تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
رېزىنكىدىن ياسالغان بۇيۇملارغا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلارنىڭ سوسكا قاتارلىق رېزىنكىدا ياسالغان بۇيۇملارنىڭ تەركىبىدىكى بىرخىل خىمىيىۋى بىرىكمىنىڭ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، رېزىنكە ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئىشلىتىلىدىغان رېزىنكە گۈڭگۈرتلەشتۈرۈشنى تېزلەتكۈچى رېئاكتىۋ راك كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل خىمىيىۋى بىرىكمە رېزىنكىلىك پەلەي، رېزىنكە ئۇۋۇقى ئارقىلىق ياسالغان داۋالىنىشتا ئىشلىتىدىغان ئۆتكۈزگۈچلۈك نەيچە ۋە بالوننىڭ تەركىبىدە بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە يەل كارىۋات، رېزىنكە چەملىك ئاياق، بوۋاقلارنىڭ سوسكا ئېغىزى، سۇ ئۈزۈش دوپپىسى ۋە سۇ ئۈزۈش ئەينىكى قاتارلىقلاردىمۇ بار ئىكەن. 

يىغىۋېلىنغان بالون ئارقىلىق ياسالغان رېزىنكە ئۇۋۇقى 3-ئەۋلاد پۇتبول مەيدانىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى بولۇپ، بۇنداق 3-ئەۋلاد پۇتبۇل مەيدانى ئەنگلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا زور تۈركۈملەپ ئىشلىنىۋاتىدۇ.بۇ خىل پۈتۈن كۈنلۈك پۇتبول مەيدانلىرى راك كېسىلى ۋەھىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مەركىزى نۇقتىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل مەھسۇلات تەركىبىدە سىماب، ئاليۇمىن،ئارسلىن ۋە باشقا زەھەرلىك خىمىيىۋى بىرىكمە بار ئىكەن. 

كىشىلەر، پۇتبولچىلار بولۇپمۇ ۋارتارننڭ بۇ خىل ماددىنى سۈمۈرۈۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، بۇ خىل رېزىنكە يەنە سۈركىلىشتىن بولغان يارا، جاراھەت ئېغىزلىرىغا سىڭىپ كىرىدىكەن. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز