ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھەقىقەتنىڭ بىر يۈزى سەپسەتە.
موھتاجلىقتا بەرگەن ياردەم توقلۇقتا قىلغان پادىشاھنىڭ شاپائىتىدىن ئۇلۇغ.
توي مۇھەببەتنىڭ بۇيۇملاشتۇرۇلۇشى. كۆكرىكىدىن ئوق تەگكەن جەننىتى، ئارقىدىن ئوق تەگكەن دوۋزىقى.
ھەربىر تال بىخ ئۇرۇۋاتقان ئۇرۇق كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى.
ھىيلىگەر ئايال باتۇرنىڭ قىلىچىنى ئىگەلەيدۇ.
سودىگەرنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغىنى پۇل، ئاشلىقلارنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان كۆڭۈل.
سېنىڭ ئالتۇن قەدەھتە كۆتۈرگەن شارابىڭ مېنىڭ كۆز يېشىم.
دۈشمىنى يوق ئادەمنىڭ ئوخشاشلا ھەقىقىي دوستىمۇ يوق.
ئەر-ئاياللارنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۆز بەختسىزلىكىنىڭ يازما خاتىرىسى.
ئۆزۈڭ ھەقىقىي سۆيگەن كەسىپ بىر جۈپ قاناتقا ئوخشايدۇ، ئۇ سېنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرالايدۇ.