنچە دەھشەت بولسىمۇ ، خۇددى پەرۋانە يالقۇندا كۆيۈپ ۋىسال تاپقىنىدەك ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن لەززەت بىلىنىدۇ ... فاڭ ئاچام بۇ سۆزلەرنى شۇنداق ئۇرغۇلۇق ئاۋازدا سۆزلىدى ، مەن ئىليارغا قارىدىم ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى ، فاڭ ئاچامدەك ھېچقانداق بىر قانداشلىق مۇناسىۋىرتىمىزمۇ يوق ئايالنىڭ بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك كۈچەپ ، خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلغاندەك گەپلەرنى قىلىشىنى ھەر ئىككىمىز ھەتتا چۈشۈمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق . كىتاپلاردىن دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەل دېسە ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمىگەنتىم . مانا بۈگۈنكى فاڭ ئاچامنىڭ بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ، ئەقلىمىزنى جۆرۈپ يول كۆرسىتىشلىرىدىن ، ئەسلىدە دۇنيادىكى مېھرى -مۇھەببەتنىڭ ياتلارنى تۇققان ، يىراقنى يىقىن قېلىدىغان سېھرى كۈچىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى بۇلۇپ ھېس قىلىشقا باشلىدىم . بەدەنلىرىم ھاياجاندىن تىترەپ ، ئالدىمدىكى بۇ ئايالغا نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنىمۇ بىلمەي قالدىم . بۇ چاغدا ئىليار يۈگۈرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ فاڭ ئاچامنىڭ قۇلىنى چىڭ چىقىپ تۇرۇپ ؛— رەھمەت ، بىزنى ئۆزبالىڭىزنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ، بىزگە يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت . بىز چوقۇم سىزنى نائۈمۈتتە قويمايمىز ، چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىمىز ، شۇنداققۇ گۈزەلئاي ؟— شۇنداق فاڭ ئاچا ، كىيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بەختلىك بۇلىشى ئۈچۈن ، مەن چوقۇم تېرىشىمەن ، ھەم ئىليار سېنىڭ تاللىشىڭنىمۇ قوللايمەن ،ئوقۇشۇڭ تاماملانغاندا يۇرتقا قايتىمەن دېسەڭ مەيلى ، مەندىن ئەنسىرمىگىن . فاڭ ئاچامنىڭ ئەمدى پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان . مېنى كەت دەپمۇ كەتكۈزەلمەيدۇ شۇنداقمۇ فاڭ ئاچا ؟— ھى ھى ھى ، مانا ئەمدى مېنىڭ قىزىمدەك گەپ قىلدىڭ گۈلى . بولدى ئەمىسە گەپ مۇشۇنداق بولسۇن ، بۈگۈندىن باشلاپ گۈلى مېنىڭ تۇتۇق قىزىم ، ئىليار سەن ئۇنى بوزەك قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلمىغىن ، كېيىن توي قىلغاندا ئۇنى مېنىڭ ئۆيىمدىن كۆچۈرۈپ ماڭىسەن ! — ھا ھا ھا ، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەندە فاڭ ئاچا، ئەمىسە گۈلىنى سىزگە تاپشۇردۇم ، شۇنداق قىلسام مەنمۇ خاتىرجەم مەكتىۋىمگە ماڭىمەن . رەھمەت سىزگە ، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنتىمايمەن ! — بولدى بولدى ، تەكەللۇپلىرىڭ كېرەك ئەمەس ، ماڭا كېرىكى سېنىڭ گۈلىنى بەختلىك قىلىشىڭ . ئەمما بەخت دېگەن نەرسىنى كوچىدىن تېرىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئۆزەڭلارنىڭ تېرىشچانلىقىغا باغلىق . سېلەر تېخى كىچىك ، توي قىلىشقا ئالدىرمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ . بۇ يېشىڭلاردا سىلەرگە مۇھىمى ئوقۇش ، بىلىم ئېلىش ! بىلىم دېگەن ئادەمنىڭ كۈچ قۇۋىتىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدىغان خورىماس ئېنىرگىيە ، ئادەم بۇ ئېنىرگىيەنى قانچە كۆپ قۇبۇل قىلسا شۇنچە تاكامۇللىشىدۇ . شۇڭا سىلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپەڭلەر بىلىم بىلەن قوساقنى تولدۇرۇش . گۈلىگىمۇ ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمەن . شۇندىلا ئۇمۇ سودىنىڭ ئۇجۇر -بۇجۇرلىرىنى تېخىمۇ تۇلۇق چۈشۈنىپ يىتىدۇ . ئەمىليەت بىلەن نەزىريەنى بىرگە ئېلىپ بارسا ، ئاز ۋاقىتتىلا ئۇمۇ داڭدار سودىگەرگە ئايلىنالايدۇ . بولدى تولا نەزىريە سۆزلەپ كەتتىم ، ئەمدى مەن ئۆيگە قايتاي ، سىلەرگە ئازراق ۋاقىت بېرەي ھى ھى ھى ، گۈلى كەچتە ئۆيگە چىقىپ ياتقىن ، ئۆزەم يالغۇز ئۆ